ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 40
40
يۈسۈپنىڭ تۈرمىداشلىرىنىڭ چۈشلىرىگە تەبىر بېرىشى
1مەلۇم مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئوردىنىڭ باش ساقىيى بىلەن باش ناۋىيى مىسىر پادىشاھى، يەنى پىرئەۋننىڭ ئالدىدا خاتالىق ئۆتكۈزدى. 2پىرئەۋن غەزەپلىنىپ، 3بۇ ئىككى يۇقىرى ئەمەلدارنى ياساۋۇل مەھكىمىسىدىكى زىندانغا، يەنى يۈسۈپ قامالغان زىندانغا قامىدى. 4ئۇلار زىنداندا بىرمەزگىل ياتتى. ياساۋۇل بېگى يۈسۈپنى بۇ ئىككى ئەمەلدارنى كۈتۈشكە ئورۇنلاشتۇردى.
5بىر كۈنى كېچىدە باش ساقىي بىلەن باش ناۋاي چۈش كۆردى. ئىككىيلەننىڭ كۆرگەن چۈشلىرىنىڭ مەنىسى ئوخشىمايتتى. 6ئەتىسى ئەتىگەندە يۈسۈپ ئۇلارنى يوقلاپ كىرگىنىدە، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنىڭ بىئاراملىقىنى كۆردى. 7ئۇ ئۇلاردىن:
_ سىلەر بۈگۈن نېمانچىلا پەرىشان؟ _ دەپ سورىدى. 8ئۇلار:
_ ئىككىمىز ئاخشام چۈش كۆردۇق. لېكىن چۈشىمىزنىڭ مەنىسىنى يېشىپ بېرىدىغان ئادەم يوق، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى. يۈسۈپ ئۇلارغا:
_ چۈشكە تەبىر بېرىش قابىلىيىتى خۇدادىن كېلىدۇ. چۈشۈڭلارنى ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلار، _ دېدى. 9شۇنىڭ بىلەن باش ساقىي چۈشىنى ئېيتىپ بەردى:
_ چۈشۈمدە ئالدىمدا بىر تۈپ ئۈزۈم كۆچىتى تۇرۇپتىمىش. 10كۆچەتتە ئۈچ تال يۇمران شاخ بولۇپ، ئۇلار بىخلاپ، چېچەكلەپ، ئۈزۈم چۈشۈپ، ئۈزۈم پىشىپتىمىش. 11قولۇمدا پىرئەۋننىڭ شاراب جامى بولۇپ، مەن ئۈزۈملەرنى ئۈزۈپ، شىرنىسىنى جامغا سىقىپ، جامنى پىرئەۋنگە سۇنۇپتىمىشمەن.
12يۈسۈپ مۇنداق دېدى:
_ بۇ چۈشنىڭ مەنىسى مۇنداق: ئۈچ يۇمران شاخ ئۈچ كۈننى كۆرسىتىدۇ. 13ئۈچ كۈن ئىچىدە پىرئەۋن سىزگە كەڭچىلىك قىلىپ، ئەسلى مەنسىپىڭىزنى بېرىدىكەن. سىز پىرئەۋنگە بۇرۇن باش ساقىي بولغان ۋاقتىڭىزدىكىدەك يەنە شاراب تۇتىدىكەنسىز. 14ئەمما ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولغاندا، مېنى ئۇنتۇپ قالماي، ماڭا ھېسداشلىق قىلغايسىز. پىرئەۋن ئالدىدا مەن ئۈچۈن گەپ قىلىپ، زىنداندىن چىقىشىمغا ياردەم قىلغايسىز. 15مەن ئەسلىدە ئىبرانىيمەن، يۇرتۇمدىن ناھەق تۇتۇپ كېلىنگەنمەن. مىسىردىمۇ مېنى زىندانغا تاشلىغۇدەك بىرەر يامان ئىش قىلغىنىم يوق.
16باش ساقىينىڭ چۈشىگە ياخشى تەبىر بەرگەنلىكىنى كۆرگەن باش ناۋاي يۈسۈپكە مۇنداق دېدى:
_ مەنمۇ بىر چۈش كۆرۈپتىمەن. چۈشۈمدە بېشىمدا ئۈچ سېۋەتتە نان بارمىش. 17ئەڭ ئۈستىدىكى سېۋەتتە ھەر خىل ئۇندا پىشۇرۇلغان پىرئەۋن يەيدىغان نانلار بارمىش. لېكىن ئۇلارنى ئۇچار قاناتلار يەۋاتقۇدەكمىش.
18يۈسۈپ مۇنداق دېدى:
_ بۇ چۈشنىڭ مەنىسى مۇنداق: ئۈچ سېۋەت ئۈچ كۈننى كۆرسىتىدۇ. 19ئۈچ كۈن ئىچىدە پىرئەۋن كاللىڭىزنى ئېلىپ، جەسىتىڭىزنى ياغاچقا سانجىپ قويىدىكەن، تېنىڭىز قاغا-قۇزغۇنلارغا يەم بولىدىكەن.
20ئۈچىنچى كۈنى پىرئەۋننىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولۇپ، پىرئەۋن ئۆز ئەمەلدارلىرىغا زىياپەت بەردى. ئۇ باش ساقىي بىلەن باش ناۋاينى زىنداندىن چىقارتىپ، ئەمەلدارلارنىڭ ئالدىغا كەلتۈردى. 21ئۇ باش ساقىينىڭ مەنسىپىنى ئەسلىگە كەلتۈردى، 22باش ناۋاينى ئۆلتۈرگۈزۈپ، جەسىتىنى خادىغا سانجىتىپ قويدى. بۇ ئىشلار دەل يۈسۈپنىڭ تەبىرىدەك بولۇپ چىقتى. 23لېكىن باش ساقىي يۈسۈپنى ئېسىدىن چىقىرىپ، ئۇنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كەتتى.
Currently Selected:
ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 40: HZUT
Highlight
Share
Copy
Want to have your highlights saved across all your devices? Sign up or sign in
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

: