ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 4

4
قابىل بىلەن ھابىل
1ئادەمئاتا ئايالى ھاۋائانا بىلەن بىللە بولدى. ھاۋائانا ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. ئۇ: «پەرۋەردىگارنىڭ ياردىمى بىلەن بىر ئوغۇلغا ئىگە بولدۇم» دېدى ۋە ئىسمىنى قابىل [ئىبرانىي تىلىدىكى «ئىگە بولدۇم» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] قويدى. 2كېيىن ئۇ يەنە بىر ئوغۇل تۇغۇپ، ئىسمىنى ھابىل قويدى. ئىككىيلەن چوڭ بولغاندىن كېيىن ھابىل پادىچى، قابىل دېھقان بولدى.
3ھوسۇل مەزگىلى كەلگەندە، قابىل يېرىدىن چىققان مەھسۇلاتلىرىدىن ئېلىپ، پەرۋەردىگارغا ئاتىدى. 4ھابىلمۇ پادىلىرى ئىچىدىن تۇنجى تۇغۇلغان پاقلانلىرىدىن سويۇپ، مايلىق يېرىدىن پەرۋەردىگارغا ئاتىدى. پەرۋەردىگار ھابىلدىن ۋە ئۇنىڭ ئاتىغانلىرىدىن رازى بولدى. 5بىراق قابىلدىن ۋە ئۇنىڭ ئاتىغانلىرىدىن رازى بولمىدى. بۇنىڭدىن ئىنتايىن خاپا بولغان قابىلنىڭ چىرايى تۇتۇلۇپ كەتتى. 6شۇ چاغدا پەرۋەردىگار قابىلغا:
_ نېمىشقا خاپا بولىسەن؟ چىرايىڭ نېمىشقا تۇتۇلۇپ كەتتى؟ 7ئەگەر دۇرۇس ئىش قىلغان بولساڭ، سېنىمۇ قوبۇل قىلغان بولاتتىم! گۇناھ دائىم ئىشىك ئالدىدا سېنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. ئۇ سېنى ئۆز ئىلكىگە ئالماقچى بولىدۇ، لېكىن سەن ئۇنى يېڭىشىڭ لازىم! _ دېدى.
8كېيىن قابىل ئىنىسى ھابىلغا:
_ يۈر، دالادا سەيلە قىلىپ كېلەيلى! _ دېدى. ئۇلار دالادىكى ۋاقتىدا، قابىل ئىنىسىغا قول سېلىپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. 9پەرۋەردىگار قابىلدىن:
_ ئىنىڭ ھابىل قېنى؟ _ دەپ سورىدى.
_ بىلمەيمەن، مەن ئىنىمنىڭ باققۇچىسىمىدىم؟ _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇ. 10پەرۋەردىگار كەينىدىنلا ئۇنى:
_ بۇ نېمە قىلغىنىڭ؟ ئىنىڭنىڭ يەرگە چېچىلغان قېنى ماڭا پەرياد قىلماقتا. 11سەن ئەمدى قارغىشىمغا قالىسەن، يەرگە ئىشلىيەلمەيسەن! چۈنكى سەن ئىنىڭنى ئۆلتۈرۈپ، يەرگە قان تۆكتۈڭ. 12سەن يەرگە ئىشلىگەن تەقدىردىمۇ، يەر ساڭا ھوسۇل بەرمەيدۇ. سەن ئەمدى سەرسان بولۇپ، يەر يۈزىدە سەرگەردانلىقتا ياشايسەن، _ دەپ ئەيىبلىدى.
13بۇنى ئاڭلىغان قابىل پەرۋەردىگارغا مۇنداق دېدى:
_ مەن بۇنداق ئېغىر جازانى كۆتۈرەلمەيمەن. 14سەن مېنى بۇ يەردىن قوغلاپ، ھۇزۇرۇڭدىن ھەيدەۋاتىسەن! مەن ئەمدى ئۆي-ماكانسىز، سەرسان بولۇپ، يەر يۈزىدە سەرگەردانلىقتا ياشايمەن. مېنى كېيىن بىرەرسى ئۇچرىتىپ قالسا، ئۆلتۈرۈۋېتىشى مۇمكىن! 15لېكىن پەرۋەردىگار:
_ ياق، سېنى ئۆلتۈرگەن كىشى يەتتە ھەسسە قاتتىق جازالىنىدۇ، _ دېدى.
پەرۋەردىگار قابىلنى ئۆلتۈرمەكچى بولغانلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ پېشانىسىگە ئالاھىدە بەلگە سېلىپ قويدى. 16شۇنىڭ بىلەن قابىل پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن ئايرىلىپ، ئېرەم باغنىڭ شەرق تەرىپىدىكى نود دېگەن جايدا ئولتۇراقلىشىپ قالدى.
قابىلنىڭ ئەۋلادلىرى
17قابىل ئايالى بىلەن بىللە بولدى. ئايالى ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. ئۇنىڭ ئىسمىنى خانوك قويدى. قابىل بىر شەھەر بىنا قىلىپ، شەھەرنى ئوغلىنىڭ ئىسمىدا ئاتىدى. 18خانوكتىن ئىراد تۆرەلدى، ئىرادتىن مېھۇيائىل تۆرەلدى، مېھۇيائىلدىن مىتۇشائېل تۆرەلدى، مىتۇشائېلدىن لەمەك تۆرەلدى.
19لەمەك ئىككى خوتۇن ئالدى. بىرىنىڭ ئىسمى ئاداھ، يەنە بىرىنىڭ ئىسمى زىللاھ ئىدى. 20ئاداھ يابالنى تۇغدى. يابال چېدىرلاردا ياشايدىغان چارۋىچىلارنىڭ ئەجدادى بولدى. 21ئۇنىڭ ئىنىسىنىڭ ئىسمى يۇبال ئىدى. يۇبال تارلىق سازلار ۋە نەي چالغۇچىلارنىڭ پىرى بولدى. 22زىللاھ تۇبال-قېن دېگەن بىر ئوغۇلنى تۇغدى. تۇبال-قېن تۇچ، تۆمۈر جابدۇقلارنى ياسىغۇچىلارنىڭ پىرى بولدى. تۇبال-قېننىڭ نائاما ئىسىملىك بىر سىڭلىسى بار ئىدى. 23لەمەك ئىككى ئايالىغا پو ئېتىپ، مۇنداق دېدى:
«ئەي ئاداھ بىلەن زىللاھ، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار!
ئەي ئاياللىرىم، كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭلار!
ماڭا چېقىلغان بىر ئادەمنى ئۆلتۈردۈم.
مېنى ئۇرغان بىر ياشنى ھالاك قىلدىم.
24قابىلنى ئۆلتۈرگۈچى يەتتە ھەسسە جازالانسا،
مېنى ئۆلتۈرگۈچى يەتمىش يەتتە ھەسسە جازالىنىدۇ.»
سېت بىلەن ئەنوش
25ئادەمئاتا يەنە ئايالى بىلەن بىللە بولدى، ئايالى بىر ئوغۇل تۇغدى. ھاۋائانا: «خۇدا ماڭا قابىل ئۆلتۈرۈۋەتكەن ھابىلنىڭ ئورنىغا بىر ئوغۇل بەردى» دەپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى سېت [ئىبرانىي تىلىدىكى «خۇدا بەردى» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] قويدى. 26سېتتىن بىر ئوغۇل تۆرەلدى، ئىسمىنى ئەنوش قويدى. مانا شۇ چاغدىن باشلاپ، ئادەملەر پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىشقا باشلىدى.

Markierung

Teilen

Kopieren

None

Möchtest du deine gespeicherten Markierungen auf allen deinen Geräten sehen? Erstelle ein kostenloses Konto oder melde dich an.