ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 2

2
1شۇنداق قىلىپ، ئالەم پۈتۈن بارلىقلىرى بىلەن يارىتىلىپ بولدى.
2يەتتىنچى كۈنى خۇدا يارىتىش ئىشىنى تاماملاپ بولۇپ، ئارام ئالدى. 3خۇدا يەتتىنچى كۈننى مۇبارەكلەپ، «مۇقەددەس كۈن» دەپ بېكىتتى، چۈنكى بۇ كۈنى ئۇ يارىتىشنى تاماملاپ بولۇپ، ئارام ئالغان كۈن ئىدى.
4پەرۋەردىگار خۇدا ئالەمنى مۇشۇنداق ياراتقانىدى.
ئېرەم باغ
پەرۋەردىگار خۇدا ئالەمنى ياراتقاندا، 5يەر يۈزىدە ئوت-چۆپ ۋە زىرائەتلەر يوق ئىدى، چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدا تېخى يامغۇر ياغدۇرمىغانىدى، شۇنداقلا يەر تېرىيدىغان ئادەممۇ يوق ئىدى. 6ئەمما يەر ئاستىدىن سۇ چىقىپ، پۈتۈن زېمىننى سۇغىراتتى. 7پەرۋەردىگار خۇدا تۇپراقتىن ئادەمنى ياراتتى#2: 7 ئىبرانىي تىلىدا «تۇپراق» ۋە «ئادەم» ئاھاڭداش سۆزلەردۇر. ۋە ئۇنىڭ بۇرنىدىن ھاياتلىق نەپىسىنى پۈۋلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئادەم ھاياتلىققا ئېرىشتى.
8پەرۋەردىگار خۇدا شەرقتىكى ئېرەم دېگەن جايدا بىر باغ بەرپا قىلىپ، ئۆزى ياراتقان ئادەمنى شۇ يەرگە ئورۇنلاشتۇردى. 9پەرۋەردىگار خۇدا ئۇ باغدا يەنە مېۋىلىرى شېرىن ۋە چىرايلىق بولغان ھەر خىل مېۋىلىك دەرەخلەرنى ئۆستۈردى. باغنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئالاھىدە ئىككى تۈپ مېۋىلىك دەرەخ ئۆسكەن بولۇپ، بۇنىڭ بىرى «ھاياتلىق دەرىخى»، يەنە بىرى «ياخشىلىق ۋە يامانلىق ھەققىدە بىلىم بېرىدىغان دەرەخ» ئىدى.
10ئېرەمدە بىر دەريا بولۇپ، ئۇ باغنى سۇغىراتتى. ئاندىن ئۇ دەريا باغدىن تۆت دەريا بولۇپ، ئېقىپ چىقاتتى. 11بىرىنچىسى پىشون دەرياسى بولۇپ، ئالتۇن چىقىدىغان خاۋىلا دېگەن يەرنى ئايلىنىپ ئۆتەتتى. 12ئۇ يەرنىڭ ئالتۇنى ساپ بولۇپ، ئۇ يەردىن يەنە خۇش پۇراقلىق دېۋىرقاي ۋە يوللۇق ھېقىق چىقاتتى. 13ئىككىنچىسى گىھون دەرياسى بولۇپ، كۇش دېگەن يەرنى ئايلىنىپ ئۆتەتتى. 14ئۈچىنچىسى دەجلە دەرياسى بولۇپ، ئاسسۇرنىڭ شەرقىدىن ئېقىپ ئۆتەتتى. تۆتىنچىسى فىرات دەرياسىدۇر.
15پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمنى ئېرەم باغدا ئىشلىسۇن ۋە ئۇنى پەرۋىش قىلسۇن، دەپ ئۇ يەرگە ئورۇنلاشتۇرغانىدى. 16پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمگە ئەمر قىلىپ:
_ باغدىكى مېۋىلەرنى خالىغىنىڭچە يېگىن. 17ئەمما «ياخشىلىق بىلەن يامانلىق ھەققىدە بىلىم بېرىدىغان دەرەخ»نىڭ مېۋىسىنى ھەرگىز يېمىگىن. چۈنكى ئۇنى يېسەڭ، چوقۇم ئۆلىسەن!#2: 17 ئۆلۈش _ بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان ئۆلۈش خۇدادىن ئايرىلىش، يەنى روھىي جەھەتتىكى ئۆلۈش ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسى بولغان جىسمانىي جەھەتتىكى ئۆلۈشنى كۆزدە تۇتىدۇ. _ دېدى.
ھاۋائانىنىڭ يارىتىلىشى
18كېيىن پەرۋەردىگار خۇدا: «ئادەمنىڭ يالغۇز ياشىشى ياخشى ئەمەس، ئۇنىڭغا لايىق بولغۇدەك بىر ھەمراھ يارىتاي» دېدى. 19پەرۋەردىگار خۇدا تۇپراقتىن ھەر خىل ھايۋان ۋە قۇشلارنى ياراتقان بولۇپ، ئادەم ئۇلارغا قانداق ئىسىم قويسا، ئۇلار شۇنداق ئاتالسۇن دەپ، ئۇلارنى ئادەمنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. 20ئادەم بارلىق قۇشلار ۋە ھايۋانلارغا ئىسىم قويدى. ۋاھالەنكى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆزىگە لايىق بولغۇدەك بىرەر ھەمراھ تاپالمىدى.
21شۇڭا پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمنى قاتتىق ئۇيقىغا غەرق قىلدى. ئۇ ئۇخلاۋاتقاندا، خۇدا ئۇنىڭ بىر تال قوۋۇرغىسىنى ئېلىپ، ئۇ يەرنى گۆشى بىلەن ئېتىپ قويدى. 22پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمنىڭ قوۋۇرغىسىدىن بىر ئايال ياراتتى ۋە ئۇنى ئادەمنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. 23ئادەم مۇنداق دېدى:
_ مانا ئەمدى سۆڭىكى سۆڭىكىمدىن، گۆشى گۆشۈمدىن ئېلىنغان بىرى بولدى! ئۇ «ئايال» [ئىبرانىي تىلىدىكى «ئەر» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دەپ ئاتالسۇن، چۈنكى ئۇ ئەردىن ئېلىنغاندۇر.
24بىر ئادەمنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ، ئايالى بىلەن بىرلىشىپ بىر تەن بولۇشى ئەنە شۇ سەۋەبتىندۇر.
25ئۇ چاغدا ئادەم بىلەن ئايالى يالىڭاچ بولۇپ، بىر-بىرىدىن نومۇس قىلىشمايتتى.

Markierung

Teilen

Kopieren

None

Möchtest du deine gespeicherten Markierungen auf allen deinen Geräten sehen? Erstelle ein kostenloses Konto oder melde dich an.