YouVersion Logo
Search Icon

ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 38

38
يەھۇدا بىلەن تامار
1شۇ كۈنلەردە يەھۇدا ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ يېنىدىن كېتىپ، ئادۇللام يېزىسىدىكى خىراھ دېگەن كىشىنىڭ يېنىغا چۈشتى. 2يەھۇدا ئۇ يەردە كەنئانلىق شۇئانىڭ قىزى بىلەن تونۇشۇپ، ئۇنى نىكاھىغا ئالدى. 3ئايالى ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. يەھۇدا ئۇنىڭ ئىسمىنى ئېر قويدى. 4ئايالى يەنە ھامىلىدار بولۇپ، ئىككىنچى ئوغلىنى تۇغدى. ئۇنىڭ ئىسمىنى ئونان قويدى. 5كېيىن ئۈچىنچى ئوغلىنى تۇغدى. ئۇنىڭ ئىسمىنى شېلاھ قويدى. شېلاھ تۇغۇلغاندا، ئۇلار كىزىب دېگەن يەردە ئىدى.
6يەھۇدا تۇنجى ئوغلى ئېرگە تامار ئىسىملىك بىر قىزنى ئېلىپ بەردى. 7ئېر پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل دەپ قارالغاچقا، پەرۋەردىگار ئۇنىڭ جېنىنى ئالدى.
8بۇ چاغدا يەھۇدا ئوغلى ئونانغا:
_ سەن بېرىپ يەڭگەڭنى ئەمرىڭگە ئېلىپ، ئاكاڭنىڭ نەسلىنى داۋاملاشتۇر. بۇ سېنىڭ بۇرچۇڭ، _ دېدى.
9لېكىن ئونان تۇغۇلىدىغان بالا ئۆزىنىڭ بولمايدىغانلىقىنى بىلگەچكە، ھەر قېتىم يەڭگىسى بىلەن بىر ئورۇندا ياتقاندا ئاكىسىغا نەسىل قالدۇرماسلىق ئۈچۈن، مەقسەتلىك ھالدا مەنىنى سىرتقا ئاقتۇرۇۋېتەتتى. 10ئۇنىڭ بۇ قىلىقلىرىنى پەرۋەردىگار رەزىللىك دەپ قارىغاچقا، پەرۋەردىگار ئۇنىڭمۇ جېنىنى ئالدى.
11ئاندىن يەھۇدا كېلىنى تامارغا:
_ ئوغلۇم شېلاھ چوڭ بولغۇچە ئاتاڭنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، تۇرمۇشقا چىقماي تۇرۇپ تۇرغىن، _ دېدى. ئۇ شېلاھنىڭمۇ ئىككى ئاكىسىدەك ئۆلۈپ كېتىشىدىن قورقۇپ، شۇنداق دېگەنىدى. شۇڭا تامار ئاتىسىنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كەتتى.
12بىرقانچە يىللاردىن كېيىن يەھۇدانىڭ ئايالى، يەنى شۇئانىڭ قىزى ئالەمدىن ئۆتتى. قارىلىق تۇتۇش ۋاقتى توشقاندىن كېيىن، ئۇ ئادۇللاملىق دوستى خىراھ بىلەن بىرگە تىمناھ دېگەن يەرگە باردى. ئۇ يەردە ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرى قوي قىرقىۋاتاتتى.
13بىرەيلەن تامارغا قېيناتىسى يەھۇدانىڭ تىمناھ دېگەن يەرگە قوي قىرقىغىلى كەتكەنلىكىنى ئېيتقانىدى. 14شۇڭا تامار تۇل خوتۇنلۇق كىيىمىنى سېلىۋېتىپ، باشقا كىيىملەرنى كىيىپ، باشقىلارنىڭ ئۆزىنى تونۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن يۈزىگە چۈمپەردە تارتىپ، تىمناھقا بارىدىغان يول ئۈستىدىكى ئېنايىم شەھىرىگە بېرىپ، شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدا ئولتۇردى. چۈنكى ئۇ يەھۇدانىڭ كىچىك ئوغلى شېلاھ چوڭ بولۇپ قالغان بولسىمۇ، يەھۇدانىڭ ئۆزىنى ئۇنىڭغا نىكاھلاپ قويمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەنىدى.
15تامار يۈزىنى يېپىۋالغانلىقى ئۈچۈن، يەھۇدا ئۇنى كۆرگەندە، ئۇنى پاھىشە ئايال ئوخشايدۇ، دەپ ئويلىدى. 16شۇڭا يەھۇدا يول قىرىدا ئولتۇرغان ئۇ ئايالنىڭ قېشىغا باردى. چۈنكى يەھۇدا ئۇ ئايالنىڭ ئۆزىنىڭ كېلىنى ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى. يەھۇدا ئۇنىڭغا:
_ يۈر، مەن بىلەن بىر ئورۇندا يات؟ _ دېدى.
_ مەن سىز بىلەن بىر ئورۇندا ياتسام، ماڭا نېمە بېرىسىز؟ _ دېدى تامار.
17_ بىر ئوغلاق ئەۋەتىپ بېرىمەن، _ دېدى يەھۇدا.
_ بولىدۇ، ئوغلىقىڭىزنى ئەۋەتىپ بەرگۈچە، بىرەر نەرسىڭىزنى گۆرۈگە قويۇپ قويۇڭ، _ دېدى تامار.
18_ گۆرۈگە نېمە تەلەپ قىلىسەن؟ _ دەپ سورىدى ئۇ.
_ بوينىڭىزغا ئېسىۋالغان مۆھرىڭىز بىلەن قولىڭىزدىكى ھاسىڭىزنى، _ دېدى تامار.
شۇنىڭ بىلەن يەھۇدا بۇ نەرسىلەرنى تامارغا بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىر ئورۇندا ياتتى، تامار ھامىلىدار بولدى. 19تامار ئاتىسىنىڭ ئۆيىگە قايتىپ بېرىپ، يۈزىدىكى چۈمپەردىسىنى ئېلىۋېتىپ، تۇللۇق كىيىملىرىنى قايتا كىيىۋالدى.
20يەھۇدا ئادۇللاملىق دوستى خىراھنى ئۇ ئايالغا بىر ئوغلاق ئاپىرىپ بېرىپ، گۆرۈگە قويغان نەرسىلىرىنى قايتۇرۇپ كېلىشكە ئەۋەتتى. لېكىن خىراھ ئۇنى تاپالمىدى. 21خىراھ ئېنايىم شەھىرىدىكى كىشىلەردىن:
_ بۇرۇن يول بويىدا تۇرغان ھېلىقى پاھىشە ئايال نەگە كەتتى؟ _ دەپ سورىدى. ئۇلار:
_ بۇ يەردە پاھىشە ئايال زادىلا بولۇپ باقمىغان، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى.
22خىراھ يەھۇدانىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا:
_ ئۇنى تاپالمىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە، شۇ يەرلىك كىشىلەر: «بۇ يەردە پاھىشە ئايال بولۇپ باققان ئەمەس!» دېيىشىدۇ، _ دېدى. 23يەھۇدا ئۇنىڭغا:
_ بوپتۇ، ئۇ نەرسىلەرنى ئالسا ئالسۇن، باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە قالمايلى. ھەر ھالدا مەن ئوغلاقنى ئەۋەتتىم. بىراق سەن ئۇنى تاپالماپسەن، _ دېدى.
24تەخمىنەن ئۈچ ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، بىرەيلەن يەھۇداغا:
_ كېلىنىڭ تامار بۇزۇقچىلىق قىلىپ، ھامىلىدار بولۇپ قاپتۇ، _ دېدى.
_ ئۇنى ئەكېلىپ ئوتتا كۆيدۈرۈڭلار! _ دېدى يەھۇدا.
25تامار ئۆيدىن ئېلىپ مېڭىلغاندا، ئۇ قېيىنئاتىسىغا ئادەم ئەۋەتىپ:
_ مەن بۇ نەرسىلەرنىڭ ئىگىسىدىن ھامىلىدار بولدۇم. قاراپ بېقىڭ! بۇ مۆھۈر ۋە ھاسا كىمنىڭ؟ _ دېدى. 26يەھۇدا بۇ نەرسىلەرنى تونۇپ:
_ بۇنىڭغا مەن ئەيىبلىك! مەن ئەسلىدە ئۇنى ئوغلۇم شېلاھقا ئېلىپ بېرىشىم كېرەك ئىدى، _ دېدى.
شۇنىڭدىن كېيىن يەھۇدا ئۇنىڭ بىلەن قايتا بىر ئورۇندا ياتمىدى.
27تامار تۇغۇۋاتقاندا، بالىنىڭ قوشكېزەك ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى. 28ئالدى بىلەن بىر بالىنىڭ بىر قولى چىقتى. تۇغۇت ئانىسى بۇ قولغا قىزىل يىپ باغلاپ قويۇپ:
_ بۇ ئاۋۋال تۇغۇلغىنى، _ دېدى. 29لېكىن بۇ بالا قولىنى تارتىپ ئەكىرىپ كېتىپ، يەنە بىرى ئاۋۋال تۇغۇلدى. شۇڭا تۇغۇت ئانىسى:
_ سەن مۇشۇنداق تالىشىپ چىقتىڭ؟ _ دېدى. شۇڭا بالىغا پەرەس [مەنىسى «تالىشىپ چىققان»] دەپ ئىسىم قويۇلدى. 30كەينىدىن قىزىل يىپ باغلاپ قويۇلغىنى تۇغۇلدى. ئۇنىڭ قولىغا قىپقىزىل يىپ باغلانغان بولغاچقا، ئۇنىڭغا زەراخ [مەنىسى «قىپقىزىل»] دەپ ئىسىم قويۇلدى.

Highlight

Share

Copy

None

Want to have your highlights saved across all your devices? Sign up or sign in