ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 14
14
ئىبرامنىڭ لۇتنى قۇتقۇزۇشى
1شۇ كۈنلەردە بابىل پادىشاھى ئامرافەل، ئەللاسار پادىشاھى ئاريوك، ئېلام پادىشاھى كىدورلاۋمەر، گويىم پادىشاھى تىدئال قاتارلىق تۆت پادىشاھ بىرلىشىپ، 2سودوم پادىشاھى بەرا، گومورا پادىشاھى بىرشا، ئادماھ پادىشاھى شىناب، زىبويىم پادىشاھى شەمئېبەر ۋە بەلا (زوئار دەپمۇ ئاتىلىدۇ) پادىشاھىغا قارشى جەڭگە ئاتلاندى. 3بۇ بەش پادىشاھ قوشۇنلىرىنى سىددىم ۋادىسىغا يىغدى. (سىددىم ۋادىسى ھازىرقى «ئۆلۈك دېڭىز» ئەتراپىدىدۇر.) 4ئەسلىدە بۇ بەش پادىشاھ 12 يىل كىدورلاۋمەر پادىشاھىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا تۇرغان بولۇپ، 13-يىلىغا كەلگەندە، ئۇنىڭغا قارشى ئىسيان كۆتۈرگەنىدى.
514-يىلى كىدورلاۋمەر پادىشاھ ئۆزىنىڭ ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ قوشۇنلىرىنى باشلاپ بېرىپ، ئاشتاروت-قارنائىم دېگەن يەردە رافاھلارنى، ھام دېگەن يەردە زۇزلارنى، قىرياتائىم تۈزلەڭلىكىدە ئېيملارنى 6ۋە سەئىر تاغلىق رايونىدا ياشاۋاتقان خورىلارنى چۆل بويىدىكى ئەلپارانغىچە قوغلاپ بېرىپ تارمار قىلدى. 7ئارقىدىنلا ئۇلار ئېنمىشپات، يەنى كادېشقا قايتىپ، ئامالەكلەرنىڭ پۈتۈن زېمىنىنى بېسىۋېلىپ، خازون-تاماردا ياشاۋاتقان ئامورلارنىمۇ تارمار قىلدى.
8شۇنىڭ بىلەن سودوم، گومورا، ئادماھ، زىبويىم ۋە بەلا، يەنى زوئار قاتارلىق بەش پادىشاھلىقنىڭ پادىشاھلىرى قوشۇنلىرىنى باشلاپ، سىددىم ۋادىسىدا جەڭگە تەييارلاندى. 9ئۇلار ئېلامنىڭ پادىشاھى كىدورلاۋمەر، گويىمنىڭ پادىشاھى تىدئال، بابىلنىڭ پادىشاھى ئامرافەل ۋە ئەللاسارنىڭ پادىشاھى ئاريوكتىن ئىبارەت تۆت پادىشاھ بىلەن جەڭ قىلدى. 10سىددىم ۋادىسىنىڭ ھەممە يېرىدە قارا ماي بىلەن تولغان كۆلچەكلەر بار ئىدى. سودوم پادىشاھى بىلەن گومورا پادىشاھى يېڭىلىپ قاچقان ۋاقتىدا، قوشۇنلىرىنىڭ بىر قىسمى قارا ماي كۆلچەكلىرىگە غەرق بولدى، قالغانلىرى تاغقا قېچىپ كەتتى.
11تۆت پادىشاھ سودوم بىلەن گومورانىڭ پۈتۈن بايلىق ۋە ئاشلىق-تۈلۈكلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلدى. 12ئۇ چاغدا ئىبرامنىڭ جىيەنى لۇت سودومدا تۇراتتى. ئۇلار ئۇنىمۇ مال-مۈلۈكلىرى بىلەن قوشۇپ بۇلاپ كەتتى.
13لېكىن قۇتۇلۇپ قالغان بىر كىشى بۇ ئىشلارنى ئىبرانىي#14: 13 ئىبرانىي _ قەدىمكى يەھۇدىيلارنى، يەنى ئىسرائىللارنى كۆرسىتىدۇ. ئىبرامغا مەلۇم قىلدى. ئۇ چاغدا ئىبرام ئامور قەبىلىسىدىن بولغان مامرە ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ دۇپ دەرەخلىكىنىڭ يېنىدا تۇراتتى. مامرە ۋە ئىككى ئىنىسى، يەنى ئەشكول ۋە ئانېر ئىبرام بىلەن كېلىشىم تۈزگەن ھەمكارلاشقۇچىلار ئىدى.
14ئىبرام جىيەنى لۇتنىڭ ئەسىرگە چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۆز ئادەملىرى ئىچىدىكى قورال تۇتالايدىغان 318 ئادەمنى توپلاپ، تۆت پادىشاھنى دان دېگەن جايغىچە قوغلاپ باردى. 15-16ئۇ ئادەملىرىنى ئۇ يەردە بىرقانچە توپقا بۆلۈپ، كېچىسى ھۇجۇم قىلىپ، دۈشمەنلىرىنى مەغلۇپ قىلدى. ئۇلارنى دەمەشقنىڭ شىمالىدىكى خوباھ دېگەن جايغىچە قوغلاپ بېرىپ، بۇلاپ كېتىلگەن ھەممە مال-مۈلۈكلىرىنى تارتىۋېلىپ، جىيەنى لۇتنى ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن بايلىقلىرىنى، ئاياللارنى ۋە باشقا ئەسىرگە چۈشكەن كىشىلەرنى قايتۇرۇپ ئالدى.
مالكىسىدىقنىڭ ئىبرامغا بەخت تىلىشى
17ئىبرام كىدورلاۋمەر ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئىتتىپاقداش بولغان ھەرقايسى پادىشاھلارنى مەغلۇپ قىلىپ، غەلىبە بىلەن قايتىپ كەلگەندە، سودوم پادىشاھى ئۇنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن شاۋېھ جىلغىسى (خان جىلغىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ)غا باردى.
18ئۇلۇغ خۇدانىڭ روھانىيسى ھەم سالېمنىڭ پادىشاھى مالكىسىدىقمۇ نان ۋە شاراب ئېلىپ، ئىبرامنىڭ ئالدىغا چىقىپ، 19ئۇنىڭغا بەخت تىلەپ:
«پۈتۈن ئالەمنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان ئۇلۇغ خۇدا ئىبرامنى بەختلىك قىلغاي!
20سېنى دۈشمىنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلدۇرغان ئۇلۇغ خۇداغا ھەمدۇسانا بولغاي!» دېدى.
ئىبرام غەنىيمەت ئالغان نەرسىلەرنىڭ ئوندىن بىرىنى مالكىسىدىققا تەقدىم قىلدى. 21سودوم پادىشاھى ئىبرامغا:
_ سەن غەنىيمەت ئالغان مال-مۈلكۈمنىڭ ھەممىسى ساڭا مەنسۇپ بولسۇن، لېكىن ئادەملىرىمنى قايتۇرۇپ بەرسەڭ! _ دېدى. 22ئىبرام ئۇنىڭغا:
_ پۈتۈن ئالەمنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان پەرۋەردىگار، يەنى ئۇلۇغ خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، 23مەن سېنىڭ ھەرقانداق نەرسەڭنى، يەنى كەشىڭنىڭ بوغقۇچىنى، ھەتتا بىر تال يىپىڭنىمۇ ئالمايمەن. بولمىسا، سەن كېيىن: «مەن ئىبرامنى باي قىلىپ قويدۇم!» دېيىشتىن يانمايسەن. 24شۇڭا پەقەت ئادەملىرىمنىڭ يېگىنىلا سەندىن ئالغىنىم بولسۇن. ئۇنىڭدىن باشقا ھېچنېمەڭنى ئالمايمەن. لېكىن مېنىڭ ھەمكارلاشقۇچىلىرىم بولغان ئانېر، ئەشكول ۋە مامرەلەرگە غەنىيمەتلەردىن تېگىشلىكىنى ئايرىپ بەرگىن، _ دېدى.
Trenutno izabrano:
ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 14: HZUT
Istaknuto
Podijeli
Kopiraj
Želiš li da tvoje istaknuto bude sačuvano na svim tvojim uređajima? Kreiraj nalog ili se prijavi
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

: