YouVersion Logo
Search Icon

ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 1:6-4

ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 1:6-4 HZUT

ئىنسانلار دۇنيادا كۆپىيىشكە باشلىغاندا، قىزلارمۇ كۆپلەپ تۇغۇلغانىدى. «خۇدانىڭ ئوغۇللىرى» شۇ قىزلارنىڭ چىرايلىقلىقىنى كۆرۈپ، ئۆزلىرى خالىغان قىزلارنى خوتۇنلۇققا ئېلىشقا باشلىدى. بۇنى كۆرگەن پەرۋەردىگار: _ مېنىڭ ئىنسانلارغا بەرگەن روھىم ئۇلاردا مەڭگۈ ياشىمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ئۆلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆمرى 120 ياشتىن ئاشمايدۇ! _ دېدى. «خۇدانىڭ ئوغۇللىرى» ئىنسانلارنىڭ قىزلىرى بىلەن بىللە بولۇپ، ئەۋلاد قالدۇرغان چاغلاردا ۋە كېيىنكى ۋاقىتلاردا يەر يۈزىدە «نىفىللار» دەپ ئاتىلىدىغان ۋە دىۋىگە ئوخشايدىغان ئادەملەر بار ئىدى. ئۇلار قەدىمكى زاماننىڭ باتۇرلىرى ۋە داڭلىق كىشىلىرى ئىدى.