ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 22
22
خۇدانىڭ ئىبراھىمنى سىنىشى
1بۇ ۋەقەلەردىن كېيىن، خۇدا ئىبراھىمنىڭ ئېتىقادىنى سىناپ:
_ ئىبراھىم! _ دەپ چاقىردى. ئىبراھىم:
_ لەببەي! _ دېدى. 2خۇدا ئۇنىڭغا:
_ سەن ئوغلۇڭنى، يەنى ئامراق يالغۇز ئوغلۇڭ ئىسھاقنى ئېلىپ، مورىيا رايونىغا بارغىن. مەن ئۇ يەردە ساڭا بىر تاغنى كۆرسىتىمەن، سەن شۇ تاغنىڭ ئۈستىدە ئوغلۇڭنى ماڭا ئاتاپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلغىن، _ دېدى.
3ئەتىسى سەھەردە ئىبراھىم ئېشىكىنى تەييارلاپ، ئىسھاق بىلەن ئىككى چاكىرىنى ئېلىپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىققا ئىشلىتىدىغان ئوتۇنلارنى تەييارلاپ، خۇدا كۆرسەتكەن جايغا قاراپ ماڭدى. 4ئۈچىنچى كۈنى ئىبراھىم ئۇ يەرنى يىراقتىن كۆردى. 5ئۇ چاكارلىرىغا:
_ سىلەر ئېشەك بىلەن بۇ يەردە تۇرۇپ تۇرۇڭلار. بالام ئىككىمىز ئۇ يەرگە بېرىپ، ئىبادەت قىلىپ كېلەيلى، _ دېدى.
6ئىبراھىم ئىسھاققا ئوتۇنلارنى كۆتۈرتۈپ، ئۆزى قولىغا پىچاق بىلەن ئوتنى ئېلىپ، بىرلىكتە ئالدىغا قاراپ، يۈرۈپ كەتتى. 7ئىسھاق:
_ ئاتا، _ دەپ چاقىردى. ئىبراھىم:
_ ھە، ئوغلۇم؟ _ دېدى.
_ ئوت بىلەن ئوتۇن بار، لېكىن كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىدىغان پاقلان قېنى؟ _ دەپ سورىدى ئىسھاق. 8ئىبراھىم ئۇنىڭغا:
_ ئەي ئوغلۇم، قۇربانلىق قىلىدىغان پاقلاننى خۇدا ئۆزى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى. ئىككىيلەن توختىماي مېڭىۋەردى.
9ئۇلار خۇدا ئىبراھىمغا كۆرسەتكەن جايغا كەلگەندە، ئىبراھىم قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، ئۈستىگە ئوتۇنلارنى دۆۋىلەپ، ئوغلى ئىسھاقنى باغلاپ، ئوتۇننىڭ ئۈستىگە ياتقۇزدى. 10ئاندىن ئوغلىنى بوغۇزلاش ئۈچۈن پىچاقنى كۆتۈردى. 11بىراق پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى#22: 11 پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى _ بۇ، خۇدانىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ. ئەرشتىن:
_ ئىبراھىم! ئىبراھىم! _ دەپ ۋارقىرىدى.
_ لەببەي! _ دېدى ئۇ. 12پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭغا:
_ قولۇڭنى تارت! بالىغا چېقىلما! سېنىڭ ماڭا بولغان ئىخلاسمەنلىكىڭنى ئەمدى بىلدىم. چۈنكى سەن ئۆز ئوغلۇڭنى، يەنى يالغۇز ئوغلۇڭنىمۇ مەندىن ئايىمىدىڭ، _ دېدى.
13ئىبراھىم ئارقىسىغا قارىۋىدى، مۈڭگۈزى چاتقالغا ئېلىشىپ قالغان بىر قوچقارنى كۆردى. ئۇ بېرىپ قوچقارنى ئەكېلىپ، ئۇنى ئوغلىنىڭ ئورنىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلدى.
14شۇڭا ئىبراھىم بۇ يەرنى «ياھۋەھ-يىرەھ» [مەنىسى «پەرۋەردىگار تەمىنلەيدۇ»] دەپ ئاتىدى. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ سۆز «پەرۋەردىگار ئۆز تېغىدا تەمىنلەيدۇ» دېگەن تەمسىلگە ئايلاندى. بۇ تەمسىل شۇندىن بېرى ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە.
15پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئىككىنچى قېتىم ئاسماندىن ئىبراھىمغا:
16_ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سەن ئۆز ئوغلۇڭنى، يەنى يالغۇز ئوغلۇڭنى ئايىمىغانىكەنسەن، مەن ئۆز نامىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، 17ساڭا بەخت ئاتا قىلىمەن. سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك، دېڭىز ساھىلدىكى قۇملاردەك كۆپ قىلىمەن. ئۇلار دۈشمەنلىرىنىڭ شەھەرلىرىنى ئىگىلەيدۇ. 18سەن مېنىڭ ئەمرىمگە ئىتائەت قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن، يەر يۈزىدىكى ھەممە خەلقلەر سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ ئارقىلىق بەختكە ئېرىشىدۇ»، _ دېدى.
19ئىبراھىم چاكارلىرىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ، ئۇلار بىلەن بىرگە بەئەرشەباغا قايتتى. ئىبراھىم داۋاملىق شۇ يەردە ياشاپ قالدى.
ناخورنىڭ ئەۋلادلىرى
20بىر مەزگىلدىن كېيىن ئىبراھىم ئىنىسى ناخورنىڭ ئايالى مىلكاھنىڭ سەككىز ئوغۇل تۇغقانلىقىنى ئاڭلىدى. 21تۇنجى ئوغلى ئۇز، ئىككىنچى ئوغلى بۇز، ئۈچىنچى ئوغلى كىمۇئېل (ئارراملارنىڭ ئەجدادى بولدى)، 22قالغانلىرى كەسەد، خازو، پىلداش، يىدلاف ۋە بېتۇئېل ئىدى. 23بېتۇئېل كېيىن رىبەقانىڭ ئاتىسى بولدى. يۇقىرىدىكىلەر مىلكاھ ناخورغا، يەنى ئىبراھىمنىڭ ئىنىسىغا تۇغۇپ بەرگەن سەككىز ئوغۇل ئىدى. 24ناخورنىڭ توقىلى رىئۇمامۇ تۆت ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. ئۇلار تەباخ، گاخام، تاخاش ۋە مائاكا ئىدى.
Currently Selected:
ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 22: HZUT
Highlight
Share
Copy
Want to have your highlights saved across all your devices? Sign up or sign in
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

: