ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 3:5-5
ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 3:5-5 HZUT
پېترۇس ئۇنىڭغا: - ھانانىيا، نېمىشقا قورسىقىڭغا شەيتاننى كىرگۈزۈپ، يەر ساتقان پۇلنىڭ بىر قىسمىنى ئۆزۈڭگە قالدۇرۇش بىلەن مۇقەددەس روھقا يالغان ئېيتتىڭ؟ يەر سېتىلمىغاندا، سېنىڭ ئىدى. سېتىلغاندىن كېيىن، پۇلمۇ ئۆزۈڭنىڭ. شۇنداق تۇرۇقلۇق، يەنە نېمىشقا غەرەزلىك ھالدا: «پۇلنىڭ ھەممىسى مۇشۇ» دەپ كەلدىڭ؟ سەن ئىنسانغىلا ئەمەس، خۇداغىمۇ يالغان ئېيتتىڭ! - دېدى. ھانانىيا بۇ سۆزنى ئاڭلىغان ھامان يىقىلىپ، جان ئۈزدى. بۇ ئىشنى ئاڭلىغۇچىلار بەك قورقۇشۇپ كەتتى.