YouVersion Logo
Search Icon

ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 36

36
ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرى
1تۆۋەندىكىلەر ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر. ئەساۋنىڭ يەنە بىر ئىسمى ئىدوم بولۇپ، 2ئۇ كەنئانلىق قىزلارنى ئەمرىگە ئالغانىدى. بىرىنچى ئايالىنىڭ ئىسمى ئاداھ بولۇپ، خىتلاردىن بولغان ئېلوننىڭ قىزى ئىدى. ئىككىنچى ئايالىنىڭ ئىسمى ئوھولىباما بولۇپ، خىۋلاردىن بولغان زىبىئوننىڭ ئوغلى ئاناھنىڭ قىزى ئىدى. 3ئۈچىنچى ئايالىنىڭ ئىسمى باسمات بولۇپ، ئىسمائىلنىڭ قىزى، نىبايوتنىڭ سىڭلىسى ئىدى. 4ئاداھتىن ئەلىفاز، باسماتتىن رىئۇئېل، 5ئوھولىبامادىن يىئۇش، يالام ۋە كوراھ تۇغۇلدى. ئەساۋنىڭ بۇ ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسى كەنئاندا تۇغۇلدى.
6ئەساۋ ئاياللىرى، پەرزەنتلىرى، ئائىلىسىدىكى پۈتۈن ئادەملىرى، چارۋا ماللىرى ۋە كەنئاندا تاپقان مال-مۈلۈكلىرىنى ئېلىپ، ئىنىسى ياقۇپتىن ئايرىلىپ، باشقا يەرگە كۆچۈپ كەتتى. 7بۇ ئىككىيلەننىڭ چارۋا ماللىرى ۋە باشقا مۈلۈكلىرى نۇرغۇن بولغاچقا، بۇ يەر ئۇلارغا يېتىشمىگەنىدى. 8شۇڭا ئەساۋ، يەنى ئىدوم سەئىر تاغلىق رايونىغا بېرىپ تۇردى.
9تۆۋەندىكىلەر سەئىر تاغلىق رايونىدىكى ئىدوملۇقلارنىڭ ئەجدادى بولغان ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر.
10ئەساۋنىڭ ئايالى ئاداھتىن تۇغۇلغان ئوغلىنىڭ ئىسمى ئەلىفاز، ئايالى باسماتتىن تۇغۇلغان ئوغلىنىڭ ئىسمى رىئۇئېل ئىدى.
11ئەلىفازنىڭ بەش ئوغلى بولدى. ئۇلار: تېمان، ئومار، زىفو، گاتام ۋە قېناز. 12ئەلىفازنىڭ توقىلى تىمنا بىر ئوغۇل تۇغقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى ئامالەك ئىدى.
13رىئۇئېلنىڭ تۆت ئوغلى بولدى. ئۇلار: ناخات، زەراخ، شامماھ ۋە مىززاھ. بۇلار ئەساۋنىڭ ئايالى باسماتنىڭ نەۋرىلىرى ئىدى.
14ئەساۋنىڭ ئايالى ئوھولىباما زىبىئوننىڭ نەۋرىسى، ئاناھنىڭ قىزى بولۇپ، ئۇ ئەساۋغا ئۈچ ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. ئۇلار: يىئۇش، يالام ۋە كوراھ.
15ئەساۋنىڭ قەبىلە باشلىقلىرى بولغان ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىلەردۇر. ئەساۋنىڭ تۇنجى ئوغلى ئەلىفازنىڭ ئوغۇللىرى: تېمان، ئومار، زىفو، قېناز، 16كوراھ، گاتام ۋە ئامالەك. بۇلار ئىدوم رايونىدىكى قەبىلىلەرنىڭ باشلىقلىرى بولۇپ، ئەساۋنىڭ ئايالى ئاداھنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر.
17ئەساۋنىڭ ئوغلى رىئۇئېلنىڭ ئوغۇللىرى: ناخات، زەراخ، شامماھ ۋە مىززاھ. بۇلارمۇ ئىدوم رايونىدىكى قەبىلىلەرنىڭ باشلىقلىرى بولۇپ، ئەساۋنىڭ ئايالى باسماتنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر.
18ئەساۋنىڭ ئايالى، ئاناھنىڭ قىزى ئوھولىبامادىن تۇغۇلغان ئوغۇللار: يىئۇش، يالام ۋە كوراھ. ئۇلارمۇ قەبىلە باشلىقلىرى ئىدى. 19يۇقىرىدىكى قەبىلىلەر ۋە قەبىلە باشلىقلىرى ئەساۋ، يەنى ئىدومنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر.
سەئىرنىڭ ئەۋلادلىرى
20ئىدوم رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق خورىلاردىن بولغان سەئىرنىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىلەردۇر: لوتان، شوبال، زىبئون، ئاناھ، 21دىشون، ئېزېر ۋە دىشان. بۇلار خورى قەبىلىلىرىنىڭ باشلىقلىرى ئىدى.
22لوتاننىڭ ئەۋلادلىرى: خورى، ھومام ۋە لوتاننىڭ سىڭلىسى تىمنا.
23شوبالنىڭ ئەۋلادلىرى: ئالۋان، ماناخات، ئېبال، شىفو ۋە ئونام.
24زىبئوننىڭ ئەۋلادلىرى: ئايياھ ۋە ئاناھ. (چۆلدە ئاتىسىنىڭ ئېشەكلىرىنى بېقىۋېتىپ، ئارشاڭلارنى بايقىغان دەل مانا مۇشۇ ئاناھتۇر.)
25ئاناھنىڭ بالىلىرى: ئوغلى دىشون ۋە قىزى ئوھولىباما. 26دىشوننىڭ ئەۋلادلىرى: خەمدان، ئەشبان، يىتران ۋە كىران.
27ئېزېرنىڭ ئەۋلادلىرى: بىلھان، زائاۋان ۋە ئاقان.
28دىشاننىڭ ئەۋلادلىرى: ئۇز ۋە ئاران.
29خورىلاردىن بولغان قەبىلە باشلىقلىرى: لوتان، شوبال، زىبئون، ئاناھ، 30دىشون، ئېزېر ۋە دىشان. بۇلار خورىلاردىن بولغان قەبىلىلەرنىڭ باشلىقلىرىدۇر.
ئىدومدىكى پادىشاھلار
31ئىسرائىللارنىڭ تېخى ئۆز پادىشاھى بولماستا، ئىدوملۇقلارنىڭ پادىشاھى بار ئىدى.
32بىئورنىڭ ئوغلى بەلا ئىدومغا پادىشاھ بولۇپ، ئۇ دىنھابا دېگەن شەھەردە تۇراتتى.
33بەلا ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئورنىغا زەراخنىڭ ئوغلى بوزرالىق يوباب چىقتى.
34يوباب ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئورنىغا تېمان رايونىدىن كەلگەن خۇشام چىقتى.
35خۇشام ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئورنىغا بىدادنىڭ ئوغلى ھاداد چىقتى. ئۇ مىديانلارنى موئاب زېمىنىدا تارمار قىلدى. ئۇ تۇرغان شەھەرنىڭ ئىسمى ئاۋىت ئىدى.
36ھاداد ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئورنىغا ماسرېقالىق ساملاھ چىقتى.
37ساملاھ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئورنىغا فىرات دەرياسى بويىغا جايلاشقان رىھوبوت شەھىرىدىن كەلگەن شائۇل چىقتى.
38شائۇل ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئورنىغا ئاكبورنىڭ ئوغلى بائال-خانان چىقتى.
39ئاكبورنىڭ ئوغلى بائال-خانان ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئورنىغا ھاداد چىقتى. ئۇ تۇرغان شەھەرنىڭ ئىسمى پائۇ ئىدى. ئۇنىڭ ئايالى مىھېتابىئېل ماترېدنىڭ قىزى بولۇپ، بوۋىسىنىڭ ئىسمى مىزاھاب ئىدى. 40ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئۆز قەبىلىلىرى ۋە ياشىغان رايونلىرىغا باشلىق بولغانلارنىڭ ئىسىملىرى: تىمنا، ئالۋاھ، يىتېت، 41ئوھولىباما، ئەلاھ، پىنون، 42قېناز، تېمان، مىبزار، 43ماگدىئېل ۋە ئىرام. بۇلار ئۆز رايونلىرىدىكى ئىدوملۇقلارنىڭ ياشىغان جايلىرىغا باشلىق بولغانىدى. ئەساۋ ئىدوملۇقلارنىڭ ئەجدادى ئىدى.

Highlight

Share

Copy

None

Want to have your highlights saved across all your devices? Sign up or sign in

Videos for ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 36