YouVersion Logo
Search Icon

مىسىردىن چىقىش 8

8
پاقا ئاپىتى
1ئۇنىڭدىن كېيىن، پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
_ سەن يەنە پىرئەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: «پەرۋەردىگارىمىز: ‹ئۆز خەلقىمنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن چۆل-باياۋانغا بېرىشىغا يول قوي. 2ئەگەر يەنە رەت قىلساڭ، ساڭا ئېيتىپ قويايكى، پۈتۈن زېمىنىڭغا پاقا ئاپىتى بىلەن زەربە بېرىمەن. 3نىل دەرياسى پاقىغا تولۇپ كېتىدۇ. پاقىلار دەريادىن چىقىپ ئورداڭغا، ھۇجراڭغا، ھەتتا تۆشەكلىرىڭگە كىرىدۇ. ئەمەلدارلىرىڭنىڭ ۋە خەلقىڭنىڭ ئۆيلىرىگە، ھەتتا ئوچاقلىرىغا، تەڭنىلىرىنىڭ ئىچىگىمۇ كىرىدۇ. 4سېنىڭ ئۇچاڭغا، ئەمەلدارلىرىڭنىڭ ۋە خەلقىڭنىڭ ئۇچىسىغىمۇ يامىشىدۇ› دەيدۇ» دېگىن. 5پەرۋەردىگار مۇساغا يەنە:
_ سەن ھارۇنغا: «تاياق تۇتقان قولۇڭنى مىسىردىكى دەريا، ئۆستەڭ، سازلىق ۋە كۆللەرگە قارىتىپ ئۇزات. مىسىر زېمىنىنى پاقىلار بىلەن تولدۇرۇۋەت» دەپ ئېيتقىن، _ دېدى. 6شۇنىڭ بىلەن ھارۇن قولىنى مىسىرنىڭ سۇلىرىغا قارىتىپ ئۇزىتىۋىدى، مىسىر زېمىنىنى پاقىلار قاپلىدى.
7بىراق مىسىردىكى سېھىرگەرلەرمۇ سېھىر ئىشلىتىپ، مىسىر زېمىنىدا پاقا پەيدا قىلدى.
8پىرئەۋن مۇسا بىلەن ھارۇننى چاقىرتىپ، مۇساغا:
_ پەرۋەردىگاردىن پاقىلارنى مەندىن ۋە مىسىر خەلقىدىن يىراقلاشتۇرۇشنى تىلەپ دۇئا قىل. شۇندىلا خەلقىڭنىڭ پەرۋەردىگارىغا قۇربانلىق قىلىشى ئۈچۈن بېرىشىغا يول قويىمەن، _ دېدى. 9مۇسا جاۋابەن:
_ بولىدۇ، سىز بىر ۋاقىت بەلگىلەڭ. مەن سىزگە، ئەمەلدارلىرىڭىز ۋە خەلقىڭىزگە دۇئا قىلاي. شۇ چاغدا پاقىلار سىلەردىن ۋە ئۆيلىرىڭلاردىن يوقىلىدۇ. پەقەت نىل دەرياسىدىكى پاقىلاردىن باشقا پاقىلارنىڭ ھەممىسى يوقىلىدۇ، _ دېدى.
10پىرئەۋن ئۇنىڭغا:
_ ئەتىلا دۇئا قىل، _ دېدى. مۇسا:
_ سىزنىڭ دېگىنىڭىزدەك بولسۇن. شۇندىلا سىز پەرۋەردىگارىمىز خۇدادىن باشقا ھېچقانداق خۇدانىڭ يوقلۇقىنى بىلىپ قالىسىز. 11پاقىلار سىزدىن، ئوردىڭىزدىن، ئەمەلدارلىرىڭىز ۋە خەلقىڭىزدىن ئايرىلىدۇ. پەقەت نىل دەرياسىدىلا پاقا قالىدۇ، _ دېدى. 12شۇنىڭدىن كېيىن، مۇسا بىلەن ھارۇن پىرئەۋننىڭ يېنىدىن چىقىشتى. مۇسا پەرۋەردىگاردىن مىسىردىكى پاقىلارنى يوقىتىشنى تىلەپ، دۇئا قىلىپ يالۋۇردى. 13پەرۋەردىگار مۇسانىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدى. ئۆي، ھويلا ۋە ئېتىزلاردىكى پاقىلارنىڭ ھەممىسى ئۆلۈپ تۈگىدى. 14مىسىرلىقلار پاقا ئۆلۈكلىرىنى دۆۋە-دۆۋە قىلىپ توپلىغانىدى، پۈتۈن مىسىر سېسىقچىلىققا تولدى. 15بىراق پەرۋەردىگار ئالدىن ئېيتقاندەك، پاقىلارنىڭ تامامەن ئۆلگەنلىكىنى كۆرگەن پىرئەۋن جاھىللىق قىلىپ، مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ تەلىپىنى رەت قىلدى.
پاشا ئاپىتى
16پەرۋەردىگار مۇساغا:
_ سەن ھارۇنغا: «تايىقىڭنى يەرگە ئۇر. چاڭ-توزانلار پاشىلارغا ئايلىنىپ، پۈتۈن مىسىرنى قاپلايدۇ» دېگىن، _ دېدى. 17ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنىدەك قىلىشتى. ھارۇن تايىقىنى يەرگە ئۇرۇۋىدى، چاڭ-توزانلار پاشىلارغا ئايلىنىپ، ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ بەدىنىنى قاپلاپ كەتتى. مىسىر زېمىنىدىكى چاڭ-توزانلارنىڭ ھەممىسى پاشىغا ئايلاندى.
18سېھىرگەرلەرمۇ ئۆز سېھىرلىرى بىلەن پاشا پەيدا قىلماقچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئىش ئۇلارنىڭ قولىدىن كەلمىدى. ئادەم ۋە ھايۋاناتلارنىڭ بەدىنىنى پاشا قاپلاپ كەتتى. 19سېھىرگەرلەر پىرئەۋنگە:
_ بۇ ئىشنى خۇدا قىلدى! _ دېيىشتى. بىراق دەل پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىدەك، پىرئەۋن جاھىللىق قىلىپ، مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدى.
چىۋىن ئاپىتى
20ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
_ ئەتە تاڭ سەھەردىلا ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، پىرئەۋن دەريا بويىغا چىققاندا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈش ۋە ئۇنىڭغا: «پەرۋەردىگارىمىز: ‹خەلقىمنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن بېرىشىغا يول قوي. 21سېنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويايكى، ئەگەر سەن مېنىڭ خەلقىمنى قويۇپ بەرمەيدىغان بولساڭ، ساڭا، ئەمەلدارلىرىڭ ۋە خەلقىڭگە چىۋىنلار توپىنى ئەۋەتىمەن. ئۆيلىرىڭلار چىۋىنلارغا تولىدۇ ۋە ھەممە يەرنى چىۋىنلار قاپلايدۇ. 22لېكىن مېنىڭ خەلقىم ئىسرائىللار ياشاۋاتقان گوشەن ۋىلايىتىنىڭ ئەھۋالىنى باشقىچە قىلىمەن. ئۇ يەر چىۋىنلار توپىدىن خالىي بولىدۇ. شۇندىلا سەن مەن پەرۋەردىگارنىڭ بۇ يەردىمۇ قۇدرەتلىك ئىكەنلىكىمنى بىلىپ قالىسەن. 23مەن ئۆز خەلقىمنى سېنىڭ خەلقىڭدىن پەرقلەندۈرىمەن. بۇ مۆجىزە ئەتە كۆرۈلىدۇ› دەيدۇ» دەپ ئېيتقىن. 24پەرۋەردىگار دېگىنىنى قىلدى. توپ-توپ چىۋىنلار پىرئەۋننىڭ ئوردىسىغا ۋە ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە بېسىپ كىرىپ، پۈتۈن مىسىر زېمىنىنى خاراب قىلىۋەتتى.
25پىرئەۋن مۇسا بىلەن ھارۇننى چاقىرتىپ، ئۇلارغا:
_ بارساڭلار بېرىڭلار! بىراق خۇدايىڭلارغا قىلىدىغان قۇربانلىقنى مىسىر چېگراسى ئىچىدە قىلىڭلار! _ دېدى. 26لېكىن مۇسا:
_ بۇنداق قىلساق توغرا بولمايدۇ، چۈنكى پەرۋەردىگارىمىز ئۈچۈن قىلىدىغان قۇربانلىقلىرىمىز مىسىرلىقلارنى يىرگەندۈرىدۇ. ئەگەر بىز مىسىرلىقلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇلارنى يىرگەندۈرىدىغان قۇربانلىقلارنى قىلساق، ئۇلار بىزنى چالما-كېسەك قىلىدۇ! 27بىز پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ ئەمر قىلغىنىدەك ئۈچ كۈنلۈك يولنى بېسىپ، چۆل-باياۋانغا بېرىپ، ئاندىن ئۇنىڭغا قۇربانلىق قىلىشىمىز كېرەك، _ دېدى. 28پىرئەۋن ئۇنىڭغا:
_ چۆل-باياۋانغا بېرىپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا قۇربانلىق قىلىشىڭلارغا ئىجازەت بېرەي، لېكىن ئانچە يىراققا كەتمەڭلار. مەن ئۈچۈنمۇ دۇئا قىلىڭلار، _ دېدى.
29مۇسا جاۋابەن:
_ مەن يېنىڭىزدىن چىقىپلا پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلاي. چىۋىنلار توپى ئەتىلا سىزدىن، ئەمەلدارلىرىڭىز ۋە پۇقرالىرىڭىزدىن ئايرىلىدۇ. لېكىن سىز بىزنى ئالداپ، پەرۋەردىگار ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىشقا بېرىشىمىزغا توسقۇنلۇق قىلماسلىقىڭىز كېرەك، _ دېدى.
30شۇنىڭدىن كېيىن، مۇسا پىرئەۋننىڭ يېنىدىن چىقىپ، پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلدى. 31پەرۋەردىگار مۇسانىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، چىۋىنلار توپىنى پىرئەۋن، ئەمەلدارلار ۋە پۇقرالاردىن ئايرىدى. مىسىردا بىر تال چىۋىنمۇ قالمىدى. 32لېكىن بۇ قېتىممۇ پىرئەۋن يەنە جاھىللىق قىلىپ، ئىسرائىل خەلقىنىڭ قۇربانلىق قىلىشقا بېرىشىغا يول قويمىدى.

Highlight

Share

Copy

None

Want to have your highlights saved across all your devices? Sign up or sign in