شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرمۇ ھازىر ئازابلىنىۋاتىسىلەر، لېكىن مەن سىلەر بىلەن قايتا كۆرۈشىمەن. شۇ چاغدا، قەلبىڭلار خۇشاللىققا چۆمىدۇ. خۇشاللىقىڭلارنى ھېچكىم سىلەردىن تارتىۋالالمايدۇ. بىلىپ قويۇڭلاركى، شۇ ۋاقىت كەلگەندە، مەندىن ھېچ نەرسە سورىشىڭلارنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى، مېنىڭ نامىم بىلەن ئاتامنىڭ ئۆزىدىن نېمىنى تىلىسەڭلار، ئۇ شۇنى بېرىدۇ.