ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 24
24
ئىسھاقنىڭ ئۆيلىنىشى
1ئىبراھىم قېرىپ كەتكەنىدى، پەرۋەردىگار ئۇنىڭ ھەرقانداق ئىشىنى ئاسان قىلىپ، ئۇنىڭغا بەخت ئاتا قىلغانىدى. 2ئۇ بىر كۈنى ئائىلىسىدىكى غوجىدارغا:
_ قولۇڭنى يوتامنىڭ ئاستىغا قويۇپ تۇرۇپ، 3ئوغلۇم ئىسھاقنى بۇ يەردىكى كەنئانلىقلاردىن ئۆيلەندۈرمەيدىغانلىقىڭغا پەرۋەردىگار، يەنى پۈتۈن ئالەمنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىل. 4سەن چوقۇم يۇرتۇمغا بېرىپ، تۇغقانلىرىم ئارىسىدىن بىر قىزنى ئوغلۇم ئىسھاققا ئېلىپ بېرىدىغانلىقىڭغا ۋەدە بەر، _ دېدى. 5لېكىن غوجىدار ئۇنىڭدىن:
_ ئەگەر ئۇ قىز ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلىپ، بۇ يەرگە كەلگىلى ئۇنىمىسا، ئوغلىڭىزنى يۇرتىڭىزغا ئېلىپ بارامدىمەن؟ _ دەپ سورىدى. 6ئىبراھىم مۇنداق جاۋاب بەردى:
_ ئوغلۇمنى ھەرگىز يۇرتۇمغا ئاپارما! 7پەرۋەردىگار، يەنى ئەرشتىكى خۇدا مېنى يۇرت ۋە ئۇرۇق-جەمەتىمدىن ئايرىپ، بۇ زېمىننى ئەۋلادلىرىمغا ئاتا قىلىشقا ۋەدە بەرگەن. شۇڭا پەرۋەردىگار پەرىشتىسىنى ئەۋەتىپ، سېنىڭ ئوغلۇمغا ئۇ يەردىن قىز تېپىشىڭغا ياردەم قىلىدۇ. 8مۇبادا ئۇ قىز سەن بىلەن بىرگە كېلىشكە ئۇنىمىسا، سەن قەسىمىڭدىن خالىي بولىسەن. لېكىن ئوغلۇمنى ھەرگىز يۇرتۇمغا ئاپارمىغىن!
9شۇنىڭ بىلەن غوجىدار قولىنى خوجايىنى ئىبراھىمنىڭ ئىككى يوتىسىنىڭ ئاستىغا قويۇپ تۇرۇپ، ئىبراھىمنىڭ تاپشۇرغانلىرىنى ئورۇندايدىغانلىقى ھەققىدە قەسەم بەردى.
10غوجىدار خوجايىنى ئىبراھىمنىڭ تۆگىلىرىدىن ئوننى تاللاپ، ئۇلارغا ھەر خىل قىممەت باھالىق سوۋغاتلارنى ئارتىپ، يولغا چىقتى. ئۇ ئاررام-ناھارايىم رايونىغا بېرىپ، ناخور تۇرغان شەھەرگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، 11شەھەرنىڭ سىرتىدىكى بىر قۇدۇقنىڭ يېنىدا تۆگىلىرىنى چۆكتۈردى. بۇ كۈن پېتىپ قالغان چاغ بولۇپ، قىزلار قۇدۇققا سۇ ئالغىلى چىقىدىغان ۋاقىت ئىدى.
12غوجىدار مۇنداق دەپ دۇئا قىلدى:
_ ئى پەرۋەردىگار، سەن خوجايىنىم ئىبراھىم ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداسەن. خوجايىنىمغا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، ئىشىمنى ئوڭ قىلغايسەن. 13مەن ھازىر قۇدۇق يېنىدا تۇرىمەن. شەھەر قىزلىرى بۇ يەرگە سۇغا كېلىدۇ. 14مەن ئۇلارنىڭ بىرىگە: «كومزىكىڭىزدىكى سۇدىن ئىچىۋالسام قانداق؟» دەيمەن. ئەگەر ئۇ: «ئىچىڭ، تۆگىلىرىڭىزگىمۇ سۇ ئەكېلىپ بېرەي» دېسە، بۇ قىز خىزمەتكارىڭ ئىسھاققا تاللاپ بەرگىنىڭ بولسۇن. بۇنىڭدىن سېنىڭ خوجايىنىمغا مېھرىبانلىق قىلغانلىقىڭنى بىلەي.
15ئۇنىڭ دۇئاسى ئاياغلاشمايلا، بىر قىز كومزىكىنى مۈرىسىدە كۆتۈرۈپ، قۇدۇقنىڭ يېنىغا كەلدى. بۇ قىز بېتۇئېلنىڭ قىزى رىبەقا ئىدى. بېتۇئېل ئىبراھىمنىڭ ئىنىسى ناخور بىلەن مىلكاھنىڭ ئوغلى ئىدى. 16رىبەقا ئىنتايىن چىرايلىق، ئىپپەتلىك، پاك قىز ئىدى. ئۇ قۇدۇقنىڭ يېنىغا بېرىپ، كومزىكىگە سۇ تارتىپ چىقتى. 17ئىبراھىمنىڭ غوجىدارى قىزنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئۇنىڭدىن:
_ ماڭا سۈيىڭىزدىن ئازراق بەرسىڭىز؟ _ دەپ سورىدى. 18قىز ئۇنىڭغا:
_ مانا، ئىچىڭ، _ دەپلا، دەرھال مۈرىسىدىكى كومزەكنى قولىغا ئېلىپ، ھېلىقى غوجىدارغا بەردى. 19غوجىدار سۇنى ئىچىپ بولۇشىغا، رىبەقا ئۇنىڭغا:
_ تۆگىلىرىڭىزگىمۇ سۇ ئەكېلىپ بېرەي، ئۇلارمۇ قانغۇدەك ئىچسۇن، _ دېدى.
20رىبەقا دەرھال كومزەكتىكى سۇنى نورغا قۇيغاندىن كېيىن، يەنە يۈگۈرۈپ بېرىپ قۇدۇقتىن سۇ تارتىپ كېلىپ، ھەممە تۆگىلەرنى قانغۇدەك سۇغاردى.
21غوجىدار پەرۋەردىگارنىڭ يولىنى ئوچۇق قىلغان-قىلمىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، جىمجىت كۆزىتىپ تۇردى. 22تۆگىلەر سۇنى ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ قىزنىڭ بۇرنىغا 6 گىراملىق ئالتۇن ھالقا تاقاپ، قولىغا 115 گىراملىق بىر جۈپ ئالتۇن بىلەزۈك سېلىپ قويدى. 23ئاندىن ئۇ:
_ سىز كىمنىڭ قىزى بولىسىز؟ ئۆيۈڭلاردا قونغۇدەك يەر بارمۇ؟ _ دەپ سورىدى.
24قىز ئۇنىڭغا:
_ ناخور بىلەن مىلكاھنىڭ ئوغلى بېتۇئېلنىڭ قىزى بولىمەن. 25بىزنىڭ ئۆيدە قونغۇدەك يەر بار ھەمدە يەم-خەشەكمۇ كۆپ، _ دەپ جاۋاب بەردى.
26شۇنىڭ بىلەن غوجىدار پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلىپ، 27مۇنداق دېدى:
_ پەرۋەردىگار، يەنى خوجايىنىم ئىبراھىم ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا ھەمدۇسانا بولسۇن! ئۇ خوجايىنىمغا مېھىر-مۇھەببىتىنى كۆرسىتىپ، بەرگەن ۋەدىسىگە سادىق بولۇپ، مېنى ئۇدۇل خوجايىنىمنىڭ ئۆز تۇغقىنىنىڭ يېنىغا باشلاپ كەلدى.
28ھېلىقى قىز ئۆيىگە يۈگۈرۈپ بېرىپ، يۈز بەرگەن پۈتۈن ئىشنى ئائىلىسىدىكىلەرگە سۆزلەپ بەردى. 29رىبەقانىڭ لابان ئىسىملىك بىر ئاكىسى بار ئىدى. ئۇ يۈگۈرۈپ چىقىپ، قۇدۇقنىڭ يېنىدىكى ئىبراھىمنىڭ غوجىدارىنىڭ يېنىغا باردى. 30ئۇ سىڭلىسىنىڭ ھالقا ۋە بىلەزۈك سېلىۋالغىنىنى كۆرگەن ۋە سىڭلىسىدىن غوجىدارنىڭ دېگەن سۆزلىرىنى ئاڭلىغانىدى. ئۇ قۇدۇقنىڭ تۈۋىدە تۆگىلەرنىڭ يېنىدا تۇرغان ئىبراھىمنىڭ غوجىدارىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، 31ئۇنىڭغا:
_ پەرۋەردىگار بەختلىك قىلغان ئادەم نېمىشقا تاشقىرىدا تۇرىسىز؟ مەن بىلەن يۈرۈڭ، ئۆيگە بارايلى! مەن سىزگە ئۆي، تۆگىلەرگىمۇ جاي تەييارلاپ قويدۇم، _ دېدى.
32غوجىدار ئۆيگە كىردى. لابان تۆگىلەردىكى ماللارنى چۈشۈرۈپ، ئۇلارغا چۆپ سېلىپ بەردى. ئاندىن غوجىدارغا ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىغا پۇت-قوللىرىنى يۇغىلى سۇ ئېلىپ كەلدى. 33تاماقلار كەلتۈرۈلگەندە غوجىدار:
_ مەن سىزگە دەيدىغىنىمنى دەپ بولمىغۇچە غىزالانمايمەن، _ دېدى.
_ قېنى، گېپىڭىزنى ئېيتىڭ، _ دېدى لابان. 34غوجىدار مۇنداق دېدى:
_ مەن ئىبراھىمنىڭ غوجىدارى. 35پەرۋەردىگار خوجايىنىمنىڭ ھەممە ئىشلىرىغا بەرىكەت ئاتا قىلىپ، ئۇنى ئىنتايىن باي قىلدى. پەرۋەردىگار ئۇنى كالا، قوي ۋە ئۆچكە پادىلىرىغا، ئالتۇن-كۈمۈش، قۇل، دېدەك، تۆگە ۋە ئېشەكلەرگە مۇيەسسەر قىلدى. 36خوجايىنىمنىڭ ئايالى سارە ياشانغان ۋاقتىدا خوجايىنىمغا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەرگەنىدى. خوجايىنىم پۈتۈن بايلىقىنى شۇ ئوغلىغا ئاتىدى. 37خوجايىنىم ئۆزىنىڭ تاپشۇرغانلىرىغا ئەمەل قىلىشىم ئۈچۈن مېنى قەسەم قىلدۇردى. ئۇ: «سەن ئوغلۇمغا بۇ يەردىكى كەنئانلىقلاردىن خوتۇن ئېلىپ بەرمەي، 38يۇرتۇمغا بېرىپ، ئۆز تۇغقانلىرىم ئارىسىدىن خوتۇن ئېلىپ بەر» دېگەنىدى. 39مەن خوجايىنىمدىن: «ئەگەر قىز بۇ يەرگە كەلگىلى ئۇنىمىسا، قانداق قىلىمەن؟» دەپ سورىسام، 40ئۇ: «مەن خىزمىتىدە بولۇپ كەلگەن پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ پەرىشتىسىنى سېنىڭ ئالدىڭغا ئەۋەتىدۇ. ئۇ سېنىڭ ئىشىڭنى ئوڭ قىلىدۇ. سەن ئوغلۇمغا يۇرتۇمدىكى تۇغقانلىرىم ئارىسىدىن خوتۇن ئېلىپ بەر. 41سەن تۇغقانلىرىمنىڭ ئۆيىگە بارساڭلا، ئۇلار قىزىنى بەرمىگەن تەقدىردىمۇ، سەن يەنىلا قەسەمدىن خالىي بولغان بولىسەن» دېگەنىدى. 42بۈگۈن مەن قۇدۇق يېنىغا كەلگىنىمدە، خۇداغا دۇئا قىلىپ: «ئى پەرۋەردىگار، يەنى خوجايىنىم ئىبراھىم ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ئىشىمنى ئوڭ قىلغايسەن. 43مەن ھازىر قۇدۇق يېنىدا تۇرىمەن. بىرەر قىز بۇ يەرگە سۇ ئالغىلى كەلسە، مەن ئۇنىڭدىن: ‹كومزىكىڭىزدىكى سۇدىن ئازراق ئىچىۋالسام بولامدۇ؟› دەپ سورايمەن. 44ئەگەر ئۇ قىز قوشۇلسا ۋە تۆگىلىرىمگىمۇ قۇدۇقتىن سۇ تارتىپ بەرسە، ئۇ قىز پەرۋەردىگارنىڭ خوجايىنىمنىڭ ئوغلىغا تاللاپ قويغان قىز بولسۇن» دېدىم. 45دۇئايىم ئاياغلاشمايلا، رىبەقا كومزىكىنى مۈرىسىدە كۆتۈرۈپ، قۇدۇقنىڭ يېنىغا سۇ ئالغىلى كەلدى. مەن ئۇنىڭدىن: «سۈيىڭىزدىن ئازراق ئىچىۋالسام بولامدۇ؟» دەپ سورىغانىدىم. 46ئۇ دەرھال مۈرىسىدىكى كومزەكنى قولىغا ئېلىپ: «مانا، ئىچىڭ! تۆگىلىرىڭىزگىمۇ سۇ بېرەي» دېدى. سۇنى ئىچتىم، ئۇ تۆگىلەرگىمۇ سۇ بەردى. 47ئاندىن مەن ئۇنىڭدىن: «سىز كىمنىڭ قىزى بولىسىز؟» دەپ سورىۋىدىم، ئۇ: «ناخور بىلەن مىلكاھنىڭ ئوغلى بېتۇئېلنىڭ قىزى بولىمەن» دەپ جاۋاب بەردى. شۇڭا مەن ئۇنىڭ بۇرنىغا ھالقا تاقاپ، قوللىرىغا بىلەزۈك سېلىپ قويدۇم. 48ئاندىن مەن پەرۋەردىگارغا، يەنى خوجايىنىم ئىبراھىم ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا سەجدە قىلىپ، ھەمدۇسانا ئوقۇدۇم. چۈنكى ئۇ مېنى ئۇدۇل خوجايىنىمنىڭ تۇغقىنىنىڭ ئۆيىگە باشلاپ كېلىپ، خوجايىنىمغا ئۇنىڭ قىزىنى كېلىنلىككە ئېلىشىمغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەنىدى. 49ئەمدى سىلەر خوجايىنىمغا مېھرىبان ۋە سادىق بولۇپ، بۇ توي ئىشىغا قوشۇلساڭلار، بۇنى ئېيتىڭلار، قوشۇلمىساڭلارمۇ ئېيتىڭلار. مەن قانداق قىلىشىم ھەققىدە بىر قارارغا كېلەي.
50لابان بىلەن بېتۇئېل غوجىدارغا:
_ بۇ ئىش پەرۋەردىگارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ئىكەن، بىز نېمە دېيەلەيمىز! 51مانا رىبەقا، ئۇنى ئېلىپ كەتسىڭىز بولىدۇ. ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئورۇنلاشتۇرغىنىدەك، خوجايىنىڭىزنىڭ كېلىنى بولسۇن، _ دەپ جاۋاب بەردى.
52ئىبراھىمنىڭ غوجىدارى بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلدى. 53ئارقىدىن ئۇ كىيىم-كېچەك، ئالتۇن ۋە كۈمۈشتىن ياسالغان زىبۇ-زىننەت بۇيۇملارنى چىقىرىپ، رىبەقاغا سۇندى. ئاندىن ئاكىسى ۋە ئانىسىغىمۇ قىممەت باھالىق سوۋغاتلارنى بەردى.
54شۇنداق قىلىپ، ئىبراھىمنىڭ غوجىدارى ھەمراھلىرى بىلەن بىرگە يەپ-ئىچىپ، بىر كېچە قوندى. ئەتىسى سەھەر تۇرۇپ، رىبەقانىڭ ئۆيىدىكىلىرىگە:
_ خوجايىنىمنىڭ يېنىغا قايتىشىمغا رۇخسەت قىلغايسىلەر، _ دېدى.
55لېكىن رىبەقانىڭ ئاكىسى بىلەن ئانىسى ئۇنىڭغا:
_ رىبەقا بىز بىلەن ھېچ بولمىسا يەنە ئون كۈن تۇرۇپ، ئاندىن كېيىن بارسۇن، _ دېدى. 56لېكىن غوجىدار:
_ بىزنى كېچىكتۈرمىگەيسىلەر. پەرۋەردىگار ھەممە ئىشىمىزنى ئوڭۇشلۇق قىلغانىكەن، خوجايىنىمنىڭ يېنىغا قايتىشىمغا رۇخسەت قىلغايسىلەر، _ دېدى.
57_ بىز قىزدىن سوراپ كۆرەيلى، ئۇ نېمە دەيدىكىن، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى ئۇلار 58ۋە رىبەقانى چاقىرىپ، ئۇنىڭدىن:
_ سەن بۇ كىشى بىلەن كېتىشنى خالامسەن؟ _ دەپ سورىدى.
_ خالايمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇ.
59شۇنىڭ بىلەن ئۇلار رىبەقانى ئىنىكئانىسى بىلەن بىرگە ئىبراھىمنىڭ غوجىدارى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىغا قوشۇپ يولغا سالدى. 60ئۇلار رىبەقاغا بەخت تىلەپ، مۇنداق دۇئا قىلدى:
«ئەي رىبەقا، مىڭلىغان، تۈمەنلىگەنلەرنىڭ بولغايسەن ئانىسى،
ئەۋلادلىرىڭ ئىگىلىگەي دۈشمەنلىرىنىڭ شەھەرلىرىنى!»
61رىبەقا ۋە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولىدىغان دېدەكلەر سەپەرگە تەييارلىنىپ، تۆگىلەرگە مىندى. ئىبراھىمنىڭ غوجىدارى رىبەقانى ئېلىپ، يولغا راۋان بولدى.
62ئۇ ۋاقىتتا ئىسھاق بەئەر-لاخايروئى دېگەن يەردىن ئايرىلىپ، كەنئاننىڭ جەنۇبىدىكى نەگېب چۆللۈكىگە قايتىپ كېلىپ، شۇ يەردە ياشاۋاتقانىدى. 63بىر كۈنى كۈنپېتىش ۋاقتىدا ئۇ دالادا خۇدانى چوڭقۇر سېغىنىپ ئولتۇراتتى. يىراقتىن تۆگە كارۋىنىنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى.
64-65رىبەقامۇ ئىسھاقنى كۆردى ۋە تۆگىدىن چۈشۈپ، ئىبراھىمنىڭ غوجىدارىدىن:
_ دالادا بىز تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتقان ئاۋۇ كىشى كىم؟ _ دەپ سورىدى.
_ ئۇ خوجايىنىمنىڭ ئوغلى، _ دەپ جاۋاب بەردى غوجىدار.
شۇنىڭ بىلەن رىبەقا يۈزىنى ياغلىقى بىلەن يېپىۋالدى.
66غوجىدار ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى ئىسھاققا بىر-بىرلەپ سۆزلەپ بەردى.
67ئىسھاق رىبەقانى ئانىسى سارە ھايات ۋاقتىدا تۇرغان چېدىرغا باشلاپ كىرىپ، نىكاھىغا ئالدى. ئانىسى ۋاپات بولغان بولسىمۇ، ئۇ رىبەقانىڭ مۇھەببىتىدىن ئۆزىگە تەسەللى تاپتى.
Aktuálne označené:
ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 24: HZUT
Zvýraznenie
Zdieľať
Kopírovať
Chceš mať svoje zvýraznenia uložené vo všetkých zariadeniach? Zaregistruj sa alebo sa prihlás
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

: