بۇنى ئاڭلىغان ھەيئەتلەر قوللىرى بىلەن قۇلاقلىرىنى ئېتىۋېلىشىپ، چۇقان سېلىشتى ۋە ئېتىلىپ بېرىپ، ئۇنى شەھەرنىڭ سىرتىغا ئىتتىرىپ چىقىرىپ، چالما-كېسەك قىلىشقا باشلىدى. ئىستىپاننى گۇناھكار دەپ گۇۋاھلىق بەرگەنلەر ئۇنى چالما-كېسەك قىلىشتىن بۇرۇن، چاپانلىرىنى سائۇل ئىسىملىك بىر ياشنىڭ يېنىدا قويۇپ قويغانىدى.