ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 47
47
1يۈسۈپ پىرئەۋن بىلەن كۆرۈشكىلى بېرىپ، ئۇنىڭغا:
_ ئاتام بىلەن قېرىنداشلىرىم كەنئاندىن چارۋا ۋە پۈتۈن مال-مۈلۈكلىرىنى ئېلىپ بۇ يەرگە كەلدى. ھازىرچە ئۇلار گوشەندە تۇرۇۋاتىدۇ، _ دېدى.
2ئاندىن كېيىن يۈسۈپ قېرىندىشىدىن بەشىنى پىرئەۋن بىلەن كۆرۈشتۈرۈشكە ئېلىپ كەلدى. 3پىرئەۋن يۈسۈپنىڭ قېرىنداشلىرىدىن:
_ سىلەر قايسى كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىسىلەر؟ _ دەپ سورىدى. ئۇلار جاۋابەن:
_ ئالىيلىرى، بىز ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا ئوخشاش چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىمىز. 4كەنئاندا ماللىرىمىزنى باقىدىغان ئوتلاق قالمىدى، قەھەتچىلىكمۇ ئېغىر بولدى. شۇ سەۋەبتىن بىز بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلدۇق. ئالىيلىرىدىن بىزنىڭ گوشەن رايونىدا تۇرۇشىمىزغا ئىجازەت بېرىشلىرىنى سورايمىز، _ دېيىشتى. 5پىرئەۋن يۈسۈپكە:
_ ئاتاڭ بىلەن قېرىنداشلىرىڭ بۇ يەرگە كەپتۇ. 6مىسىرنىڭ زېمىنى ئۇلارنىڭمۇ زېمىنىدۇر. ئۇلار مىسىرنىڭ قەيېرىدە تۇرۇشنى خالىسا، شۇ يەردە تۇرسۇن، گوشەندە تۇرسىمۇ بولىۋېرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مال بېقىشقا مايىر كىشىلەر بولسا، ئۇلارنى ماللىرىمنى باشقۇرۇشقا قويساڭمۇ بولىدۇ، _ دېدى.
7كېيىن يۈسۈپ ئاتىسى ياقۇپنى ئوردىغا باشلاپ كېلىپ، پىرئەۋن بىلەن كۆرۈشتۈردى. ياقۇپ پىرئەۋنگە بەخت-سائادەت تىلىدى. 8پىرئەۋن ئۇنىڭدىن:
_ قانچە ياشقا كىردىڭىز؟ _ دەپ سورىدى. 9ياقۇپ ئۇنىڭغا:
_ مەن بۇ دۇنيادا 130 يىل ياشىدىم، ھاياتىم مۇساپىرچىلىق ئىچىدە جاپا-مۇشەققەتلىك ئۆتتى. مەن تېخى ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ يېشىغا يەتمىدىم، _ دەپ جاۋاب بەردى.
10خوشلىشىش ئالدىدا ياقۇپ يەنە پىرئەۋنگە بەخت تىلىدى ۋە ئۇنىڭ ھۇزۇرىدىن چىقتى. 11يۈسۈپ پىرئەۋننىڭ ئەمرى بويىچە ئاتىسى بىلەن قېرىنداشلىرىنى مىسىرنىڭ ئەڭ ياخشى يېرىگە، يەنى رەمسېس رايونىغا ئورۇنلاشتۇردى. 12يۈسۈپ ئاتىسى ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ جان سانىغا قاراپ، ئاشلىق يەتكۈزۈپ بەردى.
قەھەتچىلىك
13ھەممە يەردە ئاشلىق قالمىدى، قەھەتچىلىك ئىنتايىن ئېغىرلىشىپ كەتتى. مىسىرلىقلار ۋە كەنئانلىقلار قەھەتچىلىك سەۋەبىدىن ئازاب چېكەتتى. 14يۈسۈپ ئاشلىق سېتىپ، مىسىرلىقلار بىلەن كەنئانلىقلارنىڭ قولىدىكى ھەممە پۇللارنى يىغىپ، ئوردىغا تاپشۇردى. 15مىسىر ۋە كەنئاندىكى خەلقنىڭ قولىدىكى پۇللار تۈگىگەندە، مىسىر خەلقى يۈسۈپنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن:
_ پۇللىرىمىز تۈگىدى. كۆز ئالدىلىرىدا ئۆلۈپ كەتمەيلى، بىزگە ئاشلىق تېپىپ بەرگەيلا، _ دەپ تەلەپ قىلىشتى. 16يۈسۈپ ئۇلارغا:
_ ئەگەر پۇلۇڭلار تۈگەپ كەتكەن بولسا، چارۋا ماللىرىڭلارنى ئاشلىققا تېگىشىڭلار، _ دېدى.
17شۇنىڭ بىلەن ئۇلار چارۋا ماللىرىنى يۈسۈپنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. يۈسۈپ ئۇلارنىڭ ئات، ئېشەك، قوي، كالا ۋە ئۆچكىلىرىگە ئاشلىق تېگىشىپ بەردى. شۇنداق قىلىپ، يۈسۈپ بۇ يىلى ئاشلىق بەدىلىگە ئۇلارنىڭ چارۋا ماللىرىنىڭ ھەممىسىنى يىغىۋالدى.
18كېيىنكى يىلى ئۇلار يەنە كېلىپ:
_ جانابلىرى، ھەقىقىي ئەھۋالىمىزنى سىلىدىن يوشۇرمايمىز. پۇللىرىمىز پۈتۈنلەي تۈگىدى. چارۋا ماللىرىمىزمۇ ئۆزلىرىگە ئۆتۈپ كەتتى. ھازىر بىزنىڭ تېنىمىز ۋە يېرىمىزدىن باشقا ھېچ نەرسىمىز قالمىدى. 19كۆز ئالدىلىرىدا ئۆلۈپ كەتمەيلى، يەرلىرىمىزمۇ ئاق تاشلىنىپ قالمىسۇن. بىزمۇ، يېرىمىزمۇ پىرئەۋنگە تەۋە بولسۇن، بىزگە ئاشلىق بەرگەيلا. بىز پىرئەۋننىڭ قۇلى بولۇپ، ئۇنىڭ دېھقانچىلىقىنى قىلايلى. ھايات قېلىشىمىز ۋە يەرلەرنىڭ ئاق تاشلىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇرۇقلۇق بەرگەيلا! _ دەپ تەلەپ قىلىشتى.
20شۇنداق قىلىپ، يۈسۈپ مىسىرنىڭ پۈتۈن زېمىنىنى پىرئەۋن ئۈچۈن سېتىۋالدى. ئاچارچىلىقنىڭ ئېغىرلىقىدىن مىسىرلىقلار يەرلىرىنى سېتىشقا مەجبۇر بولدى. نەتىجىدە، پۈتۈن يەر-زېمىن پىرئەۋنگە ئۆتۈپ كەتتى. 21پۈتۈن مىسىر خەلقىمۇ ئۇنىڭ قۇلى بولۇپ قالدى. 22پەقەت روھانىيلارنىڭ يەرلىرىلا ئۆز قوللىرىدا قالدى، چۈنكى ئۇلار پىرئەۋندىن ھەقسىز ئاشلىق ئالاتتى. شۇڭا ئۇلارنىڭ يەرلىرىنى سېتىشى ھاجەتسىز ئىدى.
23يۈسۈپ خەلققە:
_ مەن پادىشاھ ئۈچۈن سىلەرنى ۋە يەر-زېمىنلىرىڭلارنى سېتىۋالغانىكەنمەن، ئۇ يەرلەردە دېھقانچىلىق قىلىشىڭلار ئۈچۈن ئۇرۇق بېرەي. 24ھوسۇل ئالغان ۋاقتىڭلاردا ھوسۇلنىڭ بەشتىن بىرىنى پادىشاھقا تاپشۇرۇپ، قالغىنىنى ئۆزۈڭلارغا ئوزۇق قىلىڭلار ۋە ئۇرۇقلۇق ئۈچۈن ساقلاپ قويۇڭلار، _ دېدى. 25ئۇلار:
_ جانابلىرى بىزگە ئىلتىپات كۆرسىتىپ، ھاياتىمىزنى قۇتقۇزۇپ قالدىلا. سىز پىرئەۋننىڭ قۇلى بولۇشقا رازىمىز،#47: 25 ئەگەر ئۇلار قۇللۇققا قوبۇل قىلىنسا، تۇرمۇشىدىن غەم قىلمايتتى. چۈنكى خوجايىنى ئۇلارنىڭ قورسىقىنى باقاتتى. _ دېيىشتى.
26شۇڭا يۈسۈپ مىسىرلىقلارغا قانۇن تۈزۈپ: «دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن ئېلىنغان ھوسۇلنىڭ بەشتىن بىر قىسمى پادىشاھقا تەۋەدۇر» دەپ بېكىتتى. بۇ قانۇن شۇنىڭدىن بېرى كۈچكە ئىگە بولۇپ كەلمەكتە. پەقەت روھانىيلارنىڭ يەرلىرىلا پىرئەۋننىڭ ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتمىدى.
ياقۇپنىڭ ئاخىرقى تەلىپى
27ئىسرائىللار مىسىرنىڭ گوشەن ۋىلايىتىدە ئولتۇراقلاشتى. ئۇلار يەرگە ئىگە بولۇپ، روناق تېپىپ، ئاھالىلىرىنىڭ سانى ھەسسىلەپ كۆپەيدى. 28ياقۇپ مىسىردا 17 يىل ياشاپ، 147 يىل ئۆمۈر كۆردى. 29ئۇ ۋاپات بولۇش ئالدىدا يۈسۈپنى چاقىرتىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا:
_ ئەگەر سەن مەندىن رازى بولساڭ، قولۇڭنى ئىككى يوتامنىڭ ئاستىغا قويۇپ، ماڭا مېھرىبان، ۋاپادار بولىدىغانلىقىڭغا ۋە مېنى مىسىرغا دەپنە قىلمايدىغانلىقىڭغا قەسەم قىل. 30مەن ۋاپات بولغاندا، مېنى مىسىردىن ئېلىپ كېتىپ، ئاتا-بوۋام دەپنە قىلىنغان يەرگە دەپنە قىل، _ دېدى. يۈسۈپ ئاتىسىغا:
_ ۋەسىيىتىڭىزنى چوقۇم ئورۇندايمەن، _ دېدى. 31ئىسرائىل:
_ ئۇنداق بولسا، ماڭا قەسەم قىل، _ دېدى.
شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپ قەسەم قىلدى. ئىسرائىل تۆشىكى ئۈستىدە خۇداغا سەجدە قىلدى.
Currently Selected:
ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 47: HZUT
Highlight
Share
Copy
Want to have your highlights saved across all your devices? Sign up or sign in
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

: