يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر (قىسقىچە چۈشەندۈرۈش)
(قىسقىچە چۈشەندۈرۈش)
بۇ كىتابنىڭ مۇئەللىپى بېلىقچى زەبەدىينىڭ ئوغلى يۇھاننادۇر. ئۇ پېترۇس ۋە ئۆز قېرىندىشى ياقۇپ بىلەن بىر قاتاردا ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئەڭ يېقىن شاگىرتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ بۇ كىتابتا ئۆز ئىسمىنى ئىشلەتمەي، ئۆزىنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ياخشى كۆرىدىغان شاگىرتى دەپ تىلغا ئالغان (13-باب 23-ئايەت). مۇئەللىپ بۇ كىتابنى كىشىلەرنىڭ ھەزرىتى ئەيسانىڭ قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشى ھەم بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭغا باغلىنىپ ھاياتلىققا ئېرىشىشى ئۈچۈن يازغان.
مۇئەللىپ كىتابىنى ئەزەلدىن مەۋجۇت بولغان «كالام»، يەنى ئادەم تېنىدە ئىنسانلار ئارىسىغا كەلگەن ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدىكى مەلۇماتتىن باشلىغان. ئۇ ھەزرىتى ئەيسانىڭ كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرى ھەمدە ئۇنىڭ بۇ مۆجىزىلەر ئارقىلىق ھەقىقەتنى چۈشەندۈرگەنلىكىنى تەسۋىرلىگەن. ئۇ ھەزرىتى ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى بىلەن بىللە بولغان ئەڭ ئاخىرقى كەچلىك تامىقى ھەققىدە كۆپرەك مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ۋە تىرىلىشىنى خاتىرىلىگەن. مۇئەللىپ ھەزرىتى ئەيسا تىرىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ شاگىرتلىرى بىلەن بولغان بىرقانچە قېتىملىق ئۇچرىشىشىنى تەسۋىرلەش بىلەن كىتابىنى تاماملىغان.
بۇ كىتابتا مۇئەللىپ ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆزىنى «ھاياتلىق نېنى»، «ھاياتلىق سۈيى»، «دۇنيانىڭ نۇرى»، «ياخشى قويچى»، «يول، ھەقىقەت ۋە ھاياتلىق»، «ئۈزۈم تېلى» ۋە «ئىنسانلارنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگۈچى ۋە ھاياتلىق بەرگۈچى» دەپ تىلغا ئالغانلىقىنى خاتىرىلەش بىلەن ھەزرىتى ئەيسانىڭ دەل ئىنسانلار موھتاج بولغان قۇتقۇزغۇچى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.
تېزىس:
1. كالام - ھەزرىتى ئەيسادۇر (1-باب 1 - 18-ئايەتلەر)
2. يەھيا پەيغەمبەرنىڭ ھەزرىتى ئەيساغا گۇۋاھلىق بېرىشى (1-باب 19 - 34-ئايەتلەر)
3. ھەزرىتى ئەيسانىڭ دەسلەپكى شاگىرتلىرى (1-باب 35 - 51-ئايەتلەر)
4. ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالاھىدە يەتتە مۆجىزىسى (2 - 11-بابلار)
5. ھەزرىتى ئەيسانىڭ بۇ دۇنيادىكى ھاياتىنىڭ ئاخىرقى ھەپتىسى (12 - 19-بابلار)
6. ھەزرىتى ئەيسانىڭ تىرىلىشى ۋە شاگىرتلىرىغا كۆرۈنۈشى (20-، 21-بابلار)
يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر
Избрани в момента:
يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر (قىسقىچە چۈشەندۈرۈش): HZUT
Маркирай стих
Споделяне
Копиране
Искате ли вашите акценти да бъдат запазени на всички ваши устройства? Регистрирайте се или влезте
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

: