ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 16
16
ئىسمائىلنىڭ تۇغۇلۇشى
1ئىبرامنىڭ ئايالى ساراھ تۇغماس ئىدى، ئۇنىڭ ھەجەر ئىسىملىك مىسىرلىق بىر دېدىكى بار ئىدى. 2ساراھ ئىبرامغا:
_ پەرۋەردىگار مېنى تۇغماس يارىتىپتۇ، ئەمدى سىز دېدىكىم بىلەن بىر ياستۇققا باش قويۇڭ! بەلكىم مەن ئۇ ئارقىلىق بىرەر پەرزەنتلىك بولۇپ قالارمەن، _ دېدى.
ئىبرام ساراھنىڭ بۇ سۆزىگە قوشۇلدى. 3شۇنىڭ بىلەن ساراھ ھەجەرنى ئىبرامغا كىچىك خوتۇنلۇققا بەردى. بۇ ۋەقە ئىبرام كەنئاندا تۇرغان ئونىنچى يىلى يۈز بەردى. 4ئىبرام ھەجەر بىلەن بىللە بولغاندىن كېيىن، ھەجەر ھامىلىدار بولدى. ھەجەر ئۆزىنىڭ ھامىلىدار بولغانلىقىنى سەزگەندىن باشلاپ مەغرۇرلىنىپ، خوجايىنى ساراھنى كۆزگە ئىلمايدىغان بولدى. 5ساراھ ئىبرامغا قېيىداپ:
_ ھەممىنى قىلغان سىز! مەن ھەجەرنى سىزگە قوشۇپ قويغانىدىم. ئەمدىلىكتە ئۇ ئۆزىنىڭ ھامىلىدارلىقىنى پەش قىلىپ، مېنى كۆزگە ئىلمايدىغان بولۇۋالدى. كىمنىڭ قىلغانلىقىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە پەرۋەردىگار ئۆزى ھۆكۈم قىلسۇن، _ دېدى. 6ئىبرام:
_ ئۇ سېنىڭ دېدىكىڭ، ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى خالىساڭ، شۇنداق مۇئامىلە قىل، _ دەپ جاۋاب بەردى.
شۇنىڭ بىلەن ساراھ ھەجەرنى بوزەك قىلىشقا باشلىدى. شۇڭا ھەجەر ئۆيدىن قېچىپ كەتتى.
7پەرىشتىنىڭ سۈرىتىدە كەلگەن پەرۋەردىگار#16: 7 سۆزمۇسۆز تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى» بولۇپ، تەۋراتتا بۇ كۆپ ۋاقىتلاردا پەرىشتە قىياپىتىدە كۆرۈلگەن خۇدانىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ. ھەجەرنى چۆلدىكى بىر بۇلاقنىڭ يېنىدا كۆردى. بۇلاق شۇر دېگەن يەرگە بارىدىغان يولنىڭ بويىدا ئىدى. 8پەرىشتە ئۇنىڭدىن:
_ ئەي ساراھنىڭ دېدىكى ھەجەر، سەن قەيەردىن كەلدىڭ، نەگە كېتىۋاتىسەن؟ _ دەپ سورىدى.
_ مەن ئايال خوجايىنىم ساراھنىڭ يېنىدىن قېچىپ چىقتىم، _ دەپ جاۋاب بەردى ھەجەر. 9پەرىشتە ئۇنىڭغا:
_ سەن ئايال خوجايىنىڭ ساراھنىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىپ، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغىن، _ دېدى. 10پەرىشتە يەنە مۇنداق دېدى:
_ مەن سېنىڭ ئەۋلادىڭنى شۇنداق كۆپەيتىمەنكى، ئۇلارنىڭ سانىنى ھېچكىم سانىيالمايدۇ. 11سەن ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغىسەن، ئىسمىنى ئىسمائىل [مەنىسى «ئاڭلىغۇچى خۇدا»] قويغىن، چۈنكى سېنىڭ داد-پەريادىڭ پەرۋەردىگارغا يەتتى. 12سېنىڭ ئوغلۇڭ كۆندۈرۈلمىگەن ياۋايى ئېشەكتەك ياشايدۇ، ئۇ ھەممىگە قارشى قول كۆتۈرىدۇ، كىشىلەرمۇ ئۇنىڭغا قارشى قول كۆتۈرىدۇ. ئۇ تۇغقانلىرىغا ئۆچمەنلىك قىلىپ ياشايدۇ.
13ھەجەر ئۆز-ئۆزىگە: «مەن راستتىنلا ماڭا غەمخورلۇق قىلغان خۇدانى كۆردۈم!» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىگە سۆز قىلغان پەرۋەردىگارنى «ئېل-روئا» [مەنىسى «مېنى كۆرگۈچى خۇدا»] دەپ ئاتىدى. 14شۇڭا كىشىلەر ئۇ بۇلاققا بەئەر-لاخايروئى [مەنىسى «مېنى كۆرگۈچى خۇدانىڭ بۇلىقى»] دەپ نام قويدى. بۇ بۇلاق ھازىرمۇ كادېش بىلەن بەرەد شەھىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىدۇر.
15ھەجەر ئىبرامغا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. ئىبرام ئۇنىڭغا ئىسمائىل دەپ ئات قويدى. 16ئۇ چاغدا ئىبرام 86 ياشتا ئىدى.
Aktuálne označené:
ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 16: HZUT
Zvýraznenie
Zdieľať
Kopírovať
Chceš mať svoje zvýraznenia uložené vo všetkých zariadeniach? Zaregistruj sa alebo sa prihlás
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

: