بۇنىڭ بىلەن، ھانانىيا ھېلىقى ئۆيگە بېرىپ، قوللىرىنى سائۇلنىڭ ئۇچىسىغا تەگكۈزۈپ:
- قېرىندىشىم سائۇل، بۇ يەرگە كېلىۋاتقىنىڭدا يولدا ساڭا كۆرۈنگەن رەببىمىز ئەيسا كۆزلىرىڭ ئەسلىگە كەلسۇن ۋە سېنى مۇقەددەس روھقا چۆمسۇن دەپ، مېنى شەخسەن ئۆزى ئەۋەتتى، - دېدى.
شۇ ھامان، سائۇلنىڭ كۆزلىرىدىن بېلىق قاسىرىقىدەك نەرسىلەر چۈشۈپ، كۆزلىرى ئېچىلىپ كۆرەلەيدىغان بولدى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى.