مىسىردىن چىقىش 1
1
ئىسرائىللارنىڭ مىسىردا تارتقان ئازابلىرى
1ئىسرائىل، يەنى ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى بالا-چاقىلىرىنى ئېلىپ، ئاتىسى ياقۇپ بىلەن بىرگە مىسىرغا باردى. 2ياقۇپنىڭ رۇبېن، شىمون، لاۋىي، يەھۇدا، 3ئىسساكار، زەبۇلۇن، بىنيامىن، 4دان، نافتالى، گاد ۋە ئاشېر ئىسىملىك ئوغۇللىرى بولۇپ، 5ئۇلار بالا-چاقىلىرى بىلەن بىرگە جەمئىي يەتمىش كىشى ئىدى. ياقۇپنىڭ يەنە بىر ئوغلى يۈسۈپ بۇ ۋاقىتتا ئاللىقاچان مىسىردا ئىدى.
6كېيىن يۈسۈپ ۋە قېرىنداشلىرى ھەمدە بارلىق زامانداشلىرى ئالەمدىن ئۆتتى. 7شۇنداقتىمۇ، ئىسرائىلنىڭ (يەنە بىر ئىسمى ياقۇپ) ئەۋلادلىرى تېز كۆپىيىپ، كۈچلۈك بىر خەلققە ئايلاندى ۋە مىسىرنىڭ ھەممە يېرىنى قاپلىدى.
8كېيىن مىسىردا يېڭى بىر پىرئەۋن، يەنى پادىشاھ تەختكە چىقتى. ئۇ يۈسۈپ ھەققىدە ھېچنېمە بىلمەيتتى. 9ئۇ مىسىرلىقلارغا:
_ قاراڭلار، ئىسرائىللار بىزگە قارىغاندا كۆپىيىپ، كۈچىيىپ كەتتى! 10ئەڭ ياخشىسى بىز تەدبىر قوللىنىپ، ئۇلارنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشىنىڭ ئالدىنى ئالايلى. ناۋادا ئۇرۇش يۈز بېرىپ قالسا، ئۇلار دۈشمەنلەر بىلەن بىرلىشىپ بىزگە ھۇجۇم قىلىشى ۋە بۇ يەردىن قېچىپ كېتىشى مۇمكىن، _ دېدى.
11شۇنىڭ بىلەن مىسىرلىقلار ئىسرائىللارنى ئېغىر ئەمگەكلەرگە سېلىپ، ئۇلارنى ئەزدى ۋە ئەمگەك نازارەتچىلىرىنى تەيىنلىدى. ئۇلارغا پىتوم ۋە رەمسېس شەھەرلىرىنى سالدۇردى. بۇ شەھەرلەر پىرئەۋن، يەنى مىسىر پادىشاھىنىڭ ئاشلىقلىرىنى ساقلايدىغان شەھەرلىرىگە ئايلاندى. 12لېكىن مىسىرلىقلار ئىسرائىللارنى قانچە ئەزگەنسېرى، ئۇلار شۇنچە كۆپىيىپ، مىسىرنىڭ باشقا يەرلىرىگىمۇ تارقالدى. شۇ سەۋەبتىن، مىسىرلىقلار ئىسرائىللاردىن قورقۇپ، 13ئۇلارنى تېخىمۇ ئېغىر ئىشلارغا سالدى. 14مىسىرلىقلار ئۇلارنى لاي ئېتىش، كېسەك قۇيۇش ۋە ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىنى قىلىشتەك ئېغىر ئەمگەكلەرگە سېلىپ، ئۇلارنى ئىنتايىن قاتتىق ئازابلارغا دۇچار قىلدى.
15مىسىردا شىفراھ ۋە پۇئاھ ئىسىملىك ئىككى نەپەر ئىبرانىي#1: 15 ئىبرانىي _ قەدىمكى يەھۇدىيلارنى، يەنى ئىسرائىللارنى كۆرسىتىدۇ. تۇغۇت ئانىسى بار ئىدى. مىسىر پادىشاھى ئۇلارغا:
16_ سىلەر ئىبرانىي ئاياللىرىنى تۇغدۇرغان ۋاقتىڭلاردا، بوۋاقنىڭ ئوغۇل ياكى قىز ئىكەنلىكىگە قاراڭلار. ئەگەر ئوغۇل تۇغۇلسا، بوۋاقنى ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار، قىز تۇغۇلسا، تىرىك قالدۇرۇڭلار، _ دېدى.
17لېكىن بۇ ئىككى تۇغۇت ئانىسى خۇداغا ئىخلاسمەن بولغاچقا، پادىشاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇنماي، ئوغۇل بوۋاقلارنى ئۆلتۈرمىدى. 18شۇڭا پادىشاھ ئۇلارنى چاقىرتىپ:
_ سىلەر نېمە ئۈچۈن ئوغۇل بوۋاقلارنى ئۆلتۈرمىدىڭلار، نېمىشقا بۇنداق قىلدىڭلار؟ _ دەپ سورىدى. 19ئۇلار:
_ ئىبرانىي ئاياللىرى مىسىر ئاياللىرىغا ئوخشىمايدۇ، ئۇلار ناھايىتى ساغلام كېلىدۇ. بىز يېتىپ بارغۇچە، ئۇلار ئۆزلىرى تۇغۇپ بولىدىكەن، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى. 20-21شۇڭا ئىسرائىللار داۋاملىق كۆپىيىپ، تېخىمۇ كۈچەيدى. تۇغۇت ئانىلىرى خۇداغا ئىخلاسمەن ئاياللار بولغانلىقى ئۈچۈن، خۇدا ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىپ، ئۇلارنىمۇ بالىچاقىلىق قىلدى. 22شۇنىڭ بىلەن پىرئەۋن ئۆز خەلقىگە:
_ ئىسرائىللاردىن تۇغۇلغان ئوغۇل بوۋاقلارنىڭ ھەممىسىنى نىل دەرياسىغا تاشلاڭلار، قىز بوۋاقلىرىنىلا تىرىك قالدۇرۇڭلار، _ دەپ ئەمر قىلدى.
Currently Selected:
مىسىردىن چىقىش 1: HZUT
Highlight
Share
Copy
Want to have your highlights saved across all your devices? Sign up or sign in
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti