ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 3

3
ئادەمنىڭ خۇدانىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىشى
1يىلان پەرۋەردىگار خۇدا ياراتقان جانلىقلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ھىيلىگىرى ئىدى. ئۇ ئايالدىن:
_ خۇدا راستتىنلا: «باغدىكى ھەرقانداق دەرەخنىڭ مېۋىسىنى قەتئىي يېمەڭلار!» دېدىمۇ، _ دەپ سورىدى. 2ئايال:
_ باغدىكى دەرەخلەرنىڭ مېۋىلىرىنى يېسەك بولىدۇ. 3لېكىن خۇدا بىزگە: «باغنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېمەڭلار، ھەتتا ئۇنىڭغا قولمۇ تەگكۈزمەڭلار، بولمىسا ئۆلىسىلەر» دېدى، _ دەپ جاۋاب بەردى. 4يىلان ئايالغا جاۋابەن مۇنداق دېدى:
_ ياق، ھەرگىز ئۆلمەيسىلەر! 5خۇدا سىلەرنىڭ ئۇنى يېسەڭلار، كۆزۈڭلارنىڭ ئېچىلىپ، ئۆزىگە ئوخشاش ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنى بىلىدىغان بولۇپ قالىدىغانلىقىڭلارنى بىلىدۇ.
6ئايال بۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىنىڭ چىرايلىق ۋە يېيىشكە بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ ۋە ئۇنى يېسە قانچىلىك ئەقىللىق بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلاپ، مېۋىدىن ئۈزۈپ يېدى، شۇنداقلا ئۇنى يېنىدا تۇرغان ئېرىگىمۇ بەردى. ئۇمۇ يېدى. 7ئۇلار مېۋىنى يېيىشى بىلەنلا كۆزلىرى ئېچىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ يالىڭاچلىقىنى بىلىپ نومۇس قىلىشتى ۋە ئەنجۈر يوپۇرماقلىرىنى بىر-بىرىگە چېتىپ، بەدەنلىرىنى يېپىۋېلىشتى.
8شۇ كۈنى سالقىن چۈشكەن ۋاقتىدا، ئۇلار پەرۋەردىگار خۇدانىڭ باغدا مېڭىپ يۈرگەنلىكىنىڭ شەپىسىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭدىن قېچىپ، دەرەخزارلىقنىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇنۇۋېلىشتى. 9لېكىن پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمنى:
_ سەن قەيەردە؟ _ دەپ چاقىردى. 10ئادەم:
_ مەن سېنىڭ باغدا مېڭىپ يۈرگەنلىكىڭنىڭ شەپىسىنى ئاڭلاپ، يالىڭاچلىقىمدىن قورقۇپ يوشۇرۇنۇۋالدىم، _ دەپ جاۋاب بەردى. 11خۇدا ئۇنىڭدىن:
_ يالىڭاچ ئىكەنلىكىڭنى ساڭا كىم ئېيتتى؟ ياكى مەن ساڭا يېمە، دېگەن مېۋىنى يېدىڭمۇ؟ _ دەپ سورىدى. 12ئادەم:
_ سەن ماڭا بەرگەن ئۇ ئايال شۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىدىن ماڭا بەرگەنىدى، شۇنى يېدىم، _ دەپ جاۋاب بەردى. 13پەرۋەردىگار خۇدا ئايالدىن:
_ نېمىشقا بۇنداق قىلدىڭ؟ _ دەپ سورىدى.
_ مېنى يىلان ئازدۇردى، شۇڭا يېدىم، _ دەپ جاۋاب بەردى ئايال.
خۇدانىڭ ئادەمئاتا بىلەن ھاۋائانىنى جازالىشى
14شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار خۇدا يىلانغا:
_ بۇ قىلمىشىڭ ئۈچۈن جازاغا تارتىلىسەن! بارلىق جانلىقلارنىڭ ئىچىدە پەقەت سەنلا قارغىشقا قالىسەن:
«ھازىردىن باشلاپ، يەر بېغىرلاپ مېڭىپ،
ئۆمۈرۋايەت توپا يەيسەن.
15سېنى ئايال بىلەن دۈشمەن قىلىمەن.
ئۇنىڭ ئەۋلادى بىلەن سېنىڭ ئەۋلادىڭ دۈشمەنلىشىپ ئۆتىدۇ.
ئۇنىڭ ئەۋلادى سېنىڭ بېشىڭنى يانجىيدۇ،
سەن ئۇنىڭ تاپىنىنى چاقىسەن» دېدى.
16كېيىن پەرۋەردىگار خۇدا ئايالغا مۇنداق دېدى:
«ھامىلىدارلىقىڭنىڭ ئازابىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرىمەن.
تۇغۇتۇڭدا تولغىقىنىمۇ زىيادە قىلىمەن،
شۇنداقتىمۇ ئېرىڭگە كۈچلۈك ئىشتىياق باغلايسەن،
ئۇ سېنى باشقۇرىدۇ.»
17پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمگە مۇنداق دېدى:
«سەن ئايالىڭنىڭ سۆزىگە كىرىپ،
مەن ‹يېمەڭلار› دەپ ئەمر قىلغان مېۋىنى يېگەنلىكىڭلار ئۈچۈن،
يەرمۇ قارغىشىمغا قالدى.
سەن ئۆمۈرۋايەت جاپالىق ئىشلەش بىلەنلا ئوزۇقلۇققا ئىگە بولىسەن.
18يەردىن تىكەن ۋە قامغاق ئۈنىدۇ،
سەن ئۆزۈڭ تېرىغان زىرائەتلەرنى يەيسەن.
19باش-كۆزۈڭ تەرگە چۆمگەندىلا
تويغۇدەك بىر نەرسىگە ئىگە بولىسەن،
تاكى سەن ئۆلۈپ تېنىڭ توپىغا ئايلىنىپ كەتكۈچە
ئىشتىن باش كۆتۈرەلمەيسەن.
تۇپراقتىن يارىتىلدىڭ ۋە تۇپراققا قايتىسەن!»
20ئادەم ئايالىغا ھاۋا [ئىبرانىي تىلىدىكى «ھاياتلىق» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دەپ ئىسىم قويدى، چۈنكى ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئانىسى بولاتتى. 21پەرۋەردىگار خۇدا ئادەم بىلەن ئۇنىڭ ئايالىغا ھايۋاننىڭ تېرىسىدىن كىيىم قىلىپ، كىيدۈرۈپ قويدى.
ئادەمئاتا بىلەن ھاۋائانىنىڭ ئېرەم باغدىن قوغلىنىشى
22ئاندىن پەرۋەردىگار خۇدا مۇنداق دېدى:
_ ئادەم بىزگە ئوخشاش ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنى بىلىدىغان بولۇپ قالدى. ئەمدى ئۇنىڭ ھاياتلىق دەرىخىنىڭ مېۋىسىنى يەپ قويۇشىدىن ساقلىنايلى. بولمىسا، ئۇ مەڭگۈ ياشايدۇ!
23شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار خۇدا ئۇلارنى ئېرەم باغدىن قوغلاپ چىقاردى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار ئۆزلىرى يارىتىلغان تۇپراققا ئىشلەيدىغان بولدى. 24خۇدا ئادەمئاتىنى ئېرەم باغدىن قوغلاپ چىقارغاندىن كېيىن، ھاياتلىق دەرىخىگە بارىدىغان يولنى قوغداش ئۈچۈن، ئېرەم باغنىڭ شەرق تەرىپىگە «كېرۇب» دەپ ئاتىلىدىغان مەخلۇقلارنى ۋە ھەر تەرەپكە بارالايدىغان ئوتلۇق بىر قىلىچنى ئورۇنلاشتۇردى.

Markierung

Teilen

Kopieren

None

Möchtest du deine gespeicherten Markierungen auf allen deinen Geräten sehen? Erstelle ein kostenloses Konto oder melde dich an.