YouVersion 標識
搜索圖示

ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 1

1
خۇدانىڭ ئالەمنى يارىتىشى
1خۇدا ھەممىدىن بۇرۇن پۈتۈن ئالەمنى ياراتتى. 2ئۇ چاغدا يەر شارى شەكىلسىز ۋە قۇپقۇرۇق ھالەتتە بولۇپ، سۇلارنى قاراڭغۇلۇق قاپلىغانىدى. خۇدانىڭ روھى سۇ ئۈستىدە لەرزان پەرۋاز قىلىپ يۈرەتتى.
3خۇدا: «يورۇقلۇق بولسۇن!» دېدى، يورۇقلۇق پەيدا بولدى. 4‏-5خۇدا يورۇقلۇقنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يورۇقلۇقنى قاراڭغۇلۇقتىن ئايرىدى ۋە يورۇقلۇقنى «كۈندۈز»، قاراڭغۇلۇقنى «كېچە» دەپ ئاتىدى. كېچە ۋە كۈندۈز ئۆتتى، بۇ تۇنجى كۈن بولدى.
6ئاندىن خۇدا: «سۇلارنى ئىككىگە ئايرىش ئۈچۈن بىر پاسىل بولسۇن!» دېدى. 7شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر پاسىل پەيدا قىلىپ، سۇلارنى ئاستى- ئۈستىگە ئايرىدى. خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن شۇنداق بولدى. 8خۇدا بۇ پاسىلنى «ئاسمان» دەپ ئاتىدى. يەنە كېچە ۋە كۈندۈز ئۆتتى، بۇ ئىككىنچى كۈن بولدى.
9ئاندىن خۇدا: «ئاسماننىڭ ئاستىدىكى سۇلار بىر يەرگە يىغىلىپ، قۇرۇق يەر كۆرۈنسۇن!» دېدى. خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن شۇنداق بولدى. 10خۇدا قۇرۇق يەرنى «زېمىن»، يىغىلغان سۇلارنى «دېڭىز» دەپ ئاتىدى. خۇدا بۇلارنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆردى.
11ئاندىن خۇدا يەنە: «زېمىندا ھەر خىل ئۆسۈملۈكلەر، يەنى ئۇرۇقلۇق ۋە مېۋىلىك ئۆسۈملۈكلەر ئۆز تۈرلىرى بويىچە ئۈنسۇن!» دېدى. خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن شۇنداق بولدى. 12شۇنىڭ بىلەن يەر يۈزىدە ھەر خىل ئۇرۇقلۇق ۋە مېۋىلىك ئۆسۈملۈكلەر ئۆز تۈرلىرى بويىچە ئۈنۈپ چىقتى. خۇدا بۇلارنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆردى. 13يەنە كېچە ۋە كۈندۈز ئۆتتى، بۇ ئۈچىنچى كۈن بولدى.
14خۇدا يەنە: «كۈندۈزنى كېچىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئاسماندا يورۇقلۇق بېرىدىغان جىسىملار بولسۇن. ئۇلار كۈن، پەسىل ۋە يىللارنى ئايرىشتىكى بەلگە بولسۇن. 15بۇ جىسىملار نۇر چېچىپ، يەر يۈزىنى يورۇتۇپ تۇرسۇن!» دېدى. خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن شۇنداق بولدى. 16خۇدا يورۇقلۇق بېرىدىغان ئىككى چوڭ جىسىمنى ياراتتى، قۇياشنى كۈندۈزنى باشقۇرىدىغان، ئاينى كېچىنى باشقۇرىدىغان قىلدى. خۇدا يەنە يۇلتۇزلارنىمۇ ياراتتى. 17خۇدا يورۇقلۇق بېرىدىغان بۇ ئىككى جىسىمنى ئاسمانغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، 18يەر يۈزىنى يورۇتتى ھەمدە كۈندۈزنى كېچىدىن، يورۇقلۇقنى قاراڭغۇلۇقتىن ئايرىدى. خۇدا ئۇلارنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆردى. 19يەنە كېچە ۋە كۈندۈز ئۆتتى، بۇ تۆتىنچى كۈن بولدى.
20خۇدا يەنە: «سۇ ھەر خىل جانلىقلارغا تولسۇن، ئاسماندا ھەر خىل ئۇچار قاناتلار ئۇچسۇن!» دېدى. 21ئاندىن ئۇ سۇدا ياشايدىغان ئاجايىپ-غارايىپ مەخلۇقلارنى، ھەر خىل چوڭ-كىچىك جانلىقلارنى ۋە ئاسماندىكى ھەر خىل ئۇچار قاناتلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە ياراتتى. خۇدا بۇ جانلىقلارنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆردى. 22خۇدا بۇ جانلىقلارغا بەرىكەت ئاتا قىلىپ: «سۇدا ياشىغۇچى جانلىقلار كۆپىيىپ، دېڭىز-ئوكيانلارنى تولدۇرسۇن، ئۇچار قاناتلار يەر يۈزىدە ئۇلغايسۇن!» دېدى. 23يەنە كېچە ۋە كۈندۈز ئۆتتى، بۇ بەشىنچى كۈن بولدى.
24خۇدا يەنە: «يەر يۈزىدە ھەر خىل جانلىقلار، يەنى ئۆي ھايۋانلىرى ۋە چوڭ-كىچىك ياۋايى ھايۋانلار پەيدا بولسۇن!» دېدى. خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن شۇنداق بولدى. 25شۇنىڭ بىلەن خۇدا يەر يۈزىدە ھەر خىل جانلىقلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە ياراتتى ۋە ئۇلارنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆردى.
26ئاندىن خۇدا: «ئۆزىمىزنىڭ شەكلىدە، ئۆزىمىزگە ئوخشايدىغان ئىنسان يارىتايلى. ئۇلار ھەر خىل جانلىقلارنى، يەنى دېڭىزدىكى بېلىقلار، ئاسماندىكى قۇشلار، زېمىندىكى ئۆي ھايۋانلىرى ۋە چوڭ-كىچىك جانلىقلارنى باشقۇرسۇن!» دېدى.
27شۇنىڭ بىلەن خۇدا ئىنساننى ئۆز شەكلىدە،
يەنى ئۆزىگە ئوخشاش قىلىپ ياراتتى،
شۇنداقلا ئۇلارنى ئەر ۋە ئايال قىلىپ ياراتتى.
28خۇدا ئۇلارغا بەخت ئاتا قىلىپ مۇنداق دېدى:
_ پەرزەنت كۆرۈپ كۆپىيىڭلار، يەر يۈزىنى قاپلاپ، دۇنيانى بويسۇندۇرۇڭلار. شۇنداقلا دېڭىزدىكى بېلىقلار، ئاسماندىكى قۇشلار، زېمىندىكى پۈتۈن جانلىقلارنى باشقۇرۇڭلار. 29مەن سىلەرگە پۈتۈن يەر يۈزىدىكى ھەر خىل زىرائەت ۋە مېۋىلەرنى ئوزۇقلۇق قىلىپ بەردىم. 30زېمىندىكى بارلىق چوڭ-كىچىك ھايۋانلار، ئاسماندىكى بارلىق قۇشلار، يەنى ھەممە جانلىقلارغا ھەر خىل ئۆسۈملۈكلەرنى ئوزۇق قىلىپ بەردىم. خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن شۇنداق بولدى. 31خۇدا ياراتقانلىرىنىڭ ھەممىسىگە قاراپ، ئۇلارنىڭ ئىنتايىن ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆردى. يەنە كېچە ۋە كۈندۈز ئۆتتى، بۇ ئالتىنچى كۈن بولدى.

醒目顯示

分享

複製

None

想要在所有設備上保存你的醒目顯示嗎? 註冊或登入