ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 46
46
ياقۇپنىڭ پۈتۈن ئائىلىسىنى ئېلىپ مىسىرغا بېرىشى
1ياقۇپ پۈتۈن مال-مۈلۈكلىرىنى يىغىشتۇرۇپ، بەئەرشەباغا كېلىپ، ئۇ يەردە ئاتىسى ئىسھاق ئېتىقاد قىلغان خۇداغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلدى. 2شۇ كېچىسى ئۇنىڭغا بىر غايىبانە ئالامەت كۆرۈنۈپ، خۇدا:
_ ياقۇپ، ياقۇپ! _ دەپ چاقىردى.
_ لەببەي، _ دەپ جاۋاب بەردى ياقۇپ. 3خۇدا ئۇنىڭغا:
_ مەن خۇدا، سېنىڭ ئاتاڭ ئېتىقاد قىلغان خۇدادۇرمەن. سەن مىسىرغا بېرىشتىن قورقما. چۈنكى مەن ئۇ يەردە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنى ئۇلۇغ بىر خەلق قىلىمەن. 4مەن ساڭا مىسىردا يار بولىمەن ۋە كېيىن ئەۋلادلىرىڭنى بۇ زېمىنغا چوقۇم قايتۇرۇپ كېلىمەن. سەن ئالەمدىن ئۆتكەندە، يۈسۈپ يېنىڭدا بولىدۇ، _ دېدى.
5ياقۇپ بەئەرشەبادىن يولغا چىقتى. ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئاتىسى ياقۇپنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ خوتۇن-بالىلىرىنى پىرئەۋن ئەۋەتكەن ھارۋىلارغا ئولتۇرغۇزۇپ، 6كەنئاندىكى چارۋىلىرى ۋە مال-مۈلۈكلىرىنى ئېلىپ، مىسىرغا قاراپ ماڭدى. شۇنداق قىلىپ، ياقۇپ ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن ئەۋلادلىرى، 7يەنى ئوغۇل-قىزلىرى ۋە ئوغۇل-قىز نەۋرىلىرىمۇ مىسىرغا بىرگە كەلدى.
8ئىسرائىل، يەنى ياقۇپنىڭ مىسىرغا بىرلىكتە كەلگەن ئەۋلادلىرىنىڭ ئىسىملىكى تۆۋەندىكىچە:
ياقۇپنىڭ چوڭ ئوغلى رۇبېن 9ۋە ئۇنىڭ خانوك، پاللۇ خەزرون ۋە كارمى قاتارلىق ئوغۇللىرى،
10شىمون ۋە ئۇنىڭ يىمۇئېل، يامىن، ئوھاد، ياكىن، زوخار، شۇنداقلا كەنئانلىق ئايالىدىن بولغان شائۇل قاتارلىق ئوغۇللىرى،
11لاۋىي ۋە ئۇنىڭ گېرشوم، قوھات ۋە مىرارى قاتارلىق ئوغۇللىرى،
12يەھۇدا ۋە ئۇنىڭ شېلاھ، پەرەس، زەراخ قاتارلىق ئوغۇللىرى، (يەھۇدانىڭ يەنە ئېر ۋە ئونان ئىسىملىك ئوغۇللىرى بولۇپ، ئۇلار كەنئاندا ئۆلۈپ كەتكەنىدى.)
پەرەس ۋە ئۇنىڭ خەزرون، خامۇل قاتارلىق ئوغۇللىرى،
13ئىسساكار ۋە ئۇنىڭ تولاھ، پۇۋاھ، يوب ۋە شىمرون قاتارلىق ئوغۇللىرى،
14زەبۇلۇن ۋە ئۇنىڭ سەرەد، ئېلون، ياخلىئېل قاتارلىق ئوغۇللىرى.
15يۇقىرىدىكىلەر پاددان-ئاررامدا ياقۇپ بىلەن ئايالى لېياھتىن تارالغان ئەۋلادلار بولۇپ، قىزى دىنانى قوشقاندا، جەمئىي 33 نەپەر ئىدى.
16گاد ۋە ئۇنىڭ زىفيون، خاگگى، شۇنىي، ئەزبون، ئەرى، ئارودى ۋە ئارئېلى قاتارلىق ئوغۇللىرى،
17ئاشېر ۋە ئۇنىڭ يىمناھ، يىشۋاھ، يىشۋى، بىرىئا قاتارلىق ئوغۇللىرى، قىزى سەراخ ۋە بىرىئاانىڭ خەبەر ۋە مالكىئېل قاتارلىق ئوغۇللىرى.
18يۇقىرىدىكىلەر لابان قىزى لېياھقا دېدەك قىلىپ بەرگەن زىلپا بىلەن ياقۇپتىن تارالغان ئەۋلادلار بولۇپ، ئۇلار جەمئىي 16 نەپەر ئىدى.
19ئايالى راھىلە ياقۇپقا ئىككى ئوغۇل تۇغۇپ بەرگەن بولۇپ، ئۇلار يۈسۈپ بىلەن بىنيامىن ئىدى. 20يۈسۈپ مىسىردا ئون دېگەن شەھەرنىڭ روھانىيسى پوتىفېرانىڭ قىزى ئاسىناتتىن ماناسسە ۋە ئەفرايىم ئىسىملىك ئىككى ئوغۇل كۆرگەنىدى.
21بىنيامىننىڭ بەلا، بەكەر، ئاشبېل، گېرا، نائامان، ئېخى، روش، مۇپپىم، خۇپپىم ۋە ئارىد قاتارلىق ئوغۇللىرى بار ئىدى.
22يۇقىرىدىكىلەر راھىلە بىلەن ياقۇپتىن تارالغان ئەۋلادلار بولۇپ، جەمئىي 14 نەپەر ئىدى.
23داننىڭ خۇشىم ئىسىملىك بىر ئوغلى،
24نافتالىنىڭ ياخزىئېل، گۇنى، يېزەر ۋە شىللېم قاتارلىق ئوغۇللىرى بار ئىدى.
25يۇقىرىدىكىلەر لابان قىزى راھىلەگە دېدەك قىلىپ بەرگەن بىلھاھ بىلەن ياقۇپتىن تارالغان ئەۋلادلار بولۇپ، جەمئىي 7 نەپەر ئىدى.
26دېمەك، ياقۇپنىڭ كېلىنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ياقۇپ بىلەن بىرگە مىسىرغا بارغان ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى جەمئىي 66 كىشى ئىدى. 27يۈسۈپنىڭ مىسىردا كۆرگەن ئىككى ئوغلىنى قوشقاندا، ياقۇپ جەمەتىنىڭ مىسىردىكى سانى جەمئىي 70#46: 27 بۇ بابنىڭ 15-، 18-، 22-، 25-ئايەتلىرىدە تىلغا ئېلىنغان ئادەم سانىنى قوشقاندا مىسىرغا بارغانلار جەمئىي 70 ئادەم بولىدۇ. بىراق بۇ ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان 66 ئادەم ئىچىگە يۈسۈپنىڭ ئىككى ئوغلى _ ماناسسە بىلەن ئەفرايىم، شۇنداقلا يەھۇدانىڭ كەنئاندا ئۆلۈپ كەتكەن ئىككى ئوغلى _ ئېر بىلەن ئونان قوشۇلمىغان. كىشى بولدى.
ياقۇپنىڭ يۈسۈپ بىلەن كۆرۈشۈشى
28ياقۇپ گوشەن رايونىغا بارىدىغان يولنى بىلىش ئۈچۈن يەھۇدانى يۈسۈپنىڭ ئالدىغا ئەۋەتكەنىدى. ئۇلار گوشەنگە كەلگەندە، 29يۈسۈپ ۋەزىرلىك ھارۋىسىدا ئولتۇرۇپ، ئاتىسى ئىسرائىلنىڭ ئالدىغا باردى. يۈسۈپ ئاتىسىنى كۆرۈش بىلەنلا ئۇنى قۇچاقلاپ، ئۇزۇنغىچە يىغلىدى. 30ئىسرائىل يۈسۈپكە:
_ مەن سېنىڭ ھايات ئىكەنلىكىڭنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. ئەمدى ئۆلۈپ كەتسەممۇ ئارمىنىم يوق! _ دېدى.
31يۈسۈپ قېرىنداشلىرىغا ۋە بارلىق ئائىلە ئەزالىرىغا مۇنداق دېدى:
_ مەن پىرئەۋنگە سىلەرنىڭ كەنئاندىن بۇ يەرگە كەلگەنلىكىڭلارنى مەلۇم قىلاي. 32ئۇنىڭغا سىلەرنىڭ چارۋىچى ئىكەنلىكىڭلارنى، چارۋا ۋە مال-مۈلكۈڭلارنى ئېلىپ كەلگەنلىكىڭلارنى ئېيتاي. 33پىرئەۋن سىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، كەسپىڭلارنى سورىسا، 34ئۇنىڭغا: «بىز كىچىكىمىزدىن تارتىپ چارۋىچىلىق قىلىپ كەلگەن، ئاتا-بوۋىلىرىمىزمۇ چارۋىچى ئىدى» دەڭلار. شۇنىڭ بىلەن ئۇ سىلەرنى ئۆز خەلقىدىن ئايرىپ، گوشەن رايونىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ، _ دېدى.
يۈسۈپنىڭ بۇنداق دېيىشىدىكى سەۋەب، مىسىرلىقلار چارۋىچىلارنى پەقەت كۆزگە ئىلمايتتى.
Currently Selected:
ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 46: HZUT
Highlight
Share
Copy
Want to have your highlights saved across all your devices? Sign up or sign in
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

: