ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 10

10
نۇھنىڭ ئۈچ ئوغلىنىڭ ئەۋلادلىرى
1نۇھنىڭ ئوغۇللىرى بولغان سام، ھام ۋە يەفەت توپان بالاسىدىن كېيىن پەرزەنتلىك بولدى. ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە: #10: 1 نۇھنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئىسىملىرى كېيىن ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ئىسىملىرىغا ئايلاندى. ئۇلار شۇ ئەللەرنىڭ ئەجدادى بولدى ۋە ئۇلار ياشىغان يەرلەرمۇ ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى بىلەن ئاتالدى.
2يەفەتنىڭ ئەۋلادلىرى: گومەر، ماگوگ، ماداي، ياۋان، تۇبال، مەشەك ۋە تىراس.
3گومەرنىڭ ئەۋلادلىرى: ئاشكىناز، رىفات ۋە توگارما.
4ياۋاننىڭ ئەۋلادلىرى: ئەلىشا، تارشىش، كىتتىم ۋە رودانىم. 5ئۇلار دېڭىز بويلىرى ۋە ئاراللاردا ياشايدىغان ئەللەرنىڭ ئەجدادى بولدى. ئۇلار ئوخشىمىغان يۇرتلاردا ياشايدىغان ھەر خىل قەبىلىلەرگە بۆلۈنۈپ، ئوخشىمايدىغان تىللاردا سۆزلىشىدىغان ئەللەردىن بولۇپ قالدى.
6ھامنىڭ ئەۋلادلىرى: كۇش، مىسىر، پۇئۇت ۋە كەنئان.
7كۇشنىڭ ئەۋلادلىرى: سىبا، خاۋىلا، سابتاھ، راماھ ۋە سابتىكا.
راماھنىڭ ئەۋلادلىرى: شىبا ۋە دىدان.
8كۇشنىڭ نىمرود ئىسىملىك يەنە بىر ئوغلى بولۇپ، ئۇ يەر يۈزىدىكى بىرىنچى باتۇر ھېسابلىناتتى. 9ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدىكى ئەڭ باتۇر ئوۋچى ئىدى. شۇڭا كىشىلەر ئارىسىدا «پەرۋەردىگار سېنى نىمرودتەك باتۇر ئوۋچى قىلسۇن!» دېگەن سۆز تارقالغانىدى. 10بابىل پادىشاھلىقىنىڭ زېمىنىدا بابىل، ئەرەك، ئاككاد، كالنېھ دېگەن شەھەرلەر بار ئىدى. 11‏-12نىمرود زېمىنىنى ئاسسۇرغا كېڭىيتىپ، نىنەۋى، رىھوبوتىر، كالاخ ۋە رەسەن دېگەن شەھەرلەرنى بىنا قىلدى. رەسەن شەھىرى نىنەۋى بىلەن كالاخ شەھىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇپ، ئۇ كاتتا شەھەر ئىدى.
13مىسىرنىڭ ئەۋلادلىرىدىن كېلىپ چىققان خەلقلەر: لۇدلار، ئاناملار، لىھابلار، نافتۇخلار، 14پاترۇسلار، كاسلۇخلار ۋە كرىتلار. فىلىستىيەلىكلەر بولسا كاسلۇخلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى ئىدى.
15كەنئاننىڭ تۇنجى ئوغلى سىدون بولۇپ، ئۇ سىدونلارنىڭ ئەجدادىدۇر. كەنئان يەنە خىتلارنىڭ ئەجدادىدۇر. 16كەنئاندىن يەنە يىبۇس، ئامور، گىرگاش، 17خىۋ، ئارقى، سىن، 18ئارۋاد، زىمار ۋە خاماتلارمۇ كېلىپ چىقتى.
كېيىن كەنئانلىقلارنىڭ قەبىلىلىرى ناھايىتى كەڭ تارقالدى. 19ئۇلارنىڭ زېمىنىنىڭ چېگراسى سىدوننىڭ جەنۇبىدىن گىرارنىڭ يېنىدىكى گازا شەھىرىگىچە، شەرقتە سودوم، گومورا، ئادماھ ۋە زىبويىمنىڭ يېنىدىكى لەشا شەھىرىگىچە ئىدى 20ھامنىڭ ئەۋلادلىرى مانا مۇشۇلاردىن ئىبارەت ئىدى. ئۇلار ھەر خىل قەبىلە ۋە ئەللەرگە بۆلۈنۈپ، ئوخشىمىغان يۇرتلاردا ياشىدى. ئۇلارنىڭ ئوخشىمىغان تىللىرى بار ئىدى.
21يەفەتنىڭ ئاكىسى بولغان سامنىڭمۇ ئەۋلادلىرى بار ئىدى. سام ئېبەر جەمەتىنىڭ ئەجدادى بولدى. 22سامنىڭ ئەۋلادلىرى: ئېلام، ئاسسۇر، ئارپاكشاد، لۇد ۋە ئاررام.
23ئاررامنىڭ ئەۋلادلىرى: ئۇز، خۇل، گەتەر ۋە ماش.
24ئارپاكشاد شەلاخنىڭ ئاتىسى، شەلاخ بولسا ئېبەرنىڭ ئاتىسى ئىدى.
25ئېبەردىن ئىككى ئوغۇل تۆرەلدى. بىرىنىڭ ئىسمى پەلەگ [مەنىسى «بۆلۈنۈش»] ئىدى. ئۇ ياشىغان دەۋردە ئىنسانلار بۆلۈنۈشكە باشلىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا پەلەگ دېگەن بۇ ئىسىم قۇيۇلغان ئىدى. ئۇنىڭ ئىنىسىنىڭ ئىسمى يوقتان ئىدى.
26يوقتاننىڭ ئەۋلادلىرى: ئالموداد، شەلەف، خازارماۋەت، يەراھ، 27ھادورام، ئۇزال، دىقلاھ، 28ئوبال، ئابىمائېل، شىبا، 29ئوفىر، خاۋىلا ۋە يوباب. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى يوقتاننىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، 30ئۇلار مېشادىن سىفارنىڭ شەرق تەرىپىدىكى تاغقىچە بولغان جايلاردا ياشايتتى.
31سامنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئەۋلادلىرى ھەر خىل قەبىلە ۋە ئەللەرگە بۆلۈنۈپ، ئوخشىمىغان يۇرتلاردا ياشىدى. ئۇلارنىڭ ئوخشىمىغان تىللىرى بار ئىدى.
32يۇقىرىدىكىلەر نۇھنىڭ ئۈچ ئوغلىنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرى ياشاۋاتقان زېمىندىكى قەبىلىلەر بويىچە خاتىرىلەنگەندۇر. توپان بالاسىدىن كېيىنكى پۈتۈن دۇنيادىكى ئەللەر نۇھنىڭ ئەۋلادلىرىدىن تارقالغاندۇر.

Markierung

Teilen

Kopieren

None

Möchtest du deine gespeicherten Markierungen auf allen deinen Geräten sehen? Erstelle ein kostenloses Konto oder melde dich an.