ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 45
45
يۈسۈپنىڭ قېرىنداشلىرىغا ئۆزىنى ئاشكارىلىشى
1يۈسۈپ ئۆز ھېسسىياتىنى بېسىۋېلىشقا ئامالسىز قېلىپ، خىزمەتكارلىرىنىڭ تاشقىرىغا چىقىپ تۇرۇشىنى بۇيرۇدى. ئۇ قېرىنداشلىرى بىلەن يالغۇز قالغاندا، ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئاشكارا قىلدى. 2شۇ چاغدا ئۇ شۇنداق قاتتىق يىغلىدىكى، ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئۆينىڭ سىرتىدىكىلەرمۇ ئاڭلىدى. بۇ خەۋەر تېزدىن پىرئەۋننىڭ ئوردىسغىمۇ يېتىپ باردى.
3يۈسۈپ ئىبرانىي تىلىدا قېرىنداشلىرىغا مۇنداق دېدى:
_ مەن يۈسۈپ بولىمەن! ئاتام سالامەتمۇ؟
بۇ گەپنى ئاڭلىغان قېرىنداشلىرى ھودۇقۇپ كەتكەنلىكىدىن گەپ قىلىشالماي تۇرۇشۇپلا قالدى. 4يۈسۈپ ئۇلارغا:
_ يېقىنراق كېلىڭلار، _ دېدى. ئۇلار ئۇنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
_ مەن سىلەرنىڭ ئىنىڭلار، يەنى سىلەر مىسىرغا سېتىۋەتكەن يۈسۈپ بولىمەن. 5لېكىن سىلەر بۇ ئىشىڭلار ئۈچۈن ئازابلانماڭلار ھەم ئۆزۈڭلارنى ئەيىبلەپمۇ يۈرمەڭلار. مېنى خۇدا خەلقنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن سىلەردىن بۇرۇن بۇ يەرگە ئەۋەتتى. 6بۇ يەردىكى قەھەتچىلىككە ئەمدى ئىككى يىل بولدى. يەنە بەش يىلغىچە تېرىقچىلىق قىلغىلىمۇ بولمايدۇ، ھوسۇل ئالغىلىمۇ بولمايدۇ. 7شۇڭا سىلەرنىڭ ھاياتىڭلارنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ۋە نەسلىڭلارنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن خۇدا چوڭ مۆجىزە كۆرسىتىپ، مېنى بۇ يەرگە سىلەردىن ئاۋۋال ئەۋەتتى. 8دېمەك، مېنى بۇ يەرگە ئەۋەتكەن سىلەر ئەمەس، بەلكى خۇدادۇر. ئۇ مېنى پىرئەۋننىڭ باش مەسلىھەتچىسى ۋە مىسىرنىڭ باش ۋەزىرلىكىگە ئولتۇرغۇزۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنى ئىدارە قىلىشقا مۇيەسسەر قىلدى.
9سىلەر ئاتامنىڭ يېنىغا تېزدىن بېرىپ، ئۇنىڭغا: «ئوغلىڭىز يۈسۈپ: ‹خۇدا مېنى پۈتۈن مىسىر دۆلىتىنىڭ باش ۋەزىرى قىلىپ تىكلىدى. سىز ئەمدى كېچىكمەي، بۇ يەرگە تېزدىن يېتىپ كېلىڭ. 10ئوغۇل-قىزلىرىڭىز، نەۋرىلىرىڭىز، چارۋا ماللىرىڭىز ۋە باشقا پۈتۈن مال-مۈلكىڭىزنى ئېلىپ، گوشەن رايونىغا كېلىڭ ۋە ماڭا يېقىن ئولتۇرۇڭ. 11چۈنكى قەھەتچىلىك يەنە بەش يىل داۋاملىشىدۇ. مەن سىزنى باقىمەن. مەن پۈتۈن ئائىلىڭىز ۋە چارۋا ماللىرىڭىزنىڭ ئاچارچىلىق يىللىرىدا مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىنى خالىمايمەن› دېدى» دەڭلار، _ دېدى. 12يۈسۈپ يەنە:
_ مانا، مېنىڭ كىم ئىكەنلىكىمنى ھەممىڭلار ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆردۈڭلار، بىنيامىن سەنمۇ كۆردۈڭ. 13ئاتامغا مىسىردىكى ھۆرمىتىمنىڭ قانچىلىك يۇقىرىلىقىنى ئېيتىڭلار ۋە كۆرگىنىڭلارنىڭ ھەممىسىنى ئېيتىپ، ئۇنى تېزدىن بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىڭلار، _ دېدى.
14ئۇ ئىنىسى بىنيامىننى قۇچاقلاپ، يەنە قاتتىق يىغلاپ كەتتى. ئىنىسىمۇ ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ قاتتىق يىغلىدى. 15ئاندىن ئۇ يىغلىغان پېتى ئاكىلىرى بىلەن بىر-بىرلەپ قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى. شۇنىڭدىن كېيىن قېرىنداشلىرى ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىشكە باشلىدى.
16يۈسۈپنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ مىسىرغا كەلگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەر ئوردىغا يېتىپ كەلگەندە، پىرئەۋن ۋە خىزمەتكارلىرى ئىنتايىن خۇشال بولۇشۇپ كەتتى. 17پىرئەۋن يۈسۈپكە:
_ قېرىنداشلىرىڭغا ئېيت، ئۇلار ئۇلاغلىرىغا دەرھال مال ئارتىپ، كەنئانغا قايتىپ بېرىپ، 18ئاتاڭ بىلەن بارلىق ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى بۇ يەرگە ئېلىپ كەلسۇن. مەن ئۇلارغا مىسىرنىڭ ئەڭ ياخشى زېمىنىنى بېرىمەن. ئۇلار بۇ يەردە باياشات تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولسۇن. 19ئۇلارغا يەنە شۇنىمۇ ئېيتىپ قويغىنكى، ئۇلار ئاتاڭنى ۋە خوتۇن، بالا-چاقىلىرىنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن مىسىردىن ھارۋا ئالغاچ كەتسۇن. 20ئۇلار ئۇ يەردىكى مال-مۈلۈكلىرىنى ئويلىمىسۇن، چۈنكى مىسىر زېمىنىنىڭ ئەڭ ياخشى نەرسىلىرى ئۇلارنىڭ بولىدۇ، _ دېدى.
21ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى بۇ سۆزگە بىنائەن ئىش قىلدى. يۈسۈپ پىرئەۋننىڭ ئەمرى بويىچە ئۇلارغا ھارۋا ۋە يولغا يېتەرلىك ئوزۇق-تۈلۈك تەييارلاپ بەردى. 22ئۇ يەنە ھەربىر ئاكىسىغا بىر قۇردىن يېڭى كىيىم سوۋغا قىلدى. بىنيامىنغا بولسا بەش قۇر كىيىم بىلەن ئۈچ يۈز كۈمۈش تەڭگە بەردى. 23ئۇ ئاتىسىغا ئون ھاڭگا ئېشەككە مىسىرنىڭ ئەڭ ياخشى نەرسىلىرىنى، يەنە ئون مادا ئېشەككە ئاتىسىنىڭ مىسىرغا كېلىش يولىدا ئىستېمال قىلىشى ئۈچۈن ئاشلىق، نان ۋە باشقا يېمەكلىكلەرنى ئارتىپ بەردى. 24ئۇ قېرىنداشلىرىنى يولغا سېلىش ئالدىدا ئۇلارغا يولدا جېدەل-ماجىرا چىقارماسلىقنى تاپىلىدى.
25ئۇلار مىسىردىن چىقىپ، كەنئانغا، يەنى ئاتىسىنىڭ يېنىغا قايتىپ باردى. 26ئۇلار ئاتىسىغا:
_ يۈسۈپ ھايات ئىكەن! مىسىرنىڭ باش ۋەزىرى بوپتۇ! _ دېدى.
ياقۇپنىڭ تەنلىرى جۇغۇلداپ كەتتى. ئۇ ئۇلارنىڭ سۆزىگە ئىشەنمىدى. 27لېكىن ئۇ ئۇلاردىن يۈسۈپنىڭ ئېيتىپ بەرگەن سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ھەمدە يۈسۈپنىڭ ئۆزىنى ئېلىپ كېلىشكە ئەۋەتكەن ھارۋىلىرىنى كۆرۈپ، ئەس-ھوشىغا كەلدى. 28ئۇ:
_ ئىشەندىم، ئوغلۇم يۈسۈپنىڭ ھايات ئىكەنلىكىگە ئەمدى ئىشەندىم! كۆزۈمنىڭ ئوچۇقىدا بېرىپ ئۇنى كۆرەي! _ دېدى.
Currently Selected:
ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 45: HZUT
Highlight
Share
Copy
Want to have your highlights saved across all your devices? Sign up or sign in
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti