ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 7

7
توپان بالاسى
1پەرۋەردىگار نۇھقا:
_ بۇ دۇنيادىكى ئىنسانلار ئارىسىدا سېنىڭ بىردىنبىر دۇرۇس كىشى ئىكەنلىكىڭنى بايقىدىم. شۇڭا سەن پۈتۈن ئائىلەڭدىكىلەرنى ئېلىپ كېمىگە چىققىن. 2مەن «ھالال» دەپ بېكىتكەن ھايۋاناتلارنىڭ ھەر تۈرىدىن ئەركەك-چىشىسىدىن يەتتە جۈپتىن، «ھارام»لىرىنىڭ ھەر تۈرىدىن ئەركەك-چىشىسىدىن بىر جۈپتىن ئېلىۋالغىن. 3ئۇچار قاناتلارنىڭ ھەر تۈرىدىن ئەركەك-چىشىسىدىنمۇ يەتتە جۈپتىن ئېلىۋالغىن. شۇنداق بولغاندا، توپان ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ھەر خىل ھايۋانات، قۇشلار ھايات قېلىپ، يەر يۈزىدە ئۇلارنىڭ ئۇرۇقى قايتا كۆپىيەلەيدۇ. 4يەتتە كۈندىن كېيىن ئۇدا قىرىق كېچە-كۈندۈز قاتتىق يامغۇر ياغدۇرىمەن ۋە ياراتقان پۈتكۈل جانلىقلارنى يەر يۈزىدىن پۈتۈنلەي يوقىتىمەن، _ دېدى.
5نۇھ پەرۋەردىگارنىڭ ئەمر قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى بەجا كەلتۈردى.
6يەر يۈزىنى توپان باسقاندا، نۇھ ئالتە يۈز ياشتا ئىدى. 7ئۇ توپان بالاسىدىن قۇتۇلۇپ قېلىش ئۈچۈن، ئايالى، ئوغۇللىرى ۋە كېلىنلىرىنى ئېلىپ كېمىگە چىقتى. 8‏-9خۇدانىڭ نۇھقا ئېيتقىنىدەك، ھەر خىل چوڭ-كىچىك «ھالال» ۋە «ھارام» ھايۋاناتلار ۋە ئۇچار قاناتلار نۇھنىڭ ئالدىغا كېلىپ، جۈپلىرى بىلەن كېمىگە كىردى. 10يەتتە كۈندىن كېيىن يەر يۈزىنى توپان بېسىشقا باشلىدى.
11نۇھ 600 ياشقا كىرگەن يىلى، 2-ئاينىڭ 17-كۈنى يەر ئاستىدىكى ھەممە بۇلاقلار ئېتىلىپ چىقتى، يامغۇر ئاسماندىن چېلەكلەپ سۇ قويغاندەك قاتتىق ياغدى. 12يامغۇر قىرىق كېچە-كۈندۈز توختىماي ياغدى. 13دەل يامغۇر باشلانغان كۈنى نۇھ، ئايالى، سام، ھام، يەفەتتىن ئىبارەت ئۈچ ئوغلى ۋە كېلىنلىرى كېمىگە چىقتى. 14ھەر خىل چوڭ-كىچىك ياۋايى ھايۋانلار، ئۆي ھايۋانلىرى ۋە ئۇچار قاناتلار، 15جۈملىدىن بارلىق جانلىقلار ئۆز جۈپلىرى بىلەن نۇھنىڭ ئالدىغا كېلىپ، كېمىگە چىقتى. 16بارلىق جانلىقلار خۇدانىڭ ئەمرى بويىچە ئۆز جۈپلىرى بىلەن كېمىگە كىرگەندىن كېيىن، پەرۋەردىگار كېمىنىڭ ئىشىكىنى يېپىپ قويدى.
17يامغۇر قىرىق كۈن داۋاملاشتى. سۇ ئۇلغايغانسېرى كېمە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. 18سۇ تېخىمۇ ئېگىزلەپ، كېمە سۇ يۈزىدە لەيلەپ قالدى. 19توپان يەر يۈزىنى قاپلاپ، ھەتتا ئېگىز تاغ چوققىلىرىمۇ كۆرۈنمەي قالدى. 20سۇ ئۆرلەپ تاكى ئەڭ ئېگىز تاغ چوققىلىرىدىن يەتتە مېتىر ئېشىپ كەتكۈچە داۋاملاشتى. 21نەتىجىدە يەر يۈزىدە ياشاۋاتقان پۈتكۈل جانلىقلار، يەنى قۇشلار، چوڭ-كىچىك ھايۋاناتلار ۋە ئىنسانلار پۈتۈنلەي ھالاك بولدى. 22دېمەك، يەر يۈزىدىكى بارلىق جانلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۆلدى. 23خۇدا يەر يۈزىدىكى ھەممە جانلىقلارنى، يەنى ئىنسانلار، چوڭ-كىچىك ھايۋاناتلار ۋە قۇشلارنى يوقاتتى. پەقەت نۇھ بىلەن ئۇنىڭ كېمىسىدىكى جانلىقلارلا ھايات قالدى. 24يەر يۈزىنى 150 كۈن توپان باستى.

Markierung

Teilen

Kopieren

None

Möchtest du deine gespeicherten Markierungen auf allen deinen Geräten sehen? Erstelle ein kostenloses Konto oder melde dich an.