ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 37
37
يۈسۈپ ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى
1ياقۇپ ئۆز ئاتىسى تۇرغان كەنئان رايونىدا ئولتۇراقلىشىپ قالدى. 2تۆۋەندىكىلەر ياقۇپ ئائىلىسىنىڭ كەچمىشلىرىدۇر.
يۈسۈپ 17 ياشقا كىرگەن چاغلىرىدا، ھەمىشە ئاتىسىنىڭ توقاللىرى بىلھاھ ۋە زىلپانىڭ ئوغۇللىرىغا ياردەملىشىپ، قوي باققىلى چىقاتتى. ئۇ ئاكىلىرىنىڭ قىلغان يامان ئىشلىرىنى ئاتىسىغا مەلۇم قىلىپ تۇراتتى. 3ئىسرائىل يۈسۈپنى باشقا ئوغۇللىرىدىن بەكرەك ياخشى كۆرەتتى، چۈنكى يۈسۈپ ئۇنىڭ قېرىغان ۋاقتىدا كۆرگەن بالىسى ئىدى. ئىسرائىل يۈسۈپكە بىر ئالا تون تىكتۈرۈپ بەرگەنىدى. 4ئاتىلىرىنىڭ ئۇنى ئۆزلىرىدىن ئارتۇق ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى سەزگەن ئاكىلىرى يۈسۈپكە شۇنچىلىك ئۆچمەنلىك قىلاتتىكى، ھەتتا ئۇنىڭغا سىلىق گەپمۇ قىلغۇسى كەلمەيتتى.
5بىر كۈنى يۈسۈپ چۈش كۆردى ۋە چۈشىنى ئاكىلىرىغا ئېيتىپ بەردى. ئاكىلىرى ئۇنىڭغا بۇرۇنقىدىنمۇ ئۆچ بولۇپ كەتتى. 6ئۇ:
_ قۇلاق سېلىڭلار! كۆرگەن چۈشۈمنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرەي. 7بىز ھەممەيلەن ئېتىزدا بۇغداي باغلاۋاتقۇدەكمىز. مېنىڭ باغلىغان بۇغداي بېغىم تىك تۇرغۇدەك، سىلەرنىڭ باغلىغان بۇغداي باغلىرىڭلار مېنىڭ بۇغداي بېغىمنىڭ ئەتراپىدا بېشىنى ئېگىپ، تەزىم قىلىپ تۇرغۇدەك! _ دېدى. 8ئاكىلىرى ئۇنىڭدىن:
_ سەن بىزگە پادىشاھ بولۇپ، بىزنى باشقۇرماقچىمۇسەن؟ _ دەپ سوراشى. يۈسۈپ چۈشىنى ئاكىلىرىغا ئېيتىپ بەرگەندىن كېيىن، ئۇلار يۈسۈپكە تېخىمۇ ئۆچ بولۇپ كەتتى.
9كېيىن يۈسۈپ يەنە بىر چۈش كۆرۈپ، ئۇنىمۇ ئاكىلىرىغا ئېيتىپ بەردى. ئۇ ئۇلارغا:
_ مەن يەنە بىر چۈش كۆرۈپتىمەن. چۈشۈمدە قۇياش، ئاي ۋە 11 يۇلتۇز ماڭا تەزىم قىلىپ تۇرغۇدەك! _ دېدى.
10يۈسۈپ بۇ چۈشنى ئاتىسىغىمۇ ئېيتىپ بەردى. ئاتىسى ئۇنى ئەيىبلەپ:
_ قانداق چۈش بۇ؟ ئاناڭ، ئاكىلىرىڭ ۋە مەن يەرگە باش قويۇپ، ساڭا تەزىم قىلىشىمىز كېرەكمۇ؟ _ دېدى.
11شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپنىڭ ئاكىلىرى ئۇنىڭغا ئىنتايىن ھەسەت قىلىشىدىغان بولۇپ قالدى. لېكىن ئاتىسى ئوغلى يۈسۈپنىڭ دېگەنلىرىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ قويدى.
يۈسۈپنىڭ مىسىرغا سېتىلىشى
12بىر كۈنى يۈسۈپنىڭ ئاكىلىرى شەكەمدىكى يايلاققا ئاتىسىنىڭ قويلىرىنى باققىلى باردى. 13ئىسرائىل يۈسۈپكە:
_ ئاكىلىرىڭ شەكەمدە قوي بېقىۋاتىدۇ. سەن ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىپ يوقلاپ كەلگىن، _ دېدى.
_ ماقۇل، باراي، _ دەپ جاۋاب بەردى يۈسۈپ. 14ئاتىسى ئۇنىڭغا:
_ سەن ئاكىلىرىڭ ۋە پادىلارنىڭ ئامان-ئېسەنلىكىنى بىلىپ، ماڭا خەۋەر قىلغىن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئاتىسى ئۇنى ھىبرون جىلغىسىدىن يولغا سالدى.
يۈسۈپ شەكەمگە بېرىپ، 15دالادا ئاكىلىرىنى ئىزدەپ يۈرگەندە، بىر كىشى ئۇنىڭغا ئۇچراپ:
_ كىمنى ئىزدەيسەن؟ _ دەپ سورىدى.
16_ ئاكىلىرىمنى ئىزدەيمەن. ئۇلارنىڭ قەيەردە قوي بېقىۋاتقانلىقىنى بىلەمسىز؟ _ دېدى ئۇ. 17ئۇ كىشى:
_ ئۇلار كېتىپ قالدى. ئۇلارنىڭ دوتانغا بارماقچى بولغانلىقىنى ئاڭلىدىم، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپ ئاكىلىرىنىڭ كەينىدىن مېڭىپ، ئۇلارنى دوتاندىن تاپتى.
18ئۇلار يۈسۈپنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى يىراقتىن كۆردى. ئۇلار يۈسۈپ يېتىپ كەلگۈچە مەسلىھەتلىشىپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولۇشتى. 19ئۇلار ئۆزئارا:
_ ھېلىقى چۈش پىرى كەپتۇ. 20بىز ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتەيلى. ئاندىن ئۆلۈكىنى سۈيى قۇرۇپ كەتكەن قۇدۇققا تاشلىۋېتىپ، يىرتقۇچ ھايۋان يەپ كېتىپتۇ، دەيلى. قېنى، ئۇنىڭ چۈشىنىڭ ئەمەلگە ئاشقىنىنى بىر كۆرەيلى، _ دېيىشتى.
21قېرىنداشلىرىنىڭ سۇيىقەستىنى ئاڭلىغان رۇبېن يۈسۈپنى قۇتقۇزۇۋالماقچى بولۇپ:
_ ئۇنى ئۆلتۈرمەيلى، 22قان تۆكمەيلى. چۆلدىكى سۈيى قۇرۇپ كەتكەن قۇدۇققا تاشلىۋېتەيلى، زىنھار ئۇنىڭغا قول تەككۈزمەيلى، _ دېدى.
ئۇنىڭ بۇنداق دېيىشىدىكى مەقسىتى، كېيىن يۈسۈپنى بىر ئامال قىلىپ ئۇلارنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئاتىسىغا قايتۇرۇپ بېرىش ئىدى.
23-24يۈسۈپ ئاكىلىرىنىڭ يېنىغا كېلىش بىلەنلا، ئۇلار ئۇنى تۇتۇپ، ئۇچىسىدىكى ئالا تونىنى سالدۇرۇۋېلىپ، سۈيى قۇرۇپ كەتكەن بىر قۇدۇققا تاشلىۋەتتى.
25ئۇلار تاماققا ئولتۇرغىنىدا، ئىسمائىل قەبىلىسىگە تەۋە بىر كارۋاننىڭ گىلئادتىن مىسىر تەرەپكە كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئۇلار تۆگىلىرىگە دورا-دەرمان، دېۋىرقاي ۋە مۇرمەككىلەرنى ئارتىپ كەلگەنىدى. 26يەھۇدا قېرىنداشلىرىغا:
_ بىزنىڭ ئىنىمىزنى ئۆلتۈرۈپ، جىنايىتىمىزنى يوشۇرۇشىمىزنىڭ پايدىسى نېمە؟ 27ئۇنى ئۆزىمىز قول سېلىپ ئۆلتۈرگىنىمىزدىن كۆرە، ئىسمائىللارغا سېتىۋەتكىنىمىز تۈزۈك. ئۇ قانداقلا بولمىسۇن بىزنىڭ ئىنىمىز، بىزنىڭ قان قېرىندىشىمىز، _ دېدى. قېرىنداشلىرى بۇنىڭغا قوشۇلدى. 28شۇڭا مىدياندىن كەلگەن ئىسمائىل قەبىلىسىدىكى سودىگەرلەر بۇ يەردىن ئۆتكەندە، يۈسۈپنىڭ ئاكىلىرى ئۇنى قۇدۇقتىن چىقىرىپ، ئىسمائىللارغا يىگىرمە كۈمۈش تەڭگىگە سېتىۋەتتى. سودىگەرلەر يۈسۈپنى مىسىرغا ئېلىپ كەتتى.
29يۈسۈپ سودىگەرلەرگە سېتىلغاندا، رۇبېن يوق ئىدى. ئۇ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، قۇدۇقنىڭ يېنىغا بېرىپ، يۈسۈپنىڭ يوقلۇقىنى كۆرۈپ، ئېچىنغان ھالدا كىيىملىرىنى يىرتىپ، 30قېرىنداشلىرى تۇرغان يەرگە بېرىپ:
_ يۈسۈپ يوق تۇرىدۇ! ئەمدى قانداق قىلىمەن؟ _ دېدى.
31شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆچكىدىن بىرنى بوغۇزلاپ، يۈسۈپنىڭ ئالا تونىنى ئۆچكىنىڭ قېنىغا مىلەپ، 32ئاتىسىنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ:
_ بىز بۇ ئالا توننى تېپىۋالدۇق، سەن كۆرۈپ باقساڭ، بۇ يۈسۈپنىڭمۇ؟ _ دېدى. 33ياقۇپ بۇ توننى تونۇپ:
_ بۇ ئوغلۇمنىڭ تونىغۇ! ئۇ جەزمەن يىرتقۇچ ھايۋانلارغا يەم بوپتۇ! _ دېدى.
34ياقۇپ ھەسرەتتە كىيىملىرىنى يىرتىپ تاشلاپ، ماتەملىك كىيىم كىيىپ، ئوغلى ئۈچۈن ئۇزۇنغىچە ھازا تۇتتى. 35ئۇنىڭ قىز-ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا تەسەللى بەرسىمۇ، ئۇ بولدى قىلمىدى. ئۇ:
_ مەن تاكى ئۆلگۈچە ئوغلۇمغا قارىلىق تۇتىمەن! _ دېدى.
ئۇ ئوغلى يۈسۈپ ئۈچۈن داۋاملىق ھازا تۇتتى.
36شۇ ئارىلىقتا مىدياندىن كەلگەن ھېلىقى سودىگەرلەر يۈسۈپنى مىسىرغا ئاپىرىپ، پىرئەۋننىڭ بىر ئەمەلدارى، يەنى ياساۋۇللار باشلىقى پوتىفارغا سېتىۋەتتى.
Currently Selected:
ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 37: HZUT
Highlight
Share
Copy
Want to have your highlights saved across all your devices? Sign up or sign in
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti