ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 30
30
1راھىلە ياقۇپقا بالا تۇغۇپ بېرەلمىگەچكە، ھەدىسىگە ھەسەت قىلىپ، ياقۇپقا:
_ مەندىنمۇ بالا تېپىڭ، بولمىسا ئۆلگىنىم ياخشى! _ دېدى. 2ياقۇپ راھىلەگە ئاچچىقلاپ:
_ سېنى تۇغماس قىلىپ قويغان خۇدا تۇرسا، مەن نېمە قىلالايتتىم؟ _ دېدى. 3راھىلە ئۇنىڭغا:
_ سىز مېنىڭ دېدىكىم بىلھاھ بىلەن بىر ئورۇندا يېتىڭ. ئۇ ماڭا بالا تۇغۇپ بەرسۇن، شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ ئانا بولۇپ قالاي، _ دېدى.
4شۇنداق قىلىپ، راھىلە دېدىكى بىلھاھنى ئېرىگە توقاللىققا بەردى. ياقۇپ بىلھاھ بىلەن بىر ئورۇندا ياتتى. 5بىلھاھ ھامىلىدار بولۇپ، ياقۇپقا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. 6راھىلە: «خۇدا ئادىل ھۆكۈم چىقىرىپ دۇئايىمنى ئاڭلاپ، ماڭا بىر ئوغۇل بەردى!» دېدى. شۇڭا بالىنىڭ ئىسمىنى دان [مەنىسى «ئادىل ھۆكۈم چىقىرىش»] دەپ قويدى. 7بىلھاھ يەنە ھامىلىدار بولۇپ، ياقۇپقا ئىككىنچى ئوغۇلنى تۇغۇپ بەردى. 8راھىلە: «مەن ھەدەم بىلەن قاتتىق كۈرەش قىلىپ، ئاخىر ئۇنى يەڭدىم» دېدى. شۇڭا بالىنىڭ ئىسمىنى نافتالى [مەنىسى «كۈرىشىم»] دەپ قويدى.
9لېياھ ئۆزىنىڭ تۇغۇتىنىڭ توختاپ قالغانلىقىنى سېزىپ، دېدىكى زىلپانى ياقۇپقا توقاللىققا بەردى. 10زىلپا ياقۇپقا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. 11لېياھ: «مەن ھەقىقەتەن تەلەيلىك!» دېدى ۋە بالىنىڭ ئىسمىنى گاد [مەنىسى «تەلەيلىك»] قويدى. 12زىلپا ياقۇپقا ئىككىنچى ئوغۇلنى تۇغۇپ بەردى. 13لېياھ: «مەن ھەقىقەتەن بەختلىك-ھە! ئاياللار مېنى بەختلىك ئايال دېيىشىدۇ!» دېدى. شۇڭا بالىنىڭ ئىسمىنى ئاشېر [مەنىسى «بەختلىك»] دەپ قويدى.
14ئورما مەزگىلىدە لېياھنىڭ چوڭ ئوغلى رۇبېن بۇغدايلىقتىن تۇغماسلىققا شىپا بولىدىغان بىر خىل دورا ئۆسۈملۈك تېپىۋېلىپ، ئانىسى لېياھقا بەردى. بۇنى كۆرگەن راھىلە لېياھقا:
_ ماڭا ئوغلۇڭ تېپىۋالغان دورا ئۆسۈملۈكتىن بىرئاز بەرگىن، _ دېدى. 15لېياھ ئۇنىڭغا:
_ مېنىڭ ئېرىمنى تارتىۋالغىنىڭ يەتمەمدۇ؟ ئەمدى مېنىڭ ئوغلۇم تېپىۋالغان دورا ئۆسۈملۈكنىمۇ تارتىۋېلىپ، مېنى بالا تۇغۇشتىن مەھرۇم قىلماقچىمۇسەن؟ _ دېدى. راھىلە:
_ ئەگەر سەن ئوغلۇڭ تېپىۋالغان دورا ئۆسۈملۈكنى ماڭا بەرسەڭ، بۈگۈن كېچە ياقۇپ سەن بىلەن بىللە بولسۇن، _ دېدى.
16شۇ كۈنى كەچتە ياقۇپ بۇغدايلىقتىن قايتىپ كەلگەندە، لېياھ ئالدىغا چىقىپ:
_ بۈگۈن ئاخشام چوقۇم مەن بىلەن يېتىڭ. چۈنكى ئوغلۇم تېپىۋالغان دورا ئۆسۈملۈكنىڭ بەدىلىگە سىز بىلەن بۈگۈن كېچە بىر ئورۇندا يېتىش ھوقۇقىغا ئېرىشتىم، _ دېدى. شۇڭا ئۇ كېچە ياقۇپ لېياھ بىلەن بىللە ياتتى.
17لېياھنىڭ دۇئاسى خۇداغا يەتتى. ئۇ يەنە ھامىلىدار بولۇپ، ياقۇپقا بەشىنچى ئوغۇلنى تۇغۇپ بەردى. 18لېياھ: «مەن دېدىكىمنى ئېرىمگە توقاللىققا بەرگەنلىكىم ئۈچۈن، خۇدا مېنى مۇكاپاتلىدى» دېدى. شۇڭا ئۇ بالىنىڭ ئىسمىنى ئىسساكار [ئىبرانىي تىلىدىكى «مۇكاپات» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دەپ قويدى.
19لېياھ يەنە ھامىلىدار بولۇپ، ياقۇپقا ئالتىنچى ئوغۇلنى تۇغۇپ بەردى. 20ئۇ: «خۇدا ماڭا قىممەتلىك سوۋغات بەردى. ئەمدى ئېرىم ماڭا ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ. چۈنكى مەن ئۇنىڭغا ئالتە ئوغۇل تۇغۇپ بەردىم» دېدى. شۇڭا ئۇ بالىنىڭ ئىسمىنى زەبۇلۇن [ئىبرانىي تىلىدىكى «سوۋغات» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دەپ قويدى. 21ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ بىر قىز تۇغدى ۋە ئۇنىڭ ئىسمىنى دىنا دەپ قويدى.
22كېيىن خۇدا راھىلەگە مەرھەمەت قىلدى. ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، ئۇنى پەرزەنت كۆرۈشكە قادىر قىلدى. 23ئۇ ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. ئۇ: «خۇدا ماڭا بىر ئوغۇل ئاتا قىلىپ، مېنى نومۇستىن خالاس قىلدى، 24پەرۋەردىگاردىن يەنە بىر ئوغۇل تىلەيمەن!» دەپ، تۇغۇلغان ئوغلىنىڭ ئىسمىنى يۈسۈپ [ئىبرانىي تىلىدىكى «يەنە بەرسۇن» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دەپ قويدى.
ياقۇپنىڭ بېيىپ كېتىشى
25راھىلە يۈسۈپنى تۇغقاندىن كېيىن، ياقۇپ لابانغا:
_ ماڭا رۇخسەت قىلسىڭىز، مەن ئۆز يۇرتۇمغا قايتاي. 26ئايال ۋە بالىلىرىمنىمۇ بىرگە ئېلىپ كېتىشىمگە رۇخسەت قىلسىڭىز، ئۇلارغا مەن سىزگە ئىشلەپ بېرىپ، ئىگە بولدۇم. مېنىڭ قانداق تىرىشىپ ئىشلىگىنىم ئۆزىڭىزگە مەلۇم، _ دېدى. 27لابان ئۇنىڭغا:
_ سەن مەندىن رازى بولغان بولساڭ، يېنىمدىن ئايرىلما. پال ئاچتۇرۇپ شۇنى بىلدىمكى، پەرۋەردىگار سەن ئارقىلىق ئىشلىرىمغا بەرىكەت ئاتا قىلغانىكەن. 28ئېيتقىن، قانچىلىك ئىش ھەققى سورىساڭ، جەزمەن شۇنچىلىك ئىش ھەققى بېرىمەن، _ دېدى. 29ياقۇپ مۇنداق جاۋاب بەردى:
_ مېنىڭ جان تىكىپ ئىشلىشىم بىلەن چارۋا ماللىرىڭىز شۇنچىلىك كۆپىيىپ كەتتى، بۇ ئۆزىڭىزگە ئايان. 30مەن كېلىشتىن ئىلگىرى سىزنىڭ قول-ئىلكىڭىزدىكى مال-مۈلۈكلەر شۇنچىلىك ئاز ئىدى، ھازىر بايلىقىڭىز شۇنچىلىك كۆپەيدى. پەرۋەردىگار مېنىڭ يېنىڭىزدا بولغىنىمدىن سىزگە بەخت ئاتا قىلدى. ئەمدى مەن ئۆز ئائىلەمنى ئويلىشىم كېرەك.
31_ ئەمىسە، ساڭا قانچىلىك ئىش ھەققى بېرەي؟ _ دەپ سورىدى لابان. ياقۇپ مۇنداق جاۋاب بەردى:
_ ماڭا ئىش ھەققى كېرەك ئەمەس! ئەگەر تۆۋەندىكى بۇ تەكلىپىمگە قوشۇلسىڭىز، چارۋىلىرىڭىزنى داۋاملىق باقاي. 32بۈگۈن مەن قوي، ئۆچكىلىرىڭىزنىڭ ئارىسىدىكى تاغىل، چىپار ۋە قارا قويلارنى ھەمدە چىپار ۋە تاغىل ئۆچكىلەرنى ئايرىپ چىقاي. بۇلار مېنىڭ ئىش ھەققىم بولسۇن. 33ئەگەر سىز كېيىن ماڭا ئىش ھەققى سۈپىتىدە بەرگەن قوي، ئۆچكىلەرنى تەكشۈرگىنىڭىزدە، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تاغىل ۋە چىپار بولمىغان ئۆچكە ياكى قارا بولمىغان قويلارنى بايقىسىڭىز، ئۇلارنى ئوغرىلاپ كېلىنگەن دەپ بىلىڭ. سىز بۇنىڭدىن مېنىڭ سەمىمىي ياكى ئەمەسلىكىمنى بىلىسىز. 34لابان:
_ سېنىڭ تەكلىپىڭگە قوشۇلدۇم، دېگىنىڭدەك بولسۇن! _ دېدى.
35بىراق شۇ كۈنى لابان ئەسلى ياقۇپقا بېرىشكە تېگىشلىك بولغان تاغىل، چىپار تېكىلەرنى، چىپار، تاغىل ۋە ئازراق ئاق ئارىلاشقان ئالا چىشى ئۆچكىلەرنى ھەمدە بارلىق قارا قويلارنى ئاستىرتىن ئايرىپ چىقىپ، ئۆز ئوغۇللىرىغا باقتۇردى. 36ئاندىن ئۇ بۇ قوي ۋە ئۆچكىلەرنى ئېلىپ، ياقۇپتىن ئۈچ كۈنلۈك يىراقلىقتىكى بىر جايغا كەتتى. ياقۇپ لاباننىڭ قالغان پادىلىرىنى بېقىپ قالدى. 37ئۇ تېرەك، بادام ۋە چىنار دەرەخلىرىدىن يېڭى شاخلارنى كېسىپ ئەكېلىپ، ئۇلارنى بىر يولىدا قوۋزىقى بار، يەنە بىر يولىدا قوۋزىقى يوق قىلىپ، ئالا-تاغىل سويدى. 38ئۇ بۇ شاخلارنى ماللار سۇ ئىچىدىغان نورنىڭ ئىچىگە تىك تۇرغۇزۇپ قويدى. 39ماللار سۇ ئىچكىلى كەلگەندە، شۇ يەردە جۈپلىشىپ قالاتتى. ماللار شاخلارنىڭ ئالدىدا جۈپلەشكەنلىكى ئۈچۈن، تاغىل ۋە چىپار قوزىلارنى تۇغاتتى. 40ياقۇپ يېڭى تۇغۇلغان تاغىل ۋە چىپار قوزىلارنى باشقا قوي ۋە ئۆچكىلەردىن ئايرىپ باقتى. قالغان قوي، ئۆچكىلەرنى لابان ئېلىپ كەتكەن تاغىل ۋە قارا قوي ۋە ئۆچكىلەرگە قارىتىپ جۈپلەشتۈردى. شۇنداق قىلىپ، ياقۇپ ئۆز پادىلىرىنى كۆپەيتتى ھەمدە لاباننىڭ پادىلىرىدىن ئايرىپ چىقتى. 41كۈچلۈك قوي، ئۆچكىلەر جۈپلەشسە، ياقۇپ شاخلارنى ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى نورنىڭ ئىچىگە تىك تۇرغۇزۇپ قوياتتى. ماللار شۇ شاخلارنىڭ ئالدىدا جۈپلىشەتتى. 42لېكىن تېنى ئاجىز ماللار جۈپلەشسە، ئۇنداق قىلمايتتى. ئۇزۇن ئۆتمەي، ئاجىز ماللار لابانغا قېلىپ، كۈچلۈك ماللار ياقۇپنىڭ بولدى. 43شۇنداق قىلىپ، ياقۇپ بارغانسېرى بېيىپ، نۇرغۇن قوي، ئۆچكە، قۇل، دېدەك، تۆگە ۋە ئېشەكلەرگە ئىگە بولدى.
Currently Selected:
ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 30: HZUT
Highlight
Share
Copy
Want to have your highlights saved across all your devices? Sign up or sign in
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

: