1
يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 10:10
ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى
ئوغرى بولسا ئوغرىلاش، ئۆلتۈرۈش ۋە بۇزۇش ئۈچۈنلا كېلىدۇ. مەن بولسام ئادەملەر ھاياتلىققا ئېرىشسۇن ۋە ئۇ ھاياتلىق مول بولسۇن، دەپ كەلدىم.
Спореди
Истражи يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 10:10
2
يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 11:10
ياخشى قويچى ئۆزۈمدۇرمەن. ياخشى قويچىنىڭ قويلىرى ئۈچۈن جېنى پىدادۇر.
Истражи يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 10:11
3
يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 27:10
مېنىڭ قويلىرىم گېپىمنى ئاڭلايدۇ. مەن ئۇلارنى تونۇيمەن. ئۇلار ماڭا ئەگىشىدۇ.
Истражи يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 10:27
4
يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 28:10
ئۇلارغا مەڭگۈلۈك ھايات ئاتا قىلىمەن. ئۇلار ئەسلا ھالاك بولمايدۇ. ئۇلارنى ھېچكىم قولۇمدىن تارتىۋالالمايدۇ.
Истражи يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 10:28
5
يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 9:10
ئىشىك ئۆزۈمدۇرمەن. مەن ئارقىلىق كىرگىنى قۇتقۇزۇلىدۇ ھەم كىرىپ-چىقىپ يۈرۈپ، ياپيېشىل ئوت-چۆپلەرنى تېپىپ يېيەلەيدۇ.
Истражи يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 10:9
6
يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 14:10-15
ياخشى قويچى ئۆزۈمدۇرمەن. ئاتام مېنى ۋە مەن ئاتامنى - بىز بىر-بىرىمىزنى تونۇغىنىمىزدەك، مەن ئۆز قويلىرىمنى تونۇيمەن، ئۇلارمۇ مېنى تونۇيدۇ. قويلىرىم ئۈچۈن جېنىم پىدا.
Истражи يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 10:14-15
7
يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 29:10-30
ئۇلارنى ماڭا تەقدىم قىلغان ئاتام ھەممىدىن ئۈستۈندۇر. ئۇلارنى ئاتامنىڭ قولىدىن تارتىۋېلىشقا ھېچكىمنىڭ كۈچى يەتمەيدۇ. ئاتام ئىككىمىز ئەسلىدە بىرمىز.
Истражи يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 10:29-30
8
9
يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 18:10
جېنىمنى ھېچكىم ئالالمايدۇ، مەن ئۇنى ئۆز ئىختىيارىم بىلەن پىدا قىلىمەن. مەن ئۇنى بېرىشكە ۋە قايتۇرۇۋېلىشقا ھوقۇقلۇق. ئاتام ماڭا شۇنداق قىلىشنى بۇيرۇغان.
Истражи يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 10:18
10
يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 7:10
شۇڭا، ھەزرىتى ئەيسا چۈشەندۈرۈپ، مۇنداق دېدى: - بىلىپ قويۇڭلاركى، قويلار كىرىدىغان ئىشىك ئۆزۈمدۇرمەن.
Истражи يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 10:7
11
يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 12:10
مەدىكار ئۇنداق قىلمايدۇ. ئۇ قويلارنىڭ خوجايىنى ھەم قويچىسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بۆرىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرسە، قويلارنى تاشلاپ قاچىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، بۆرە قويلارنى تۇتۇۋېلىپ تىرىپىرەن قىلىۋېتىدۇ.
Истражи يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 10:12
12
يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 1:10
ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق بىر تەمسىلنى ئېيتىپ بەردى: - بىلىپ قويۇڭلاركى، قوينىڭ قوتىنىغا ئىشىكتىن كىرمەي، تېمىغا يامىشىپ كىرگەن كىشى ئوغرى ۋە قاراقچىدۇر.
Истражи يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 10:1
Дома
Библија
Планови
Видеа