YouVersion Logo
Search Icon

مىسىردىن چىقىش 6

6
1پەرۋەردىگار مۇساغا:
_ ئەمدى سەن مېنىڭ پىرئەۋنگە قىلىدىغانلىرىمنى كۆرىسەن. ئۇ مېنىڭ قولۇمنىڭ زور قۇدرىتى بىلەن ئىسرائىللارنى قويۇپ بېرىدۇ، ھەتتا زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىدۇ، _ دېدى. 2خۇدا مۇساغا يەنە مۇنداق دېدى:
_ مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. 3مەن بۇرۇن ئەجدادلىرىڭ ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارغا ھەممىگە قادىر خۇدا بولۇپ زاھىر بولدۇم. لېكىن مەن ئۆزۈمنى ئۇلارغا «ياھۋەھ» دېگەن نامىم بىلەن ئاشكارىلىمىدىم. 4ئەمما مەن ئۇلار بىلەن ئەھدە تۈزۈپ، ئۇلار ئەينى ۋاقىتتا مۇساپىر بولۇپ تۇرۇۋاتقان كەنئان زېمىنىنى ئۇلارغا بېرىشكە ۋەدە قىلغانىدىم. 5ھازىر مەن ئىسرائىللارنىڭ مىسىرلىقلار تەرىپىدىن زۇلۇمغا ئۇچراپ، داد-پەرياد قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۆز ئەھدەمنى ئېسىمگە ئالدىم. 6شۇڭا سەن بېرىپ، ئىسرائىللارغا سۆزلىرىمنى يەتكۈز: «مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن، سىلەرنى مىسىرلىقلارنىڭ ئېغىر ئەمگەكلىرىدىن ئازاد قىلىمەن، قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇرىمەن. مەن ھەممىگە قادىر قولۇم بىلەن سىلەرنى قۇتقۇزىمەن، مىسىرلىقلارنى قاتتىق جازالايمەن. 7سىلەرنى ئۆز خەلقىم قىلىمەن. مەن سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار بولىمەن. مىسىرلىقلارنىڭ قۇللۇقىدىن قۇتۇلغان ۋاقتىڭلاردا، بۇ ئىشنى مېنىڭ، يەنى پەرۋەردىگارىڭلار بولغان خۇدانىڭ قىلغانلىقىنى بىلىسىلەر. 8مەن سىلەرنى ئەجدادلىرىڭلار بولغان ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارغا بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىنغا ئېلىپ بارىمەن ۋە ئۇ يەرنى سىلەرگە مۈلۈك قىلىپ بېرىمەن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.»
9مۇسا بۇ سۆزلەرنى ئىسرائىللارغا يەتكۈزدى، لېكىن ئېغىر قۇللۇق ئازابىدىن روھسىزلانغان ئىسرائىللار ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدى. 10پەرۋەردىگار مۇساغا يەنە:
11_ سەن پىرئەۋننىڭ، يەنى پادىشاھنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا ئىسرائىللارنىڭ مىسىردىن چىقىپ كېتىشىگە يول قويۇشنى ئېيتقىن، _ دېدى. 12مۇسا پەرۋەردىگارغا:
_ سۆزۈمگە ئىسرائىللار قۇلاق سالمىغان يەردە پىرئەۋن قانداقمۇ قۇلاق سالسۇن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مەن تىلى ئېغىر بىر ئادەم تۇرسام! _ دەپ جاۋاب قايتۇردى.
13لېكىن پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا:
_ سىلەر ئىسرائىللارنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇلارغا: «خۇدا بىزنىڭ ئىسرائىللارنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىشىمىز ئۈچۈن پىرئەۋنگە ئەمر قىلدى» دەڭلار _ دېدى.
مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ ئەجدادلىرى
14تۆۋەندىكىلەر ئىسرائىل قەبىلىلىرىدىكى بىر قىسىم جەمەتلەرنىڭ باشلىقلىرىدۇر. ياقۇپنىڭ تۇنجى ئوغلى رۇبېننىڭ خانوك، پاللۇ، خەزرون ۋە كارمى قاتارلىق تۆت ئوغلى بولۇپ، ئۇلار ئۆز جەمەتلىرىنىڭ باشلىقلىرى ئىدى.
15شىموننىڭ يىمۇئېل، يامىن، ئوھاد، ياكىن، زوخار ۋە كەنئانلىق ئايالىدىن بولغان شائۇل قاتارلىق ئوغۇللىرى بولۇپ، ئۇلار ئۆز جەمەتلىرىنىڭ باشلىقلىرى ئىدى.
16لاۋىينىڭ گېرشوم، قوھات ۋە مىرارى ئىسىملىك ئۈچ ئوغلى بولۇپ، ئۇلار ئۆز جەمەتلىرىنىڭ باشلىقلىرى ئىدى. لاۋىي 137 يىل ئۆمۈر كۆردى. 17گېرشومنىڭ لىبنى ۋە شىمئى ئىسىملىك ئىككى ئوغلى بولۇپ، ئۇلار ئۆز جەمەتلىرىنىڭ باشلىقلىرى ئىدى. 18قوھاتنىڭ ئامرام، يىزھار، ھىبرون ۋە ئۇززىئېل قاتارلىق تۆت ئوغلى بولۇپ، ئۇ 133 يىل ئۆمۈر كۆردى. 19مىرارىنىڭ ماخلى ۋە مۇشى ئىسىملىك ئىككى ئوغلى بار ئىدى.
يۇقىرىقىلار لاۋىي قەبىلىسىدىكى جەمەتلەرنىڭ باشلىقلىرىدۇر.
20قوھاتنىڭ ئوغلى ئامرام ئۆز ھاممىسى يوكەبەدنى ئەمرىگە ئالغانىدى. ئۇ ھارۇن بىلەن مۇسانى تۇغدى. ئامرام 137 يىل ئۆمۈر كۆردى. 21يىزھارنىڭ كوراھ، نەفەگ ۋە زىكرى ئىسىملىك ئۈچ ئوغلى بار ئىدى. 22ئۇززىئېلنىڭ مىشائېل، ئەلزافان ۋە سىترى ئىسىملىك ئۈچ ئوغلى بار ئىدى.
23ھارۇن ناخشوننىڭ سىڭلىسى، ئاممىنادابنىڭ قىزى ئەلىشەبانى ئەمرىگە ئالدى. ئەلىشەبا ھارۇنغا ناداب، ئابىھۇ، ئەلئازار ۋە ئىتامار ئىسىملىك تۆت ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. 24كوراھتىن ئاسسىر، ئەلقانا، ئەبىئاساف ئىسىملىك ئۈچ ئوغۇل تۆرەلدى. ئۇلار كوراھ جەمەتىدىكى تارماق جەمەتلەرنىڭ باشلىقلىرى بولدى. 25ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلئازار پۇتىئېلنىڭ قىزلىرىدىن بىرنى ئەمرىگە ئالدى. ئۇ پىنىخاسنى تۇغدى.
مانا بۇلار لاۋىي قەبىلىسىدىكى جەمەتلەرنىڭ باشلىقلىرى.
26دەل يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان ھارۇن بىلەن مۇسا ئىسرائىللارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بىلەن توپ-توپى بىلەن مىسىردىن ئېلىپ چىققانىدى. 27پىرئەۋن، يەنى مىسىر پادىشاھىدىن ئىسرائىللارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلارمۇ مانا مۇشۇ مۇسا بىلەن ھارۇن ئىدى.
ھارۇننىڭ مۇساغا ۋاكالىتەن سۆزلىشى
28پەرۋەردىگار مىسىردا مۇسا بىلەن سۆزلەشكەن ۋاقتىدا ئۇنىڭغا:
29_ مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن، ساڭا دېگەن سۆزلىرىمنىڭ ھەممىسىنى پىرئەۋن، يەنى مىسىر پادىشاھىغا يەتكۈزگىن، _ دېگەنىدى. 30لېكىن مۇسا:
_ مەن يا سۆزمەن بولمىسام، پىرئەۋن مېنىڭ سۆزۈمگە قانداقمۇ قۇلاق سالسۇن؟ _ دەپ جاۋاب بەرگەنىدى.

Highlight

Share

Copy

None

Want to have your highlights saved across all your devices? Sign up or sign in

Videos for مىسىردىن چىقىش 6