YouVersion Logo
Search Icon

ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 26

26
ئىسھاقنىڭ گىراردا مۇساپىر بولۇشى
1ئىبراھىمنىڭ زامانىدا كەنئاندا بىر قېتىم ئاچارچىلىق يۈز بەرگەنىدى. كېيىن يەنە بىر قېتىم ئاچارچىلىق يۈز بەردى. ئىسھاق گىرار شەھىرىگە باردى. ئۇ يەردە فىلىستىيەلىكلەرنىڭ پادىشاھى ئابىمەلەك ياشايتتى. 2پەرۋەردىگار ئىسھاققا زاھىر بولۇپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:
_ سەن مىسىرغا بارمىغىن، بۇ زېمىندا، يەنى مەن ساڭا كۆرسەتكەن يەرگە ئولتۇراقلىشىپ، 3شۇ يەردە ياشاپ تۇرغىن. شۇنداق قىلساڭ، مەن ساڭا يار بولىمەن ھەمدە سېنى بەختلىك قىلىمەن. مەن بۇ يەرلەرنىڭ ھەممىسىنى ساڭا ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا ئاتا قىلىمەن. ئاتاڭ ئىبراھىم بىلەن تۈزگەن ئەھدەمدە چىڭ تۇرىمەن. 4مەن سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك كۆپ قىلىمەن ھەمدە ئۇلارغا بۇ يەرلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاتا قىلىمەن. يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل خەلقلەر سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ ئارقىلىق بەختكە ئېرىشىدۇ. 5چۈنكى ئىبراھىم ماڭا ئىتائەت قىلىپ، پۈتۈن قانۇن ۋە ئەمر-پەرمانلىرىمغا رىئايە قىلدى.
6شۇنىڭ بىلەن ئىسھاق گىراردا تۇرۇپ قالدى. 7ئۇنىڭ ئايالى رىبەقا ئىنتايىن گۈزەل ئىدى. يەرلىك كىشىلەر ئۇنىڭدىن ئايالى رىبەقانى كىم دەپ سورىسا، ئۇ ئۇلارغا ئايالىنى «سىڭلىم»، دەپ جاۋاب بەردى. چۈنكى ئۇ يەرلىك كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ، رىبەقانى ئېلىپ كېتىشىدىن قورقاتتى.
8ئىسھاق ئۇ يەردە بىرمەزگىل تۇردى. بىر كۈنى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ پادىشاھى ئابىمەلەك دېرىزىسىدىن سىرتقا قاراۋېتىپ، ئىسھاقنىڭ رىبەقا بىلەن قۇچاقلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدى. 9ئۇ ئىسھاقنى چاقىرتىپ:
_ ئۇ سېنىڭ ئايالىڭ ئىكەن، نېمە ئۈچۈن ئۇنى سىڭلىم دېدىڭ؟ _ دەپ سورىدى. ئىسھاق جاۋاب بېرىپ:
_ باشقىلار ئايالىمنى دەپ، مېنى ئۆلتۈرۈۋېتەرمىكىن دەپ ئويلىدىم، _ دېدى. 10ئابىمەلەك ئۇنىڭغا:
_ نېمىشقا بۇنداق قىلدىڭ؟ ناۋادا خەلقىم ئىچىدىكى بىرەرسى ئايالىڭغا چېقىلىپ قويغان بولسا، پۈتۈن خەلقىمنى گۇناھقا قويغان بولاتتىڭ ئەمەسمۇ؟! _ دېدى. 11ئاندىن پادىشاھ ئابىمەلەك ئۆز خەلقىگە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ:
_ كىمدەكىم بۇ كىشىگە ياكى ئايالىغا چېقىلسا، جېنىدىن جۇدا قىلىنىدۇ، _ دېدى.
12ئىسھاق بىر يىلى يېرىگە ئۇرۇق چاچتى. ئۇ شۇ يىلى يېرىدىن يۈز ھەسسە كۆپ ھوسۇل ئالدى، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بەرىكەت ئاتا قىلغانىدى. 13ئۇ بارغانچە روناق تېپىپ، كاتتا باي بولۇشقا باشلىدى. 14فىلىستىيەلىكلەر ئۇنىڭ نۇرغۇن چارۋا ماللىرى ۋە چاكارلىرى بولغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ھەسەت قىلىشقا باشلىدى. 15شۇڭا ئۇلار ئۇنىڭ ئاتىسى ئىبراھىم ھايات ۋاقتىدا چاكارلىرىغا قازدۇرغان قۇدۇقلارنى توپا بىلەن تىندۇرۇۋەتتى.
16كېيىن ئابىمەلەك ئىسھاققا:
_ زېمىنىمىزدىن چىقىپ كەت! چۈنكى سەن ھازىر بىزدىن كۈچلۈكسەن، _ دېدى.
17شۇنىڭ بىلەن ئىسھاق ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، گىرار جىلغىسىغا بېرىپ، ئۇ يەردە چېدىر تىكىپ، بىرمەزگىل تۇردى. 18ئىبراھىم ھايات ۋاقتىدا بىرمۇنچە قۇدۇقلارنى قازدۇرغانىدى. بىراق ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، فىلىستىيەلىكلەر ئۇ قازدۇرغان ھەممە قۇدۇقلارنى تىندۇرۇۋەتكەنىدى. ئىسھاق ئۇلارنى قايتا قازدۇرۇپ، ئۇلارنى يەنىلا ئاتىسى قويغان ئىسىملار بىلەن ئاتىدى.
19ئىسھاقنىڭ چاكارلىرى گىرار جىلغىسىدا بىر قۇدۇق قېزىپ، سۇ چىقاردى. 20بىراق گىرارلىق پادىچىلار بىلەن ئىسھاقنىڭ پادىچىلىرى ماجىرالىشىپ: «بۇ بىزنىڭ قۇدۇقىمىز» دېيىشتى. شۇڭا ئىسھاق ئۇ قۇدۇقنى ئەسەك [مەنىسى «ماجىرا»] دەپ ئاتىدى. 21ئىسھاقنىڭ چاكارلىرى يەنە بىر قۇدۇق قازدى. ئۇلار يەنە بۇ قۇدۇق ئۈچۈن ماجىرالاشتى. شۇڭا ئىسھاق بۇ قۇدۇقنى سىتناھ [مەنىسى «ئۆچمەنلىك»] دەپ ئاتىدى. 22ئىسھاق ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، يەنە بىر قۇدۇق قازدۇردى. بۇ قېتىم ماجىرا چىقمىدى. شۇڭا ئۇ بۇ قۇدۇقنىڭ ئىسمىنى رىھۇبوت [مەنىسى «ئازادە يەر»] دەپ ئاتىدى. ئۇ: «پەرۋەردىگار ئاخىر بىزنى ئازادە يەردە ياشاشقا مۇيەسسەر قىلدى. بىز بۇ يەردە چوقۇم روناق تاپىمىز» دېدى.
23ئىسھاق ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، بەئەرشەباغا كۆچۈپ باردى. 24ئۇ كۈنى كەچتە پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا زاھىر بولۇپ: «مەن ئاتاڭ ئىبراھىم ئېتىقاد قىلغان خۇدادۇرمەن، قورقمىغىن! مەن ساڭا ياردۇرمەن. خىزمەتكارىم ئىبراھىمنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ساڭا بەخت ئاتا قىلىمەن ۋە ئەۋلادلىرىڭنى كۆپەيتىمەن» دېدى.
25ئىسھاق ئۇ يەردە قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئىسھاق ئۇ يەردە چېدىر تىكىپ ئولتۇراقلىشىپ قالدى ھەمدە ئۇنىڭ چاكارلىرى ئۇ يەردىمۇ بىر قۇدۇق قازدى.
ئىسھاقنىڭ پادىشاھ ئابىمەلەك بىلەن كېلىشىم تۈزۈشى
26پادىشاھ ئابىمەلەك ئاخۇززات دېگەن مەسلىھەتچىسى بىلەن لەشكەر بېشى فىكولنى ئېلىپ، گىراردىن ئىسھاقنى زىيارەت قىلىپ كەلدى.
27ئىسھاق ئۇلارغا:
_ بۇرۇن سىلەر ماڭا ئۆچمەنلىك قىلىپ، مېنى زېمىنىڭلاردىن قوغلاپ چىقارغانىدىڭلار. ئەمدى نېمە ئۈچۈن يەنە مەن بىلەن كۆرۈشكىلى كەلدىڭلار؟ _ دېدى.
28ئۇلار جاۋابەن:
_ بىز پەرۋەردىگارنىڭ ساڭا يار ئىكەنلىكىنى بىلدۇق. شۇڭا بىز بىر-بىرىمىزگە قەسەم بېرىپ، ئۆزئارا كېلىشىم تۈزەيلى دېيىشتۇق. 29بىز ساڭا زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەيمىز، سەنمۇ بىزگە زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەسلىككە ۋەدە بەرگىن. بىز بۇرۇن ساڭا ياخشى مۇئامىلە قىلىپ، سېنىڭ ئۇ يەردىن ئامان-ئېسەن ئايرىلىشىڭغا يول قويغانىدۇق. شۇڭا سەن بۈگۈن پەرۋەردىگارنىڭ بەخت ئاتا قىلىشىغا ئېرىشتىڭ، _ دېدى.
30ئىسھاق زىياپەت تەييارلاپ، ئۇلارنى مېھمان قىلدى. 31ئۇلار سەھەر تۇرۇپ، ئۆزئارا قەسەم بېرىشىپ، كېلىشىم تۈزۈشتى. ئۇلار ئىسھاق بىلەن خوشلاشتى، ئىسھاق ئۇلارنى دوستانە ئۇزىتىپ قويدى.
32ئۇ كۈنى ئىسھاقنىڭ چاكارلىرى كېلىپ، ئۇنىڭغا ئۆزلىرى قازغان قۇدۇق توغرىسىدا خەۋەر بېرىپ:
_ بىز سۇ تاپتۇق! _ دېدى.
33ئۇ قۇدۇقنى شىبئاھ [مەنىسى «قەسەم»] دەپ ئاتىدى. شۇنىڭدىن بېرى بۇ شەھەر بەئەرشەبا [مەنىسى «قەسەملەشكەن قۇدۇق»] دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.
ئەساۋنىڭ يات قەبىلىدىن ئالغان ئاياللىرى
34ئەساۋ قىرىق يېشىدا خىت خەلقىدىن بولغان ئىككى قىزنى خوتۇنلۇققا ئالدى. بۇ ئىككى قىز بەئەرىنىڭ قىزى يىھۇدىت بىلەن ئېلوننىڭ قىزى باسمات ئىدى. 35ئۇلار ئىسھاق بىلەن رىبەقانىڭ ئارامىنى بۇزدى.

Highlight

Share

Copy

None

Want to have your highlights saved across all your devices? Sign up or sign in

Videos for ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 26