ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 27
27
ياقۇپنىڭ ئىسھاقنى ئالدىشى
1ئىسھاق قېرىپ كەتتى، كۆزىمۇ كۆرمەس بولۇپ قالدى. ئۇ تۇنجى ئوغلى ئەساۋنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا:
_ ئوغلۇم، _ دېدى.
_ مانا مەن، _ دەپ جاۋاب بەردى ئەساۋ. 2ئىسھاق مۇنداق دېدى:
_ قارا، مەن قېرىپ كەتتىم، يەنە قانچە ئۇزۇن ياشىشىمنى بىلمەيمەن. 3سەن ئوقيايىڭنى ئېلىپ، دالاغا چىقىپ ئوۋ ئوۋلاپ كېلىپ، 4مەن ياخشى كۆرىدىغان لەززەتلىك تاماق تەييارلاپ، ماڭا يېگۈزگىن. ئاندىن مەن ساڭا ۋاپاتىمدىن ئىلگىرىكى دۇئايىمنى قىلىپ، خەيرلىك تىلەي.
5رىبەقا ئىسھاقنىڭ قىلغان سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئەساۋنىڭ ئوۋغا چىقىپ كەتكەن ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، 6ئوغلى ياقۇپقا مۇنداق دېدى:
_ مەن بايا ئاتاڭنىڭ ئاكاڭ ئەساۋغا: 7«سەن ئوۋ ئوۋلاپ كېلىپ، لەززەتلىك تاماق تەييارلاپ، ماڭا يېگۈزگىن. ئاندىن مەن ساڭا ۋاپاتىمدىن ئىلگىرىكى دۇئايىمنى قىلىپ، خەيرلىك تىلەي» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. 8ئوغلۇم، گېپىمگە قۇلاق سېلىپ، دېگىنىمنى قىلغىن. 9قوي پادىسىغا بېرىپ، سېمىز ئوغلاقتىن ئىككىنى ئېلىپ كەلگىن. مەن ئۇنى ئاتاڭ ياخشى كۆرىدىغان تەمدە پىشۇراي. 10سەن ئۇنى ئېلىپ كىرىپ ئاتاڭغا يېگۈزسەڭ، ئۇ ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرىكى دۇئاسىنى ساڭا قىلىپ، خەيرلىك تىلەيدۇ، _ دېدى. 11لېكىن ياقۇپ ئانىسىغا:
_ سىزگە مەلۇم، ئەساۋنىڭ پۈتۈن بەدىنى تۈكلۈك، مېنىڭ تېنىم تۈكسىز. 12مۇبادا ئاتام تېنىمنى تۇتۇپ قالسا، مېنىڭ ئۇنى ئالدىغانلىقىمنى بىلىپ قالىدۇ. ئۇ چاغدا ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئېلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە قارغىشىغا ئۇچرايمەن! _ دېدى. 13ئانىسى ئۇنىڭغا:
_ ئەي ئوغلۇم، لەنەت بولسا ماڭا بولسۇن! مېنىڭ دېگىنىمنى قىلغىن. ئوغلاقلارنى ئېلىپ كەلگىن، _ دېدى.
14شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ ئوغلاقلارنى ئانىسىغا ئەكېلىپ بەردى. ئانىسى رىبەقا تاماقنى ئاتىسى ئىسھاق ياخشى كۆرىدىغان تەمدە پىشۇردى. 15ئاندىن ئەساۋنىڭ ئۆيىدىكى ئەڭ ياخشى كىيىملىرىنى ئېلىپ چىقىپ، ياقۇپقا كىيدۈردى 16ۋە ئۇنىڭ ئىككى قولى ۋە بوينى قاتارلىق تۈكسىز جايلىرىنى ئوغلاقنىڭ تېرىسى بىلەن يۆگىدى. 17ئاندىن لەززەتلىك تاماق بىلەن ناننى ئۇنىڭغا تۇتقۇزدى. 18ياقۇپ ئاتىسىنىڭ يېنىغا كىرىپ:
_ ئاتا، _ دېدى.
_ ئوغلۇم، سەن قايسى ئوغلۇم بولىسەن؟ _ دېدى ئاتىسى. 19ياقۇپ ئۇنىڭغا:
_ مەن چوڭ ئوغلىڭىز ئەساۋ. تاپشۇرۇقىڭىزنى ئورۇنداپ بولدۇم. قوپۇڭ، مەن ئوۋلاپ كەلگەن ئوۋ گۆشىگە ئېغىز تېگىپ، ئاندىن ماڭا دۇئايىڭىزنى قىلىپ، خەيرلىك تىلىگەيسىز، _ دېدى.
20_ ئوغلۇم، نېمانچە تېز ئوۋلاپ كەلدىڭ؟ _ دەپ سورىدى ئىسھاق.
_ پەرۋەردىگارىڭىز بولغان خۇدا تەلىيىمنى ئوڭ قىلىپ، ماڭا ياردەم قىلدى، _ دەپ جاۋاب بەردى ياقۇپ. 21ئىسھاق ياقۇپقا:
_ ئوغلۇم، يېنىمغا كەل، تۇتۇپ كۆرەي، سەن راست ئەساۋمۇ ياكى ئەمەسمۇ؟ _ دېدى. 22ياقۇپ يېنىغا باردى. ئىسھاق تۇتۇپ كۆرۈپ:
_ ئاۋازىڭ ياقۇپقا، قولۇڭ ئەساۋنىڭكىگە ئوخشايدىكەن، _ دېدى.
23ئىسھاق ئۇنىڭ ياقۇپ ئىكەنلىكىنى پەرق ئېتەلمىدى. چۈنكى ياقۇپنىڭ قولى ئەساۋنىڭكىگە ئوخشاش تۈكلۈك ئىدى. ئۇ ياقۇپقا دۇئا قىلىدىغان چاغدا، 24يەنە بىر قېتىم:
_ سەن راست ئەساۋمۇ؟ _ دەپ سورىدى.
_ شۇنداق، _ دەپ جاۋاب بەردى ياقۇپ. 25ئىسھاق ئۇنىڭغا:
_ گۆشنى ئەكەل، ئۇنى يېگەندىن كېيىن ساڭا دۇئا قىلاي، _ دېدى.
ياقۇپ گۆشنى ئەكەلدى ۋە ئۇنىڭغا شاراب تۇتتى.
26ئىسھاق يەپ-ئىچىپ بولغاندىن كېيىن:
_ ئوغلۇم، ئالدىمغا كېلىپ، مېنى سۆيگىن، _ دېدى. 27ياقۇپ ئالدىغا بېرىپ ئاتىسىنى سۆيدى. ئىسھاق ياقۇپنىڭ كىيىمىدىكى پۇراقنى پۇرىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ سۆزىگە ئىشىنىپ، ئۇنىڭغا دۇئا قىلىپ، خەيرلىك تىلىدى:
«ئوغلۇمنىڭ تېنىدىكى خۇش پۇراق
دەل پەرۋەردىگارىم بەرىكەت بەرگەن تۇپراقنىڭ پۇرىقىغا ئوخشايدىكەن.
28خۇدا ئاسماندىن ساڭا شەبنەم چۈشۈرۈپ،
تۇپرىقىڭنى مۇنبەت قىلغاي.
ئۇ ساڭا مول ئاشلىق،
شارابلارنى ئاتا قىلغاي.
29باشقا ئەللەرمۇ خىزمىتىڭدە بولغاي،
خەلقلەر ساڭا تەزىم قىلغاي.
قېرىنداشلىرىڭغا خوجا بولغايسەن.
ئاناڭنىڭ ئەۋلادلىرى ساڭا ئېگىلگەي.
ساڭا لەنەت ئوقۇغانلار لەنەتكە قالغاي،
ساڭا بەخت تىلىگەنلەر بەختلىك بولغاي.»
ئەساۋنىڭ ئىسھاقتىن دۇئا تەلەپ قىلىشى
30ياقۇپ ئىسھاقنىڭ دۇئاسىنى ئېلىپ چىقىپ تۇرۇشىغىلا، ئاكىسى ئەساۋ ئوۋدىن قايتىپ كەلدى. 31ئەساۋمۇ گۆشنى لەززەتلىك پىشۇرۇپ، ئاتىسىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كىرىپ:
_ ئاتا، قوپۇڭ، مەن ئوۋلاپ كەلگەن ئوۋ گۆشىگە ئېغىز تېگىڭ، ئاندىن ماڭا دۇئا قىلىپ، خەيرلىك تىلىگەيسىز، _ دېدى.
32_ سەن كىم بولىسەن؟ _ دەپ سورىدى ئىسھاق.
_ چوڭ ئوغلىڭىز ئەساۋ بولىمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى ئەساۋ.
33ئىسھاقنىڭ پۈتۈن ئەزاسىنى تىترەك باستى ۋە ئۇنىڭدىن سورىدى:
_ ئۇنداقتا، ھازىر ماڭا ئوۋ گۆشىنى ئېلىپ كەلگەن كىم؟ سەن كېلىشتىن بۇرۇن مەن ئۇنى يەپ، ئۇنىڭغا دۇئا قىلىپ، خەيرلىك تىلىگەنىدىم. بۇ بەخت مەڭگۈ ئۇنىڭغا مەنسۇپ بولدى. 34بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئەساۋ ئىنتايىن ئازابلىنىپ، ئۈن سېلىپ يىغلاپ تۇرۇپ:
_ ئاتا، ماڭىمۇ دۇئا قىلىپ، خەيرلىك تىلىگەيسىز! _ دېدى.
35_ ئىنىڭ كىرىپ مېنى ئالداپ، سېنىڭ بەختىڭگە ئولتۇرۇپتۇ، _ دېدى ئىسھاق. 36ئەساۋ:
_ بۇ ئۇنىڭ مېنى ئىككىنچى قېتىم ئالدىشى. ئۇنىڭ ياقۇپ#27: 36 ياقۇپ دېگەن ئىسىم ئىبرانىي تىلىدىكى «تاپانغا ئېسىلىۋالماق» دېگەن ئىدىئوم بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئۇ «ئالدىماق» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ. دەپ ئاتىلىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس ئىكەن! ئۇ مېنىڭ تۇنجى ئوغۇللۇق مىراس ھوقۇقۇمنى تارتىۋالغانىدى. ئەمدى ماڭا مەنسۇپ بولغان دۇئانىمۇ تارتىۋاپتۇ. ئاتا، مەن ئۈچۈن دۇئايىڭىز قالمىدىمۇ؟ _ دېدى. 37ئىسھاق مۇنداق جاۋاب بەردى:
_ مەن ئۇنى ساڭا خوجايىن قىلدىم. ئۇنىڭ پۈتۈن قېرىنداشلىرىنى ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولىدىغان قىلدىم. مەن يەنە ئۇنىڭغا ئاشلىق ۋە شارابلارنى بېغىشلىدىم. ئەي ئوغلۇم، ئەمدى مەن ساڭا يەنە نېمىنى بېرىمەن؟ 38ئەساۋ ئاتىسىغا يەنە يالۋۇردى:
_ ئاتا، سىز پەقەت ياقۇپقىلا دۇئا قىلىپ، خەيرلىك تىلەمسىز؟ ماڭىمۇ دۇئا قىلىپ، خەيرلىك تىلىگەيسىز! 39ئاندىن ئىسھاق مۇنداق دېدى:
«مۇنبەت تۇپراقتىن نېسىۋەڭ يوقتۇر.
ساڭا ئاسماندىن شەبنەم چۈشمەيدۇ.
40سەن قىلىچقا تايىنىپ ياشايسەن،
ئىنىڭنىڭ خىزمىتىدە بولىسەن.
لېكىن سەن ئۇنىڭغا قارشى چىقساڭ،
ئۇنىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن قۇتۇلالايسەن.»
41ئەساۋ ياقۇپقا قارىتا كۆڭلىگە ئۆچمەنلىك پۈكتى. چۈنكى ئاتىسى ياقۇپقا دۇئا قىلىپ، خەيرلىك تىلىگەنىدى. ئۇ ئىچىدە: «ئاتام ئالەمدىن ئۆتۈشكە ئاز قالدى. قارىلىق كۈنىنى تۈگىتىپلا، ياقۇپنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن» دەپ ئويلىدى.
42رىبەقا باشقىلاردىن ئەساۋنىڭ پىلانىنى ئاڭلاپ قېلىپ، ياقۇپنى چاقىرتىپ:
_ گېپىمگە قۇلاق سالغىن، ئاكاڭ ئەساۋ سېنى ئۆلتۈرۈپ، دەردىنى چىقارماقچى. 43ئەي ئوغلۇم، سەن مېنىڭ دېگىنىمنى قىلغىن: دەرھال ھاران رايونىدىكى ئاكام لاباننىڭ يېنىغا قېچىپ كەتكىن. 44ئاكاڭ ئەساۋنىڭ ئاچچىقى يانغۇچە، شۇ يەردە تۇرۇپ تۇرغىن. 45ئۇ سېنىڭ قىلغانلىرىڭنى ئۇنتۇپ، ئاچچىقى يانغاندا، مەن ئادەم ئەۋەتىپ، سېنى قايتۇرۇپ ئەكېلىمەن. نېمە ئۈچۈن بىر كۈننىڭ ئىچىدە ھەر ئىككىڭلاردىن ئايرىلىپ قالغۇدەكمەن، _ دېدى.
ياقۇپنىڭ لاباننىڭ يېنىغا كېتىشى
46رىبەقا ئىسھاققا:
_ مەن ئەساۋنىڭ خىتلاردىن ئالغان ئاشۇ ئىككى ئايالىدىن تويۇپ كەتتىم. ئەگەر ياقۇپمۇ خىتلاردىن قىز ئالسا، ئۇنداقتا مېنىڭ ئۆلگىنىم ياخشى، _ دېدى.
Currently Selected:
ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 27: HZUT
Highlight
Share
Copy
Want to have your highlights saved across all your devices? Sign up or sign in
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti