YouVersion Logo
Search Icon

ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 6

6
ئىنسانلارنىڭ رەزىللىكى
1ئىنسانلار دۇنيادا كۆپىيىشكە باشلىغاندا، قىزلارمۇ كۆپلەپ تۇغۇلغانىدى. 2«خۇدانىڭ ئوغۇللىرى»#6: 2 «خۇدانىڭ ئوغۇللىرى» _ بۇ ھەقتە ئۈچ خىل چۈشەنچە بار: 1. ئىنسان ئەمەس، بەلكى ئەرشتىكى بىر خىل زات، پەرىشتە ياكى روھتىن ئىبارەت. 2. دەرىجىدىن تاشقىرى ئادەم بولۇپ، پادىشاھ ياكى ھۆكۈمدارغا ئوخشاش. 3. خۇداسىز قابىلنىڭ ئەۋلادلىرىدەك ئەمەس، بەلكى خۇدا يولىدا ماڭىدىغان سېتنىڭ ئەۋلادلىرىغا ئوخشاش. شۇ قىزلارنىڭ چىرايلىقلىقىنى كۆرۈپ، ئۆزلىرى خالىغان قىزلارنى خوتۇنلۇققا ئېلىشقا باشلىدى.
3بۇنى كۆرگەن پەرۋەردىگار:
_ مېنىڭ ئىنسانلارغا بەرگەن روھىم ئۇلاردا مەڭگۈ ياشىمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ئۆلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆمرى 120 ياشتىن ئاشمايدۇ! _ دېدى.
4«خۇدانىڭ ئوغۇللىرى» ئىنسانلارنىڭ قىزلىرى بىلەن بىللە بولۇپ، ئەۋلاد قالدۇرغان چاغلاردا ۋە كېيىنكى ۋاقىتلاردا يەر يۈزىدە «نىفىللار» دەپ ئاتىلىدىغان ۋە دىۋىگە ئوخشايدىغان ئادەملەر بار ئىدى. ئۇلار قەدىمكى زاماننىڭ باتۇرلىرى ۋە داڭلىق كىشىلىرى ئىدى.
5پەرۋەردىگار ئىنسانلارنىڭ شۇنچىلىك رەزىل ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ نىيىتىنىڭ ھەرقاچان يامان ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، 6ئۆزىنىڭ ئىنسانلارنى ياراتقانلىقىغا پۇشايمان قىلدى. 7ئۇ ئىنتايىن ئېچىنغان ھالدا:
_ مەن ئۆزۈم ياراتقان ئىنسانلارنى يەر يۈزىدىن يوقىتىمەن. شۇنداقلا بارلىق چوڭ-كىچىك ھايۋانلارنى ۋە قۇشلارنى يوق قىلىمەن. ئۇلارنى ياراتقانلىقىم ئۈچۈن ئەپسۇسلىنىمەن! _ دېدى.
8لېكىن پەرۋەردىگار نۇھتىن خۇرسەن ئىدى.
نۇھنىڭ كېمە ياسىشى
9‏-10نۇھنىڭ ئىش-ئىزلىرى تۆۋەندىكىچە: نۇھنىڭ سام، ھام، يەفەت ئىسىملىك ئۈچ ئوغلى بار ئىدى. نۇھ ئۆز زامانىدا بىردىنبىر دۇرۇس، قۇسۇرسىز ئادەم بولۇپ، خۇدا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇپ ياشىغانىدى. 11باشقا ئىنسانلار بولسا خۇدانىڭ نەزىرىدە گۇناھقا پاتقان بولۇپ، يەر يۈزى ئۇلار سەۋەبلىك زوراۋانلىققا تولغانىدى. 12خۇدا دۇنياغا نەزەر سېلىپ، دۇنيانىڭ كىشىلەرنىڭ رەزىللىكلىرىدىن ئىنتايىن بۇزۇلغانلىقىنى كۆردى. 13شۇنىڭ بىلەن خۇدا نۇھقا:
_ دۇنيا ئىنسانلارنىڭ زوراۋانلىقىغا تولۇپ كەتتى. شۇڭا مەن ئۇلارنى يوقىتىمەن، ئۇلارنى دۇنيا بىلەن قوشۇپ پۈتۈنلەي يوقىتىمەن! 14سەن ياخشى ياغاچتىن ئۆزۈڭگە بىر كېمە ياسا، كېمىدە ئۆيلەر بولسۇن. كېمىگە سۇ كىرمەسلىكى ئۈچۈن كېمىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىغا قارا موم سۈركىگىن. 15كېمىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 150 مېتىر، كەڭلىكى 25 مېتىر، ئېگىزلىكى 15 مېتىر بولسۇن. 16كېمىنىڭ ئۈستى لەمپە شەكىللىك بولسۇن، لەمپىنىڭ يان تەرەپلىرىدە 50 سانتىمېتىر ئېگىزلىكتە پەنجىرىلەر بولسۇن. كېمىنى ئۈچ قەۋەت قىلىپ ياسىغىن، ئىشىكى يان تەرەپتە بولسۇن. 17مەن يەر يۈزىنى توپانغا غەرق قىلىپ، پۈتۈن جانلىقلارنى ھالاك قىلىمەن، يەر يۈزىدىكى ھەممە مەۋجۇدات نابۇت بولىدۇ. 18لېكىن سەن بىلەن ئالدىن بىر ئەھدە تۈزەي. سەن ئايالىڭ، ئوغۇللىرىڭ ۋە كېلىنلىرىڭنى ئېلىپ كېمىگە چىققىن. 19سەن يەنە يەر يۈزىدىكى ھايۋانلارنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھەر تۈرىدىن جۈپى بىلەن كېمىگە ئېلىۋالغىن. 20ھەر خىل چوڭ-كىچىك ھايۋانلار ۋە ئۇچار قاناتلار ساقلىنىپ قېلىش ئۈچۈن سېنىڭ ئالدىڭغا جۈپى بىلەن ئۆزلىرى كېلىدۇ. 21ئۆزۈڭلار ۋە باشقا جانلىقلار ئۈچۈن ھەر خىل ئوزۇق-تۈلۈكلەرنى ئېلىۋالغىن، _ دېدى.
22نۇھ خۇدانىڭ ئەمر قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى بەجا كەلتۈردى.

Highlight

Share

Copy

None

Want to have your highlights saved across all your devices? Sign up or sign in

Videos for ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 6