ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 33
33
ياقۇپنىڭ ئەساۋ بىلەن ئۇچرىشىشى
1ياقۇپ ئەساۋنىڭ تۆت يۈز كىشىنى ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، پەرزەنتلىرىنى لېياھ، راھىلە ۋە ئىككى توقىلىغا بۆلۈپ بەردى. 2ئۇ ئىككى توقىلىنى بالىلىرى بىلەن بىرىنچى سەپتە، لېياھنى بالىلىرى بىلەن ئىككىنچى سەپتە ماڭدۇردى. ئەڭ كەينىدە راھىلە بىلەن يۈسۈپنى ماڭدۇردى. 3ياقۇپ ئۆزى ئۇلارنىڭ ئالدىدا ماڭدى. ئۇ ئاكىسىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، بېشى يەرگە تەگكۈدەك ئېگىلىپ، يەتتە قېتىم تەزىم قىلدى.
4ئەساۋ ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، قۇچاقلاپ سۆيۈپ كەتتى، ھەر ئىككىسى يىغلىشىپ كۆرۈشتى. 5ئەساۋ ئەتراپىغا قاراپ، ئاياللار ۋە بالىلارنى كۆرۈپ:
_ يېنىڭدىكى بۇ كىشىلەر كىم بولىدۇ؟ _ دەپ سورىدى. ياقۇپ:
_ خۇدا كەمىنىلىرىگە ياخشىلىق قىلىپ، بۇ بالىلارنى ئاتا قىلدى، _ دەپ جاۋاب بەردى.
6ئاندىن ئىككى توقىلى بالىلىرىنى باشلاپ ئالدىغا ئۆتۈپ، ئەساۋغا ئېگىلىپ تەزىم قىلدى. 7كەينىدىن لېياھ ۋە ئۇنىڭ بالىلىرى، ئاخىردا يۈسۈپ بىلەن راھىلەمۇ ئالدىغا ئۆتۈپ، ئېگىلىپ تەزىم قىلدى. 8ئەساۋ يەنە:
_ پادىلارنى ئالدىڭدا ماڭدۇرۇشتىكى مەقسىتىڭ نېمە؟ _ دەپ سورىدى.
_ مەن مەرھەمەتلىرىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن سوۋغىتىمدۇر، _ دېدى ياقۇپ. 9بىراق ئەساۋ:
_ ئۇكام، مېنىڭ توققۇزۇم تەل. بۇ نەرسىلەر ئۆزۈڭدە قالسۇن، _ دېدى.
10_ ياق، ماڭا مەرھەمەت قىلسىلا، سوۋغىتىمنى قوبۇل قىلغايلا. سىلى مېنى خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالدىلا، دىدارلىرىنى كۆرگىنىمدە، خۇدانىڭ دىدارىنى كۆرگەندەك بولدۇم. 11مېنىڭ سىلىگە ئېلىپ كەلگەن سوۋغىتىمنى قوبۇل قىلغايلا، خۇدا ماڭا ياخشىلىق قىلدى. ئۇ ماڭا ئېھتىياجلىق بولغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى بېغىشلىدى، _ دېدى ياقۇپ.
ياقۇپ ئەساۋدىن سوۋغىتىنى قوبۇل قىلىشنى قايتا-قايتا تەلەپ قىلغاچقا، ئەساۋ ئاخىر نائىلاج قوبۇل قىلدى.
12_ ئەمىسە ماڭايلى، مەن سەن بىلەن بىللە ماڭاي، _ دېدى ئەساۋ. 13بىراق ياقۇپ:
_ سىلى بىلىلا، بالىلىرىم يول ئازابىدىن بەك ئاجىزلاپ كەتتى، موزاي، قوزىلارمۇ تېخى سۈتتىن ئايرىلمىدى. مەن ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىم كېرەك. ئەگەر بىز يەنە بىر كۈنلا ماڭساق، ھەممە كالا، قويلىرىمىز ھالاك بولىدۇ. 14شۇڭا سىلى ئالدىمىزدا مېڭىپ تۇرسىلا. چارۋا ماللار ۋە بالىلار قانچىلىك ماڭالىسا، مەنمۇ شۇنچىلىك ماڭاي. سىلى بىلەن سەئىردە كۆرۈشەيلى، _ دېدى.
15_ ئۇنداق بولسا، مەن ئادەملىرىمدىن بىرقانچىنى ساڭا ياردەمگە قالدۇرۇپ كېتەي، _ دېدى ئەساۋ. لېكىن ياقۇپ:
_ ھاجىتى يوق، سىلىنىڭ مەرھەمەتلىرىگە ئېرىشكەنلىكىم ماڭا كۇپايە، _ دېدى.
16شۇنىڭ بىلەن ئەساۋ شۇ كۈنىلا يولغا چىقىپ، سەئىرگە قايتتى. 17لېكىن ياقۇپ باشقا يەرگە باردى. ئۇ شۇ يەردە ئۆزىگە ئۆي، ماللىرىغا لاپاس سالدى. شۇڭا بۇ يەرنىڭ نامى سۇككوت [مەنىسى «لاپاس»] دەپ ئاتالدى.
18دېمەك، ياقۇپ پاددان-ئاررامدىن كەنئان رايونىدىكى شەكەم شەھىرىگە ئامان-ئېسەن قايتىپ كېلىپ، شەھەر ئەتراپىدىكى تۈزلەڭلىكتە ئولتۇراقلاشتى. 19ئۇ بۇ يەرنى ھامۇرنىڭ ئوغۇللىرىدىن يۈز كۈمۈش تەڭگىگە سېتىۋالغانىدى. (شەكەم خامورنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ بىرى ئىدى.) 20ئۇ بۇ يەردە قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، ئۇنىڭغا ئەل-ئەلوھىي-ئىسرائىل [مەنىسى «ئىسرائىل ئىبادەت قىلغان خۇدا»] دەپ نام قويدى.
Currently Selected:
ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 33: HZUT
Highlight
Share
Copy
Want to have your highlights saved across all your devices? Sign up or sign in
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

: