ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 34
34
شەكەمنىڭ دىنانىڭ نومۇسىغا تېگىشى
1بىر كۈنى ياقۇپنىڭ لېياھتىن بولغان قىزى دىنا يەرلىك كەنئانلىقلارنىڭ قىزلىرى بىلەن كۆرۈشكىلى چىقتى. 2ئۇ يەرنىڭ قەبىلە باشلىقى خىۋلاردىن بولغان خامورنىڭ شەكەم ئىسىملىك بىر ئوغلى بار ئىدى. ئۇ دىنانى كۆرۈپ قېلىپ، ئۇنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇنىڭ نومۇسىغا تەگدى. 3لېكىن ئۇ دىنانى ياخشى كۆرۈپ قېلىپ، تاتلىق سۆزلەر بىلەن ئۇنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشمەكچى بولدى. 4ئۇ ئاتىسى خامورغا:
_ مەيلى قانداق بولمىسۇن، مۇشۇ قىزنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ بەر، _ دېدى.
5ياقۇپ قىزىنىڭ دەپسەندە قىلىنغانلىقىدىن خەۋەر تاپتى. لېكىن ئۇ چاغدا ئوغۇللىرى يايلاقتا مال بېقىۋاتقاچقا، داۋراڭ سالماي، ئۇلارنىڭ كېلىشىنى كۈتتى. 6شەكەمنىڭ ئاتىسى خامور ياقۇپنىڭ ئالدىغا قىزىنى سوراپ كەلگەندە، 7ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى يايلاقتىن يېڭىلا كەلگەنىدى. ئۇلار بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ، قاتتىق غەزەپكە كەلدى ۋە شەكەمنىڭ ئۆزلىرىنىڭ سىڭلىسى بولغان دىنانىڭ نومۇسىغا تېگىشىنى پۈتۈن ئىسرائىل قەبىلىسىنى ھاقارەتلەيدىغان، شۇنداقلا يۈز بېرىشكە تېگىشلىك بولمىغان سەتچىلىك، دەپ قارىدى. 8خامور ئۇلارغا:
_ ئوغلۇم شەكەم دىنانى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ. ئوغلۇمنىڭ ئۇنى نىكاھىغا ئېلىشىغا رۇخسەت قىلغايسىلەر. 9بىز ئىككى قەبىلە قۇدا بولايلى، سىلەرنىڭ قىزلىرىڭلارنى بىز ئالايلى، بىزنىڭ قىزلىرىمىزنى سىلەر ئېلىڭلار. 10شۇنداق قىلساڭلار، سىلەر بىزنىڭ يۇرتىمىزدا خالىغان يېرىڭلاردا ئولتۇراقلىشىپ، ئەركىن سودا قىلىپ، يەر-زېمىن سېتىۋالالايسىلەر، _ دېدى.
11ئارقىدىن شەكەم ئۆزى دىنانىڭ ئاتىسى ۋە قېرىنداشلىرىدىن مۇنداق دەپ ئۆتۈندى:
_ سىلەرنىڭ مەرھەمىتىڭلارغا ئېرىشسەم، مەندىن نېمە تەلەپ قىلساڭلار شۇنى بېرىمەن. 12پەقەت دىنانى نىكاھىمغا ئېلىشىمغا رۇخسەت قىلساڭلار، قانچىلىك تويلۇق تەلەپ قىلساڭلار قولۇم كۆكسۈمدە.
13شەكەم دىنانىڭ نومۇسىغا تەگكەنلىكى ئۈچۈن، دىنانىڭ ئاكىلىرى شەكەم ۋە ئاتىسى خامورنى ئالداپ، 14مۇنداق دېدى:
_ بىز سىڭلىمىزنى خەتنە قىلىنمىغان كىشىگە بەرمەيمىز. بۇنداق قىلىش بىزگە نومۇس. 15پەقەت سىلەر بىر شەرتنى قوبۇل قىلساڭلار، سىلەرنىڭ تەلىپىڭلارغا ماقۇل بولىمىز. سىلەر بىزگە ئوخشاش ھەممە ئەرلىرىڭلارنى خەتنە قىلدۇرۇڭلار. 16شۇنداق بولغاندا، بىز قىزلىرىمىزنى سىلەرگە بېرىمىز ھەم قىزلىرىڭلارنى ئالىمىز ۋە يۇرتۇڭلاردا تۇرۇپ قېلىپ، سىلەر بىلەن بىر خەلق بولىمىز. 17ئەگەر سىلەر بىزنىڭ خەتنە قىلىش توغرىسىدىكى شەرتىمىزنى قوبۇل قىلمىساڭلار، سىڭلىمىزنى بۇ يەردىن ئېلىپ كېتىمىز، _ دېدى.
18ئۇلارنىڭ بۇ سۆزلىرى خامور ۋە ئوغلى شەكەمنىڭ قۇلىقىغا ياقتى. 19شەكەم ياقۇپنىڭ قىزى دىناغا كۆيۈپ قالغاچقا، خەتنە قىلدۇرۇشقا ئالدىرىدى. ئۇ ئائىلىسىدە ئاتىسىدىن قالسىلا ئەڭ ئابرۇيلۇق ئادەم ئىدى. 20شۇنىڭ بىلەن خامور ۋە شەكەم شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدىكى كىشىلەر يىغىلىدىغان جايغا بېرىپ، يۇرت ئەھلىگە:
21_ بۇ كىشىلەر دوستانە ئادەملەر ئىكەن. ئۇلارنىڭ بۇ يەردە تۇرۇپ قېلىشىغا ۋە سودا-سېتىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا رۇخسەت قىلايلى. زېمىنىمىز كەڭ، ئۇلار سىغىپ كېتىدۇ. بىز ئۇلارنىڭ قىزلىرىنى ئالساق، ئۇلار بىزنىڭ قىزلىرىمىزنى ئالسا بولىدۇ. 22لېكىن بۇ كىشىلەر بىزگە بىر شەرت قويۇۋاتىدۇ، يەنى بىزنىڭ ئەرلىرىمىز ئۇلارنىڭ ئەرلىرىگە ئوخشاش خەتنە قىلدۇرۇلۇشى كېرەك ئىكەن. ئەگەر بىز بۇ شەرتنى قوبۇل قىلساق، ئۇلار بىز بىلەن بىرگە ياشاپ، بىز بىلەن بىر خەلق بولىدىكەن. 23بىز ئۇلارنى بۇ يەردە ئېلىپ قېلىش ئۈچۈن بۇ شەرتكە ماقۇل بولايلى. شۇنداق قىلساق، ئۇلارنىڭ چارۋا ماللىرى ۋە پۈتۈن مۈلكى بىزنىڭ بولمامدۇ؟ _ دېدى.
24خامور بىلەن شەكەمنىڭ تەكلىپىنى شەھەر دەرۋازىسى ئالدىغا يىغىلغان پۈتۈن يۇرت ئەھلى قۇۋۋەتلىدى. شۇنىڭ بىلەن شەھەردىكى ئەرلەرنىڭ ھەممىسى خەتنە قىلدۇردى.
25ئارىدىن ئۈچ كۈن ئۆتتى، خەتنە قىلدۇرغان ئەرلەر تېخى ساقايمىغانىدى. ياقۇپنىڭ ئىككى ئوغلى، يەنى دىنانىڭ ئاكىلىرى بولغان شىمون بىلەن لاۋىي قولىغا قىلىچ ئېلىپ، شەھەرگە توسالغۇسىز بۆسۈپ كىرىپ، شەھەردىكى پۈتۈن ئەرلەرنى قىرىپ تاشلىدى. 26ھەتتا خامور بىلەن ئوغلى شەكەمنىمۇ ئۆلتۈرۈۋەتتى. ئاندىن ئۇلار شەكەمنىڭ ئۆيىدىن دىنانى ئېلىپ چىقتى.
27قىرغىنچىلىقتىن كېيىن ياقۇپنىڭ باشقا ئوغۇللىرى شەھەرنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ، سىڭلىسى ئۈچۈن ئىنتىقام ئالدى. 28ئۇلار شەھەر ۋە دالالاردىكى كالا، قوي، ئۆچكە، ئېشەك ۋە باشقا نەرسىلەرنى بۇلاپ كەتتى. 29شۇنداقلا، ئۇلار يەنە بارلىق قىممەتلىك بايلىقلارنى ۋە ھەممە ئۆيلەردىكى بار بىساتلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلدى، خوتۇن-قىزلىرى، بالىلىرىنى ئەسىرگە ئالدى. 30ياقۇپ شىمون بىلەن لاۋىيغا:
_ سىلەر مېنى بالاغا تىقتىڭلار. بۈگۈندىن باشلاپ، كەنئانلىقلار، پەرىززىلەر ۋە بۇ يەردىكى باشقا ئەللەر ماڭا ئۆچمەنلىك قىلىدۇ. بىزنىڭ ئادەم سانىمىز ئاز، ئەگەر ئۇلار بىرلىشىپ بىزگە ھۇجۇم قىلسا، پۈتۈن ئائىلىمىز ھالاك بولىدۇ، _ دېدى. 31لېكىن ئۇلار:
_ ئۇنداقتا، ئۇلار سىڭلىمىزغا پاھىشە ئايالغا قىلىدىغان مۇئامىلىنى قىلسا بولامدۇ؟! _ دەپ جاۋاب قايتۇرۇشتى.
सध्या निवडलेले:
ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 34: HZUT
ठळक
सामायिक करा
कॉपी करा
तुमचे हायलाइट तुमच्या सर्व डिव्हाइसेसवर सेव्ह करायचे आहेत? साइन अप किंवा साइन इन
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti