YouVersion Logo
Search Icon

ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 8

8
توپان بالاسىنىڭ ئاخىرلىشىشى
1لېكىن خۇدا نۇھنى ۋە كېمىدە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان بارلىق جانلىقلارنى ئۇنتۇپ قالمىدى. ئۇ يەر يۈزىدە شامال چىقارغانىدى، سۇ پەسىيىشكە باشلىدى. 2يەر ئاستىدىكى بۇلاقلار يېپىلدى، ئاسماندىن يېغىۋاتقان قاتتىق يامغۇرمۇ توختىدى. 3150 كۈندىن كېيىن سۇ ئاستا-ئاستا ئازىيىشقا باشلىدى. 47-ئاينىڭ 17-كۈنى كېمە ئارارات تاغ تىزمىلىرىدىكى بىر تاغنىڭ ئۈستىدە توختىدى. 5سۇ داۋاملىق پەسىيىپ، 10-ئاينىڭ 1-كۈنى تاغ چوققىلىرى كۆرۈنۈشكە باشلىدى.
6يەنە 40 كۈندىن كېيىن نۇھ پەنجىرىنى ئېچىپ، 7بىر قۇزغۇننى قويۇپ بەردى. بۇ قۇزغۇن تاكى يەر يۈزىدىكى سۇ قۇرۇپ بولغۇچە كېمىنىڭ ئەتراپىدا ئۇچۇپ يۈردى. 8ئاندىن نۇھ سۇنىڭ يەر يۈزىدىن يانغان ياكى يانمىغانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن، بىر كەپتەرنى قويۇپ بەردى. 9لېكىن يەر يۈزىنى تېخىچە سۇ قاپلاپ تۇرغاچقا، كەپتەر قونغۇدەك جاي تاپالماي قايتىپ كەلدى. نۇھ قولىنى سۇنۇپ، ئۇنى تۇتۇپ كېمىگە ئەكىرىۋالدى. 10يەنە يەتتە كۈندىن كېيىن ئۇ كەپتەرنى يەنە قويۇپ بەردى. 11كەچقۇرۇن ھېلىقى كەپتەر تۇمشۇقىدا يېڭى زەيتۇن يوپۇرمىقىنى چىشلىگەن ھالدا قايتىپ كەلدى. نۇھ بۇنىڭدىن سۇنىڭ يەر يۈزىدىن ئاساسىي جەھەتتىن يانغانلىقىنى بىلدى. 12يەنە يەتتە كۈندىن كېيىن ئۇ كەپتەرنى يەنە قويۇپ بەردى. بۇ قېتىم كەپتەر قايتىپ كەلمىدى.
13نۇھ 601 ياشقا كىرگەن يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى سۇ يەر يۈزىدىن پۈتۈنلەي يېنىپ بولدى. نۇھ كېمىنىڭ تۈڭلۈكىنى ئېچىپ، ئەتراپىغا قاراپ، يەر يۈزىنىڭ قۇرۇشقا باشلىغانلىقىنى كۆردى. 142-ئاينىڭ 27-كۈنى يەر يۈزى پۈتۈنلەي قۇرۇپ بولدى.
15‏-16خۇدا نۇھقا:
_ ئايالىڭ، ئوغۇللىرىڭ ۋە كېلىنلىرىڭنى كېمىدىن ئېلىپ چىققىن. 17كېمىدىكى بارلىق مەخلۇقلار، يەنى ئۇچار قاناتلار ۋە چوڭ-كىچىك ھايۋانلارنى ئېلىپ چىققىن. ئۇلار يەر يۈزىدە يەنە كۆپىيىپ، زېمىنغا تارالسۇن، _ دېدى.
18شۇنىڭ بىلەن نۇھ ئايالى، ئوغۇللىرى ۋە كېلىنلىرىنى ئېلىپ، كېمىدىن چىقتى. 19يەر يۈزىدىكى بارلىق جانلىقلار، يەنى چوڭ-كىچىك ھايۋانلار ۋە ئۇچار قاناتلار ئۆز تۈرلىرى بىلەن توپ-توپ بولۇشۇپ كېمىدىن چىقىشتى.
نۇھنىڭ خۇداغا قۇربانلىق قىلىشى
20نۇھ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، ھالال ھايۋان ۋە ئۇچار قاناتلارنىڭ ھەر تۈرىدىن تاللاپ سويۇپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلدى. 21پەرۋەردىگار قۇربانلىقنىڭ خۇش پۇرىقىدىن مەمنۇن بولۇپ، كۆڭلىدە: «ئىنسانلارنىڭ قىلمىشلىرى ئۈچۈن ئەمدى زېمىننى قارغىمايمەن. ئىنسانلارنىڭ تۇغۇلغاندىن تارتىپ نىيىتىنىڭ يامانلىقىنى بىلىمەن. شۇنداقتىمۇ، بۇنىڭدىن كېيىن يەر يۈزىدىكى بارلىق جانلىقلارنى ھەرگىز بۇ قېتىمقىدەك پۈتۈنلەي يوقىتىۋەتمەيمەن. 22زېمىن مەۋجۇت بولىدىكەن، ئۇنىڭدا تېرىم-يىغىم، ئىسسىق-سوغۇق، قىش-ياز، كېچە-كۈندۈز مەۋجۇت بولىدۇ!» دېدى.

Highlight

Share

Copy

None

Want to have your highlights saved across all your devices? Sign up or sign in

Videos for ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 8