مۇسا چوڭ بولغاندىن كېيىن، ئىبرانىي قېرىنداشلىرى ئىشلەۋاتقان يەرگە بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئېغىر ئەمگەكلەرگە سېلىنىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى. شۇ ئارىدا ئۇ بىر مىسىرلىقنىڭ بىر ئىبرانىينى، يەنى ئۆز قېرىنداشلىرىدىن بىرىنى ئۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئەتراپىغا قارىدى. ئەتراپتا باشقا ئادەمنىڭ يوقلۇقىنى كۆرۈپ، ھېلىقى مىسىرلىقنى ئۆلتۈرۈپ، ئۆلۈكىنى قۇمغا كۆمۈۋەتتى.