YouVersion Logo
Search Icon

مىسىردىن چىقىش 5

5
مۇسا ۋە ھارۇننىڭ پىرئەۋن بىلەن كۆرۈشۈشى
1شۇنىڭدىن كېيىن مۇسا بىلەن ھارۇن پىرئەۋن بىلەن كۆرۈشۈپ:
_ پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا: «خەلقىمنىڭ مەن ئۈچۈن ھېيت ئۆتكۈزگىلى چۆل-باياۋانغا بېرىشىغا يول قوي» دەيدۇ، _ دېدى.
2پىرئەۋن ئۇلارغا:
_ مېنى ئۆزىگە ئىتائەت قىلدۇرۇپ، ئىسرائىل خەلقىنى قويۇپ بەرگۈزگۈدەك قانداق پەرۋەردىگار ئىكەن ئۇ؟ مەن پەرۋەردىگارنى تونۇمايمەن. ئىسرائىللارنىمۇ قويۇپ بەرمەيمەن، _ دېدى. 3مۇسا بىلەن ھارۇن:
_ ئىبرانىيلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا بىزگە ئايان بولدى. ئەمدى بىزنىڭ ئۈچ كۈنلۈك يول بېسىپ، چۆل-باياۋانغا بېرىپ، پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا قۇربانلىق قىلىشىمىزغا ئىجازەت بەرسىڭىز. بولمىسا، ئۇ بىزنى ۋابا ۋە ئۇرۇش بىلەن ھالاك قىلىشى مۇمكىن، _ دېدى. 4مىسىر پادىشاھى مۇسا ۋە ھارۇنغا:
_ بۇ نېمە دېگىنىڭلار! خەلقنىڭ ئىشىغا دەخلى قىلماقچىمۇسىلەر؟ بېرىپ ئىشىڭلارنى قىلىڭلار! 5سىلەر بۇ يەردىكى ئىسرائىللارنىڭ سانىنىڭ كۆپلۈكىگە قارىماستىن، ئۇلارنى ئىشتىن توختاتماقچى بولۇۋاتامسىلەر؟ _ دېدى.
6پىرئەۋن شۇ كۈنىلا مىسىرلىق ئەمگەك نازارەتچىلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ قول ئاستىدىكى ئىسرائىل ئىش باشلىرىغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ:
7_ بۇندىن كېيىن ئىسرائىللارنىڭ كېسەك قۇيۇشى ئۈچۈن بۇرۇنقىدەك سامان يىغىپ بەرمەڭلار! ساماننى ئۆزلىرى يىغسۇن. 8لېكىن ئۇلار كېسەك سانىنى بۇرۇنقىدەكلا ئورۇندىسۇن. بۇ ساننى كېمەيتىشىڭلارغا قەتئىي بولمايدۇ. ئۇلار ھۇرۇن، ئۇلارنىڭ: «خۇدايىمىز ئۈچۈن قۇربانلىق قىلغىلى بېرىشىمىزغا ئىجازەت بەرگەيسىز» دېيىشىنىڭ سەۋەبىمۇ دەل شۇ! 9ئۇلارنى تېخىمۇ ئېغىر ئىشلارغا سېلىڭلار. بۇنداق قىلساڭلار، ئۇلار تىنىم تاپماستىن ئىشلەپ، يالغان گەپلەرگە قۇلاق سېلىشقا ۋاقىتمۇ چىقىرالمايدۇ، _ دېدى.
10مىسىرلىق ئەمگەك نازارەتچىلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ قول ئاستىدىكى ئىسرائىل ئىش باشلىرى بېرىپ، ئىسرائىللارغا:
_ پىرئەۋن بىزگە: «بۇندىن كېيىن، ئىسرائىللارغا سامان بەرمەڭلار، 11قەيەردە سامان بولسا، شۇ يەردىن ئۆزلىرى ئەكەلسۇن. بىراق كېسەكنىڭ سانىنى قەتئىي كېمەيتمەڭلار» دەيدۇ، _ دېدى. 12شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار مىسىرنىڭ ھەممە جايلىرىغا بېرىپ، ئېڭىزدىن سامان توپلايدىغان بولدى. 13ئەمگەك نازارەتچىلىرى ھەر كۈنى ئۇلارنى: «سىلەرگە سامان بېرىلگەن بۇرۇنقى ۋاقىتتىكىدەكلا كۆپ كېسەك قۇيىسىلەر» دەپ قىستىدى.
14پىرئەۋننىڭ ئەمگەك نازارەتچىلىرى ئۆزلىرى تەيىنلىگەن ئىسرائىل ئىش باشلىرىنى قامچىلاپ، ئۇلارنى:
_ نېمىشقا تۈنۈگۈن ۋە بۈگۈن قۇللارغا بۇرۇنقىدەك ساندا كېسەك قۇيدۇرمىدىڭلار؟ _ دەپ سوراق قىلىدىغان بولدى.
15شۇڭا بۇ ئىش باشلىرى پىرئەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ:
_ جانابى ئالىيلىرى، قۇللىرىغا نېمىشقا مۇنداق مۇئامىلە قىلىدىلا؟ 16قۇللىرىغا سامان يەتكۈزۈپ بېرىلمەيۋاتىدۇ، لېكىن بىز يەنىلا بۇرۇنقى ساندا كېسەك قۇيۇشقا بۇيرۇلۇۋاتىمىز. ھازىر قۇللىرى تاياق يەۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇلار سىلەر مىسىرلىقلارنىڭ خاتالىقى، _ دەپ نالە قىلىشتى. 17پىرئەۋن ئۇلارغا:
_ ھەرقايسىڭ ھۇرۇن، ھۇرۇن نېمىلەرسەن! «پەرۋەردىگارىمىز ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىپ كېلىشكە ئىجازەت بەرگەيلا» دېيىشكەنلىرىڭنىڭ سەۋەبىمۇ شۇ. 18دەرھال قايتىپ بېرىپ ئىشىڭنى قىلىش! ھەرقايسىڭغا بېرىلىدىغان سامان يوق. كېسەكنى يەنىلا بۇرۇنقى ساندا تاپشۇرۇشىسەن، _ دېدى.
19كېسەك سانىنىڭ كېمەيتىلمەيدىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىسرائىل ئىش باشلىرى بېشىغا چوڭ بالا-قازانىڭ كەلگەنلىكىنى بىلىشتى. 20ئۇلار پىرئەۋننىڭ يېنىدىن چىقىپ، تاشقىرىدا ئۆزلىرىنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان مۇسا بىلەن ھارۇنغا:
21_ سىلەرنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىڭلارغا پەرۋەردىگار گۇۋاھ بولسۇن. پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ ئەدىبىڭلارنى بەرسۇن. سىلەر پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ ئالدىدا نامىمىزنى سېسىتتىڭلار. ئۇلارنىڭ بىزنى ئۆلتۈرۈشىگە باھانە تېپىپ بەردىڭلار، _ دېدى.
خۇدانىڭ ئىسرائىللارنى ئازاد قىلىشقا ۋەدە قىلىشى
22شۇنىڭ بىلەن مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا بېرىپ:
_ ئى ئىگەم، ئۆز خەلقىڭنى نېمىشقا بۇنداق خورلايسەن؟ مېنى بۇ يەرگە نېمىشقا ئەۋەتتىڭ؟ 23مەن پىرئەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ سېنىڭ سۆزلىرىڭنى يەتكۈزگەندىن بېرى، ئۇ خەلقىڭگە تېخىمۇ زۇلۇم سالىدىغان بولدى. ئەمما سەن ئۇلارنى قەتئىي قۇتقۇزمىدىڭ! _ دېدى.

Highlight

Share

Copy

None

Want to have your highlights saved across all your devices? Sign up or sign in