YouVersion Logo
Search Icon

مىسىردىن چىقىش 9

9
ۋابا
1پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
_ سەن پىرئەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: «پەرۋەردىگار، يەنى ئىبرانىيلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا: ‹ئۆز خەلقىمنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن چۆل-باياۋانغا بېرىشىغا يول قوي. 2ئەگەر سەن ئۇلارنى قويۇپ بېرىشنى رەت قىلىپ يەنىلا تۇتۇپ تۇرۇۋالىدىغان بولساڭ، 3سېنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويايكى، چارۋا ماللىرىڭنىڭ ھەممىسىنى، يەنى ئات، ئېشەك، تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلىرىڭنى ۋاباغا دۇچار قىلىمەن. 4بىراق ئىسرائىللارنىڭ چارۋا ماللىرىنى مىسىرلىقلارنىڭكىدىن پەرقلەندۈرىمەن. ئىسرائىللارنىڭ ماللىرىدىن بىرىمۇ ئۆلمەيدۇ› دەيدۇ» دېگىن. 5پەرۋەردىگار ۋاقىت بەلگىلەپ:
_ مەن بۇ ئىشنى ئەتىلا ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا قارار قىلدىم، _ دېدى.
6ئەتىسى پەرۋەردىگار ئېيتقىنىنى قىلدى. مىسىرلىقلارنىڭ چارۋا ماللىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ۋاباغا دۇچار بولۇپ ئۆلۈشكە باشلىدى. لېكىن ئىسرائىللارنىڭ چارۋا ماللىرىنىڭ بىرىمۇ زىيانغا ئۇچرىمىدى. 7پىرئەۋن ئادەم ئەۋەتىپ تەكشۈرتۈپ، ئىسرائىللارنىڭ ماللىرىدىن بىرىنىڭمۇ ئۆلمىگەنلىكىنى ئۇقتى. شۇنداقتىمۇ، ئۇ يەنىلا جاھىللىق قىلىپ، ئىسرائىللارنىڭ كېتىشىگە يول قويمىدى.
چاقا ئاپىتى
8كېيىن، پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا:
_ ئوچاقتىن بىرقانچە چاڭگال كۈل ئېلىۋېلىڭلار. مۇسا ئۇنى پىرئەۋننىڭ ئالدىدا ھاۋاغا چاچسۇن. 9بۇ كۈل چاڭ-توزان بولۇپ، مىسىرنىڭ ھەممە يېرىگە تارقىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، بارلىق ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ بەدەنلىرىنى يىرىڭلىق چاقا قاپلاپ كېتىدۇ، _ دېدى.
10شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قوللىرىغا ئوچاقتىن كۈل ئېلىپ، پىرئەۋننىڭ ئالدىغا باردى. مۇسا كۈلنى ھاۋاغا چاچتى. نەتىجىدە، ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ بەدەنلىرىنى يىرىڭلىق چاقا قاپلاپ كەتتى. 11ھەتتا سېھىرگەرلەرمۇ مۇساغا تاقابىل تۇرالمىدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ بەدىنىنىمۇ باشقا مىسىرلىقلارنىڭكىگە ئوخشاش يىرىڭلىق چاقا قاپلاپ كەتكەنىدى. 12شۇنداقتىمۇ، پەرۋەردىگار تەرىپىدىن جاھىللاشتۇرۇلغان پىرئەۋن خۇددى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئېيتقىنىدەك، مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدى.
مۆلدۈر ئاپىتى
13پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
_ ئەتە تاڭ سەھەردىلا پىرئەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: «پەرۋەردىگار، يەنى ئىبرانىيلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا: ‹ئۆز خەلقىمنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن چۆل-باياۋانغا بېرىشىغا يول قوي. 14بولمىسا، بۇ قېتىم ئەمەلدارلىرىڭ ۋە خەلقىڭنى بالايىئاپەتكە دۇچار قىلىپلا قالماي، ھەتتا سېنىمۇ بىرلىكتە بالايىئاپەتكە دۇچار قىلىمەن. شۇندىلا سەن ئالەمدە مەندىن باشقا خۇدانىڭ يوقلۇقىنى بىلىسەن. 15ئەسلى مەن قۇدرىتىمنى كۆرسىتىپ، سېنى ۋە خەلقىڭنى ۋاباغا مۇپتىلا قىلىپ، سىلەرنى يەر يۈزىدىن يوق قىلالايتتىم. 16بىراق مەن ئۇنداق قىلمىدىم. ئەكسىچە، قۇدرىتىمنى ساڭا كۆرسىتىش ۋە نامىمنى ئالەمگە نامايان قىلىش مەقسىتى بىلەن سېنى پىرئەۋن قىلىپ تىكلىدىم. 17لېكىن سەن يەنىلا زوراۋانلىق قىلىپ، خەلقىمنى قويۇپ بەرمەيۋاتىسەن. 18شۇڭا ئەتە مۇشۇ چاغدا قاتتىق مۆلدۈر ياغدۇرىمەن، مىسىر تارىخىدا ھېچقاچان بۇنداق مۆلدۈر يىغىپ باقمىغاندۇر. 19ھازىر سەن ئادەملىرىڭگە سىرتتىكى ساڭا تەۋە بولغان بارلىق چارۋا مال ۋە باشقا نەرسىلىرىڭنى دالدىغا ئېلىپ كىرىۋېلىشىغا ئەمر قىل. چۈنكى سىرتتا قېلىپ قالغان ئادەم ۋە ھايۋانلار مۆلدۈردە ھالاك بولىدۇ› دەيدۇ» دېگىن.
20پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە ئىشەنگەن بىر قىسىم پىرئەۋننىڭ ئەمەلدارلىرى قۇل ۋە چارۋا ماللىرىنى دەرھال دالدىغا ئېلىپ كىرىۋالدى. 21پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە ئىشەنمىگەنلەر بولسا قۇل ۋە چارۋا ماللىرىنى تاشقىرىدا قويۇۋەردى.
22پەرۋەردىگار مۇساغا:
_ سەن قولۇڭنى ئاسمانغا قارىتىپ كۆتۈر! پۈتكۈل مىسىر زېمىنىدىكى ئىنسانلار، ھايۋانلار ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۈستىگە مۆلدۈر ياغىدۇ، _ دېدى. 23مۇسا تايىقىنى ئاسمانغا قارىتىپ كۆتۈرۈۋىدى، پەرۋەردىگار چاقماق چاقتۇرۇپ، گۈلدۈرماما ياڭرىتىپ، مىسىر زېمىنىغا مۆلدۈر ياغدۇرۇشقا باشلىدى. 24شۇنداق قىلىپ، چاقماقلار چېقىلىپ، يوغان-يوغان مۆلدۈرلەر يەرگە تۆكۈلۈپ چۈشتى. بۇ مىسىر تارىخىدا ھازىرغىچە يۈز بېرىپ باقمىغان ئەڭ چوڭ مۆلدۈر ئاپىتى ئىدى. 25مۆلدۈر مىسىر زېمىنىدىكى ئوچۇقچىلىقتا قالغان نەرسىلەرنى، جۈملىدىن ئادەم، ھايۋان، ئېتىزدىكى زىرائەتلەر ۋە بارلىق دەل-دەرەخلەرنى ۋەيران قىلىۋەتتى. 26پەقەت ئىسرائىللار ياشايدىغان گوشەن ۋىلايىتىدىلا مۆلدۈر ياغمىدى.
27پىرئەۋن دەرھال مۇسا بىلەن ھارۇننى چاقىرتىپ:
_ بۇ قېتىم مەن خاتا قىلدىم، خەلقىمدىن سەۋەنلىك ئۆتتى. پەرۋەردىگار ئادىلدۇر. 28مەن ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىڭلار. بىزگە بۇ ھەيۋەتلىك گۈلدۈرماما ۋە مۆلدۈرلەر يېتەر. مەن سىلەرنىڭ كېتىشىڭلارغا يول قوياي. سىلەر ئەمدى بۇ يەردە تۇرمىساڭلارمۇ بولىدۇ، _ دېدى. 29مۇسا ئۇنىڭغا:
_ مەن بۇ شەھەردىن چىقىشىم بىلەنلا، قولۇمنى كۆتۈرۈپ پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىمەن، گۈلدۈرماما ۋە مۆلدۈرلەر شۇ ھامان توختايدۇ. شۇ چاغدا سىز دۇنيانىڭ پەرۋەردىگارغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى بىلىسىز. 30لېكىن سىز ۋە ئەمەلدارلىرىڭىزنىڭ تېخىچە پەرۋەردىگار خۇدادىن قورقمايۋاتقانلىقىڭلار ماڭا مەلۇم، _ دېدى.
31بۇ زىغىر چېچەكلىگەن ۋە ئارپا تېخى پىشمىغان ۋاقىت ئىدى، شۇڭا مۆلدۈر ئۇلارنى خاراب قىلىۋەتكەنىدى. 32پەقەت بۇغدايلارلا زىيانغا ئۇچرىمىغانىدى، چۈنكى ئۇلار تېخى باش تۇتمىغانىدى.
33مۇسا پىرئەۋننىڭ يېنىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، شەھەردىن چىقىپ، پەرۋەردىگارغا قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلدى. گۈلدۈرمامىلار ۋە مۆلدۈر شۇ ھامان توختىدى، يامغۇرمۇ تىنچىدى. 34گەرچە پىرئەۋن بۇ ئەھۋاللارنى كۆرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنە گۇناھ سادىر قىلدى. ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى يەنىلا جاھىللىق قىلىشتى. 35پەرۋەردىگار بۇرۇن مۇساغا ئېيتقاندەك، پىرئەۋن جاھىللىق قىلىپ، ئىسرائىللارنىڭ كېتىشىگە يەنىلا يول قويمىدى.

Highlight

Share

Copy

None

Want to have your highlights saved across all your devices? Sign up or sign in