ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 17
17
ئەھدىنىڭ بەلگىسى خەتنە قىلىنىشتۇر
1ئىبرام 99 ياشقا كىرگەندە، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا زاھىر بولۇپ:
_ مەن ھەممىگە قادىر خۇدادۇرمەن. سەن داۋاملىق مېنىڭ يولۇمدا مېڭىپ، قۇسۇرسىز ئادەم بولغىن. 2مەن سەن بىلەن تۈزگەن ئەھدەمدە چىڭ تۇرۇپ، سېنى كۆپ ئەۋلادلىق قىلىمەن، _ دېدى.
3ئىبرام يەرگە باش قويدى. خۇدا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:
4_ مەن سەن بىلەن تۈزگەن ئەھدەم بويىچە ساڭا شۇنى ۋەدە قىلىمەنكى، سەن نۇرغۇن ئەللەرنىڭ ئاتىسى بولىسەن. 5ھازىردىن باشلاپ سېنىڭ ئىسمىڭ ئىبرام ئەمەس، ئىبراھىم [مەنىسى «نۇرغۇن ئەۋلادلارنىڭ ئاتىسى»] بولسۇن. چۈنكى مەن سېنى نۇرغۇن ئەللەرنىڭ ئاتىسى قىلىمەن. 6مەن سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنى زىيادە قىلىمەن. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن يېڭى ئەل ۋە پادىشاھلار چىقىدۇ. 7مەن سەن ۋە سەندىن كېيىنكى ئەۋلادلىرىڭ بىلەن تۈزگەن مەڭگۈلۈك ئەھدەمدە تۇرىمەن. مەن سېنىڭ ۋە ئەۋلادلىرىڭنىڭ خۇداسىدۇرمەن. 8سەن ھازىر كەنئاندا مۇساپىر بولۇپ ياشاۋاتىسەن. ئەمما بۇ زېمىننى ساڭا ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا ئاتا قىلىمەن. ئۇ سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنىڭ مەڭگۈلۈك مۈلكى بولىدۇ. مەن ئۇلارنىڭمۇ خۇداسى بولىمەن!
9خۇدا يەنە مۇنداق دېدى:
_ سەن ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ بىلەن تۈزگەن ئەھدەمدە چىڭ تۇرۇڭلار. 10ئاراڭلاردىكى ھەرقانداق ئەر كىشى خەتنە قىلىنسۇن. مانا بۇ مېنىڭ سەن ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ بىلەن تۈزگەن ئەھدەمدۇر. 11-12ھازىردىن باشلاپ، سىلەر بارلىق ئوغۇل بوۋاقلىرىڭلارنىڭ، مەيلى ئۆيۈڭلاردىكى قۇللار تۇغقان ياكى باشقا ئەللەردىن سېتىۋالغان قۇلۇڭلار تۇغقان ئوغۇل بوۋاقلار بولسۇن، ئۇلار تۇغۇلۇپ سەككىزىنچى كۈنى ئۇلارنىڭ خەتنىسىنى قىلىڭلار. خەتنە قىلىش ئارىمىزدا تۈزۈلگەن ئەھدىنىڭ بەلگىسىدۇر. 13ھەممە ئەرلەر خەتنە قىلىنسۇن. سىلەرنىڭ تېنىڭلاردىكى بەلگە ئارىمىزدا تۈزۈلگەن مەڭگۈلۈك ئەھدىمىزنىڭ بەلگىسىدۇر. 14خەتنە قىلىنمىغان ئەر خەلقىم قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن. ئۇنداق كىشى ئەھدىنى بۇزغان بولىدۇ.
15خۇدا ئىبراھىمغا يەنە مۇنداق دېدى:
_ سېنىڭ ئايالىڭ ساراھنىڭ ئىسمى ھازىردىن باشلاپ سارە [مەنىسى «مەلىكە»] بولسۇن. 16مەن ئۇنىڭغا بەخت ئاتا قىلىمەن، سېنىڭ ئۇنىڭدىن بىر ئوغلۇڭ بولىدۇ. سارە نۇرغۇن ئەللەرنىڭ ئانىسى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىدىن پادىشاھلار چىقىدۇ.
17ئىبراھىم بۇنى ئاڭلاپ، يەرگە باش قويدى. لېكىن ئۇ كۈلۈپ، كۆڭلىدە «100 ياشلىق بوۋاي قانداقمۇ پەرزەنت كۆرەلىسۇن؟! سارە 90 ياشقا كىرگەن تۇرسا، قانداقمۇ ھامىلىدار بولالىسۇن؟» دەپ ئويلىدى 18ۋە خۇداغا:
_ ئىسمائىل ئىزباسارىم بولسىچۇ؟ _ دېدى.
19لېكىن خۇدا مۇنداق دېدى:
_ ياق، ئايالىڭ سارە ساڭا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئىسمىنى ئىسھاق [مەنىسى «كۈلكە»] قوي. مەن ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن تۈزگەن مەڭگۈلۈك ئەھدەمدە چىڭ تۇرىمەن. 20لېكىن مەن تەلىپىڭنى ئاڭلىدىم، ئىسمائىلغىمۇ بەخت ئاتا قىلىپ، ئۇنىڭ نەسلىنى ناھايىتى كۆپ قىلىمەن. ئۇ 12 پادىشاھنىڭ ئاتىسى بولىدۇ. مەن ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئۇلۇغ بىر ئەلگە ئايلاندۇرىمەن. 21بىراق مەن ئەھدەمنى تۇغۇلىدىغان ئوغلۇڭ ئىسھاق بىلەن تۈزىمەن. كېلەر يىلى مۇشۇ ۋاقىتتا سارە ئۇنى تۇغىدۇ.
22خۇدا ئىبراھىمغا بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولۇپ، ئۇنىڭ يېنىدىن ئايرىلدى.
23شۇ كۈنى ئىبراھىم خۇدانىڭ ئەمرى بويىچە، ئائىلىسىدىكى ھەممە ئەرلەرنى، يەنى ئوغلى ئىسمائىلنى، ئائىلىسىدە تۇغۇلغان ۋە سېتىۋېلىنغان قۇللارنى خەتنە قىلدۇردى. 24ئىبراھىم خەتنە قىلىنغاندا، 99 ياشتا، 25ئىسمائىل 13 ياشتا ئىدى. 26-27ئىبراھىم، ئىسمائىل ۋە ئائىلىسىدە تۇغۇلغان قۇللار، شۇنداقلا يات ئەللەردىن سېتىۋېلىنغان قۇللار بىرلىكتە بىر كۈندە خەتنە قىلىندى.
Currently Selected:
ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 17: HZUT
Highlight
Share
Copy
Want to have your highlights saved across all your devices? Sign up or sign in
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

: