ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 32
32
ياقۇپنىڭ ئەساۋنىڭ ئالدىغا خىزمەتكارلىرىنى ئەۋەتىشى
1ياقۇپ سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقاندا، يول ئۈستىدە ئۇنىڭغا خۇدانىڭ پەرىشتىلىرى ئۇچرىدى. 2ياقۇپ ئۇلارنى كۆرۈپ: «بۇ يەر خۇدانىڭ دەرگاھى#32: 2 دەرگاھ _ ياقۇپ ئىككى پەرىشتىنىڭ بۇ يەرگە ئورۇنلاشقانلىقىنى كۆرۈپ، بۇ مۇھىم ئورۇننى «ئىككى دەرگاھ» دەپ ئاتاش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ خۇدانىڭ كاپالىتىگە ئېرىشىدىغانلىقىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن. ئىكەن!» دېدى ۋە ئۇ جاينىڭ ئىسمىنى ماخانايىم [مەنىسى «ئىككى دەرگاھ»] دەپ ئاتىدى.
3ياقۇپنىڭ ئاكىسى ئەساۋ ئىدوم، يەنى سەئىر رايونىدا تۇرۇۋاتاتتى. ياقۇپ ئاكىسى ئەساۋنىڭ ئالدىغا ئادەملىرىنى ئەۋەتىپ، 4ئۇنىڭغا مۇنداق دېيىشنى بۇيرۇدى: «كەمىنىلىرى ياقۇپ تا ھازىرغىچە لاباننىڭ يېنىدا تۇرغانىدىم، ئەمدى قايتىپ كەلدىم. 5مېنىڭ ھازىر كالا، ئېشەك، قوي، ئۆچكە، قۇل ۋە دېدەكلىرىم بار بولدى. مەن مەرھەمەتلىرىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئالدىلىرىغا ئادەملىرىمنى ئەۋەتتىم!»
6ياقۇپنىڭ ئادەملىرى قايتىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا:
_ بىز ئاكىڭىز ئەساۋ بىلەن كۆرۈشتۇق. ئۇ تۆت يۈز ئادەمنى ئېلىپ، سىز بىلەن كۆرۈشكىلى يولغا چىقتى، _ دېدى.
7ياقۇپ قورقۇنچ ۋە تەشۋىش ئىچىدە ئۆز ئادەملىرىنى ئىككى توپقا بۆلدى ھەمدە قوي، ئۆچكە، كالا ۋە تۆگىلىرىنىمۇ ئىككىگە ئايرىدى. 8چۈنكى ئۇ: «ئەگەر ئەساۋنىڭ ئادەملىرى بىر توپقا ھۇجۇم قىلسا، يەنە بىر توپ قېچىپ قۇتۇلۇپ قالار» دەپ ئويلىغانىدى.
9ياقۇپ مۇنداق دۇئا قىلدى:
_ ئى بوۋام ئىبراھىم بىلەن ئاتام ئىسھاق ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، دۇئايىمغا قۇلاق سالغايسەن! ئى پەرۋەردىگار، سەن مېنى يۇرتۇمغا ھەمدە تۇغقانلىرىمنىڭ يېنىغا قايتىشقا بۇيرۇغان ۋە ھەممە ئىشلىرىمنى ئوڭ قىلىپ بېرىدىغانلىقىڭنى ئېيتقانىدىڭ. 10مەن سېنىڭ مەندەك بىر خىزمەتكارىڭغا كۆرسەتكەن بارلىق مېھرىبانلىقىڭ ۋە سەمىمىيىتىڭگە لايىق ئەمەسمەن. بۇرۇن مەن ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكىنىمدە، قولۇمدا پەقەت بىرلا ھاسا بار ئىدى. ئەمدى بۇ ئىككى توپ كىشىنى باشلاپ قايتىۋاتىمەن. 11مېنى ئاكام ئەساۋنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغايسەن. مەن ئۇنىڭ مېنى، ھەتتا خوتۇن، بالا-چاقىلىرىمنىمۇ ئۆلتۈرۈۋېتىشىدىن قورقىمەن. 12ھەممە ئىشلىرىمنى ئاسان قىلىدىغانلىقىڭ ۋە ماڭا دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك سان-ساناقسىز ئەۋلاد بېرىدىغانلىقىڭ ھەققىدە قىلغان ۋەدەڭنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن.
13-15ياقۇپ ئۇ يەردە بىر كېچە قونۇپ، ئۆزىنىڭ مال-مۈلكىنىڭ بىر قىسمىنى، يەنى 200 ئۆچكە، 20 تېكە، 200 ساغلىق قوي، 20 قوچقار، بوتىلاقلىرى بىلەن قوشۇپ 30 چىشى تۆگە، 40 ئىنەك، 10 بۇقا، 20 مادا ئېشەك ۋە 10 ھاڭگا ئېشەكنى ئاكىسى ئەساۋغا سوۋغا قىلىش ئۈچۈن تاللىدى. 16ئۇ بۇ ماللارنى ئايرىم-ئايرىم پادا قىلىپ، ھەربىر توپ پادىغا ئايرىم پادىچى تەيىنلەپ، ئۇلارغا:
_ سىلەر ئالدىمدا مېڭىۋېرىڭلار. ھەربىر توپ پادىنىڭ ئارىسىغا بەلگىلىك ئارىلىق قويۇپ ھەيدەڭلار، _ دېدى. 17ئۇ يول باشلاپ ماڭغان خىزمەتكارىغا:
_ ئاكام ئەساۋ ساڭا ئۇچراپ، سەندىن: «خوجايىنىڭ كىم، قەيەرگە بارىسەن، سەن ھەيدەپ كېتىۋاتقان بۇ ماللار كىمنىڭ؟» دەپ سورىسا، 18سەن: «بۇلار خىزمەتكارىڭىز ياقۇپنىڭ ماللىرى بولۇپ، خوجايىنى ئەساۋغا قىلغان سوۋغىتىدۇر. ئۆزى كەينىمىزدە كېلىۋاتىدۇ» دەپ جاۋاب بەرگىن، _ دېدى.
19-20ئۇ ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى توپنىڭ يېتەكچىلىرىگە ۋە باشقىلارغا:
_ سىلەر ئەساۋغا ئۇچرىغاندا: «خىزمەتكارىڭىز ياقۇپ كەينىمىزدە كېلىۋاتىدۇ» دەڭلار، _ دەپ بۇيرۇدى.
ياقۇپ ئىچىدە: «بىز كۆرۈشكەندە، بۇ سوۋغاتلار بىلەن ئۇنىڭ ئاچچىقىنى ياندۇرسام، بەلكىم ئۇ مېنى كەچۈرۈۋېتەر» دەپ ئويلىدى.
21شۇنىڭ بىلەن ئۇ سوۋغاتلارنى ئالدىن يولغا سېلىۋېتىپ، كېچىنى شۇ يەردە ئۆتكۈزدى.
ياقۇپنىڭ خۇدا بىلەن چېلىشىشى
22شۇ كۈنى كېچىدە ياقۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئىككى ئايالى، ئىككى توقىلى ۋە 11 پەرزەنتىنى ئېلىپ، ياببوق دەرياسىدىن ئۆتتى. 23ئۇلارنى دەريادىن ئۆتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، ھەممە تەئەللۇقاتلىرىنىمۇ قارشى تەرەپكە ئۆتكۈزۈۋەتتى. 24ئۆزى بۇ تەرەپتە يالغۇز قالدى. ئۇ شۇ يەردە بىر كىشى بىلەن تاڭ ئاتقۇچە چېلىشتى. 25ئۇ كىشى ياقۇپتىن ئۈستۈن كېلەلمەيدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ، ئۇنىڭ ساغرىسىغا ئۇرۇپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن ياقۇپنىڭ سۆڭگىچى ئورنىدىن چىقىپ كەتتى. 26ئۇ كىشى:
_ تاڭ ئاتاي دەپ قالدى، مېنى قويۇپ بەر! _ دېدى.
_ سەن ماڭا بەخت ئاتا قىلمىغۇچە، قويۇپ بەرمەيمەن، _ دېدى ياقۇپ. 27ئۇ كىشى ياقۇپتىن:
_ ئىسمىڭ نېمە؟ _ دەپ سورىدى.
_ ئىسمىم ياقۇپ، _ دېدى. 28ھېلىقى كىشى يەنە:
_ بۇنىڭدىن كېيىن ئىسمىڭ ياقۇپ ئەمەس، ئىسرائىل [مەنىسى «خۇدا بىلەن چېلىشتى»] بولسۇن. چۈنكى سەن خۇدا بىلەنمۇ ھەم ئىنسانلار بىلەنمۇ چېلىشىپ، ئۇلاردىن ئۈستۈن كەلدىڭ، _ دېدى. 29ياقۇپ ئۇنىڭدىن:
_ ئېيتقىن، ئىسمىڭ نېمە؟ _ دەپ سورىدى. ھېلىقى كىشى:
_ نېمىشقا ئىسمىمنى سورايسەن، _ دېدى ۋە ياقۇپقا بەخت ئاتا قىلدى.
30ياقۇپ ئىچىدە:
_ مەن خۇدا بىلەن يۈزمۇيۈز كۆرۈشكەن بولساممۇ، جېنىم ساق قالدى! _ دېدى.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ يەرنىڭ نامىنى پىنىئەل [مەنىسى «خۇدانىڭ يۈزى»] دەپ ئاتىدى. 31ياقۇپ پىنىئەلدىن يولغا چىققاندا، كۈن چىققانىدى. ئۇنىڭ سۆڭگىچى ئورنىدىن چىقىپ كەتكەچكە، ئاقساپ ماڭاتتى. 32خۇدا ياقۇپنىڭ ساغرىسىغا تەگكەنلىكى ئۈچۈن، ئىسرائىللار تا بۈگۈنگىچە ھايۋانلارنىڭ ساغرىسىنىڭ پېيىنى يېمەيدۇ.
Currently Selected:
ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 32: HZUT
Highlight
Share
Copy
Want to have your highlights saved across all your devices? Sign up or sign in
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti