ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 28
28
1ئىسھاق ياقۇپنى يېنىغا چاقىرىپ، ئۇنىڭغا دۇئا قىلىپ، مۇنداق بۇيرۇدى:
_ سەن كەنئانلىق قىزلارغا ئۆيلەنمىگىن. 2پاددان-ئاررام رايونىدا ياشايدىغان ئاناڭنىڭ ئاتىسى بېتۇئېلنىڭ ئۆيىگە بارغىن ۋە ئاناڭنىڭ ئاكىسى لاباننىڭ قىزلىرىدىن بىرىنى ئەمرىڭگە ئالغىن. 3ھەممىگە قادىر خۇدا ساڭا بەخت ئاتا قىلىپ، ئەۋلادلىرىڭنى كۆپ قىلغاي، ئۇلاردىن نۇرغۇن ئەللەر كېلىپ چىققاي! 4ئۇ ئىبراھىمغا بەرگەن ۋەدىسى بويىچە ساڭا ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا بەخت ئاتا قىلغاي. سەن ھازىر مۇساپىر بولۇپ ياشاۋاتقان يەرنى، يەنى خۇدا ئىبراھىمغا بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىننى ساڭا ئاتا قىلغاي!
5شۇنىڭ بىلەن ئىسھاق ياقۇپنى پاددان-ئاررام رايونىدىكى ئارراملاردىن بولغان بېتۇئېلنىڭ ئوغلى لاباننىڭ يېنىغا يولغا سالدى. لابان رىبەقانىڭ ئاكىسى بولۇپ، رىبەقا ئەساۋ بىلەن ياقۇپنىڭ ئانىسى ئىدى.
ئەساۋنىڭ يەنە بىر ئايال ئېلىشى
6-7ئەساۋ ئىنىسى ياقۇپنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن پاددان-ئاررام رايونىغا ئۆيلىنىش ئۈچۈن كەتكەنلىكىدىن ۋە ئاتىسى ئىسھاق ئۇنىڭغا دۇئا قىلغاندا، كەنئانلىق قىزلارغا ئۆيلەنمەسلىكىنى تاپىلىغانلىقىدىن خەۋەر تاپتى. 8ئەساۋ بۇنىڭدىن ئاتىسى ئىسھاقنىڭ كەنئانلىق ئاياللارنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى چۈشەندى. 9شۇڭا ئۇ ئىبراھىمنىڭ ئوغلى، يەنى تاغىسى ئىسمائىلنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭ قىزى ماخالاتنى ئاياللىرىنىڭ ئۈستىگە خوتۇنلۇققا ئالدى. ماخالات نىبايوتنىڭ سىڭلىسى ئىدى.
ياقۇپنىڭ بەيتەلدە چۈش كۆرۈشى
10ياقۇپ بەئەرشەبادىن ئايرىلىپ، ھارانغا قاراپ يولغا چىقتى. 11كۈن پاتقاندا، ئۇ بىر يەرگە يېتىپ كېلىپ، شۇ يەردە قوندى. ئۇ بىر تاشنى بېشىغا قويۇپ، ئۇيقۇغا كەتتى. 12ئۇ چۈشىدە يەردىن ئاسمانغا تۇتاشقان بىر پەلەمپەينى كۆردى. خۇدانىڭ پەرىشتىلىرى پەلەمپەيدە يۇقىرى-تۆۋەن مېڭىپ يۈرەتتى. 13ئۇ يەنە پەرۋەردىگارنىڭ پەلەمپەينىڭ ئۈستى تەرىپىدە تۇرۇپ، ئۆزىگە: «مەن پەرۋەردىگار، بوۋاڭ ئىبراھىم ۋە ئاتاڭ ئىسھاق ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا بولىمەن. مەن ھازىر سەن ياتقان زېمىننى ساڭا ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا ئاتا قىلىمەن. 14ئۇلارنىڭ سانى قۇملاردەك كۆپ بولىدۇ، ئۇلار شەرققە غەربكە، جەنۇبقا ۋە شىمالغا تارقىلىپ، پۈتۈن زېمىننى قاپلايدۇ. يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل ئەللەر سەن ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ ئارقىلىق بەخت تاپىدۇ. 15مەن ساڭا يار بولىمەن. سەن قەيەرگە بارساڭ، سېنى شۇ يەردە قوغدايمەن ھەمدە سېنى بۇ يەرگە قايتۇرۇپ ئەكېلىمەن. سېنى ھەرگىز تاشلىمايمەن، ساڭا بەرگەن ۋەدەمنى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرىمەن!» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدى.
16ياقۇپ ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىپلا: «مەن بىلمەپتىكەنمەن، پەرۋەردىگار ھەقىقەتەن بۇ يەردە ئىكەن!» دېدى. 17ئۇ قورقۇپ كەتتى. ئۇ: «بۇ نېمىدېگەن قورقۇنچلۇق جاي، بۇ باشقا يەر ئەمەس، دەل خۇدانىڭ ئۆيى، يەنى ئەرشكە چىقىدىغان دەرۋازا ئىكەن!» دېدى.
18ئەتىسى تاڭ سەھەردىلا ياقۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ، بېشىغا قويغان ھېلىقى تاشنى خاتىرە قىلىپ تىكلىدى ۋە ئۇنى خۇداغا ئاتاپ ئۈستىگە ياغ قۇيدى. 19بۇ يەرنىڭ بۇرۇنقى ئىسمى لۇز بولسىمۇ، ياقۇپ ئۇنى بەيتەل [مەنىسى «خۇدانىڭ ئۆيى»] دەپ ئاتىدى.
20ئاندىن ئۇ خۇداغا قەسەم قىلىپ:
_ ئەگەر سەن ماڭا يار بولۇپ، سەپىرىمدە مېنى قوغداپ، يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك ئاتا قىلىپ، 21يۇرتۇمغا ئامان-ئېسەن قايتۇرۇپ ئاپارساڭ، ساڭا مەڭگۈ ئەگىشىمەن. 22مەن خاتىرە تاش تىكلەپ قويغان بۇ جاي ئىنسانلار ساڭا ئىبادەت قىلىدىغان مۇقەددەس جاي بولىدۇ. ماڭا بېغىشلىغانلىرىڭنىڭ ئوندىن بىرىنى ساڭا ئاتايمەن، _ دېدى.
Currently Selected:
ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 28: HZUT
Highlight
Share
Copy
Want to have your highlights saved across all your devices? Sign up or sign in
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

: