YouVersion Logo
Search Icon

ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 41

41
يۈسۈپنىڭ پىرئەۋننىڭ چۈشىگە تەبىر بېرىشى
1ئىككى يىلدىن كېيىن پىرئەۋن مۇنداق بىر چۈش كۆردى. ئۇ چۈشىدە نىل دەرياسىنىڭ بويىدا تۇراتتى. 2دەريادىن يەتتە تۇياق ساغلام ھەم سېمىز كالا چىقىپ، قىرغاقتىكى قومۇشلۇقتا ئوتلىدى. 3ئارقىدىن كۆرۈمسىز ۋە ئورۇق يەتتە تۇياق كالا چىقىپ، قىرغاقتىكى ھېلىقى يەتتە كالىنىڭ يېنىغا باردى. 4بۇ يەتتە كۆرۈمسىز ۋە ئورۇق كالا ھېلىقى يەتتە ساغلام ھەم سېمىز كالىنى يەۋەتتى. دەل شۇ چاغدا پىرئەۋن ئويغىنىپ كەتتى.
5ئۇ قايتا ئۇيقۇغا كېتىپ، يەنە بىر چۈش كۆردى. ئۇ چۈشىدە بىر تۈپ بۇغداينىڭ تولۇق ۋە يېتىلگەن يەتتە دانە باشاق چىقارغانلىقىنى كۆردى. 6ئۇنىڭدىن كېيىن ئاشۇ بىر تۈپ بۇغداينىڭ يەنە يەتتە دانە پۇچەك باشاق چىقارغانلىقىنى كۆردى. ئۇلار ئىسسىق شامالدا سولىشىپ قالدى. 7كېيىن بۇ يەتتە دانە سولىشىپ قالغان پۇچەك باشاق ھېلىقى تولۇق يېتىلگەن يەتتە باشاقنى يۇتۇۋەتتى. دەل شۇ چاغدا پىرئەۋن ئويغىنىپ كەتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ چۈش كۆرگەنلىكىنى بىلدى. 8تاڭ ئاتقاندا، پىرئەۋن چۈشىدىن بىئارام بولدى. ئۇ مىسىردىكى بارلىق چۈشكە تەبىر بېرىدىغانلارنى ۋە دانىشمەنلەرنى چاقىرتىپ، چۈشلىرىنى ئۇلارغا ئېيتىپ بەردى. لېكىن ئۇنىڭ چۈشلىرىگە ھېچكىم تەبىر بېرەلمىدى.
9شۇ چاغدا باش ساقىي پىرئەۋنگە مۇنداق دېدى:
_ بۈگۈن مېنىڭ ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىم ئېسىمگە كەلدى. 10بىر قېتىم ئالىيلىرى بىزگە قاتتىق غەزەپلىنىپ، باش ناۋاي بىلەن مېنى ياساۋۇل مەھكىمىسىدىكى زىندانغا قامىتىپ قويغانىدىلە. 11بىر كۈنى كېچىدە بىز ئىككىلىمىز چۈش كۆرۈپتۇق. كۆرگەن چۈشلىرىمىزنىڭ ئوخشىمىغان ئۆزىگە خاس مەنىسى بار ئىدى. 12ئۇ چاغدا بىر ئىبرانىي ياش بىز بىلەن بىر زىنداندا ئىدى. ئۇ ئەسلىدە ياساۋۇل بېگىنىڭ خىزمەتكارى ئىكەن. ئىككىمىز چۈشىمىزنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ بەرسەك، ئۇ چۈشىمىزگە تەبىر بەرگەنىدى. 13نەتىجىدە، ئىشلار دەل ئۇنىڭ تەبىرىدەك بولۇپ چىقتى. ئالىيلىرى مېنىڭ مەنسىپىمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، باش ناۋاينى دارغا ئاستىلا.
14پىرئەۋن يۈسۈپنى چاقىرىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتتى. ئۇلار دەرھال بېرىپ، ئۇنى زىنداندىن چىقىرىپ، چاچ-ساقاللىرىنى چۈشۈرتۈپ، كىيىملىرىنى يەڭگۈشلەپ، پىرئەۋننىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. 15پىرئەۋن ئۇنىڭغا:
_ مەن بىر چۈش كۆرگەنىدىم، لېكىن چۈشۈمگە ھېچكىم تەبىر بېرەلمىدى. ئاڭلىشىمچە سەن چۈشكە تەبىر بېرەلەيدىكەنسەن، _ دېدى. 16يۈسۈپ:
_ ئالىيلىرى، مەن شەخسەن ئۆزۈم چۈشكە تەبىر بېرەلمەيمەن. لېكىن خۇدا ئۆزلىرىگە ياخشى تەبىر بېرىدۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى. 17پىرئەۋن مۇنداق دېدى:
_ چۈشۈمدە مەن نىل دەرياسىنىڭ بويىدا تۇرۇپتىمىشمەن. 18يەتتە تۇياق سېمىز ھەم ساغلام كالا دەريادىن چىقىپ، قىرغاقتىكى قومۇشلۇقتا ئوتلاشقا باشلىدى. 19ئارقىدىن يەنە يەتتە تۇياق ئاۋاق، ئاجىز ۋە بەك كۆرۈمسىز كالا دەريادىن چىقتى. مەن بۇرۇن مىسىردا بۇنداق قورقۇنچلۇق كالىلارنى كۆرۈپ باقمىغانىدىم. 20بۇ ئورۇق ۋە ئاۋاق كالىلار ھېلىقى سېمىز كالىلارنى يەۋەتتى. 21لېكىن ئۇلار يەنىلا بۇرۇنقىدەك كۆرۈمسىز ئىدىكى، سېمىز كالىلارنى يەۋەتكەندەك تۇرقى يوق ئىدى. بۇ چاغدا مەن ئويغىنىپ كەتتىم.
22كەينىدىن يەنە بىر چۈش كۆردۈم. چۈشۈمدە بىر تۈپ بۇغداي يەتتە دانە تولۇق ۋە يېتىلگەن باشاق چىقاردى. 23ئۇنىڭدىن كېيىن ئاشۇ بىر تۈپ بۇغداي يەنە يەتتە دانە پۇچەك باشاق چىقاردى. ئۇلار ئىسسىق شامالدا سولىشىپ قالدى. 24بۇ پۇچەك باشاقلار ھېلىقى تولۇق يېتىلگەن باشاقلارنى يۇتۇۋەتتى. مەن بۇ چۈشۈمنى چۈشكە تەبىر بەرگۈچىلەرگە ئېيتىپ بەرگەنىدىم، لېكىن ھېچكىم تەبىر بېرەلمىدى.
25يۈسۈپ پىرئەۋنگە مۇنداق دېدى:
_ بۇ ئىككى چۈشنىڭ مەنىسى بىردۇر. خۇدا ئۆزى قىلماقچى بولغان ئىشلارنى ئالىيلىرىغا ئالدىن بىلدۈرۈپتۇ. 26يەتتە سېمىز كالا يەتتە يىلنى كۆرسىتىدۇ. تولۇق يېتىلگەن يەتتە باشاقمۇ يەتتە يىلنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىككى چۈشنىڭ مەنىسى ئوخشاش. 27كەينىدىن چىققان يەتتە ئورۇق ۋە كۆرۈمسىز كالا بىلەن ئىسسىق شامالدا سولىشىپ قالغان يەتتە پۇچەك باشاق بولسا يەتتە يىل قەھەتچىلىك بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. 28دېمەك، كەمىنىلىرى ھېلى ئۆزلىرىگە دېگىنىمدەك، خۇدا ئۆزى قىلماقچى بولغان ئىشلاردىن ئالىيلىرىغا ئالدىن بېشارەت بېرىپتۇ. 29پۈتكۈل مىسىردا مىسلى كۆرۈلمىگەن ھالدا يەتتە يىل باياشاتچىلىق بولىدۇ. 30كەينىدىن يەتتە يىل قەھەتچىلىك يۈز بېرىپ، پۈتكۈل مىسىرنى ئاچارچىلىق قاپلايدۇ. كىشىلەر ئىلگىرىكى باياشات يىللارنى ئۇنتۇپ كېتىدۇ. 31ئاچارچىلىق شۇنداق قاتتىق بولىدۇكى، كىشىلەر بۇرۇنقى باياشات يىللىرىنى قايتا ئېسىگە ئالالمايدۇ. 32ئالىيلىرىنىڭ ئوخشاش ئىككى چۈش كۆرۈشلىرى خۇدانىڭ بۇ ئىشلارنى پات ئارىدا جەزمەن ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتىدۇر.
33شۇنىڭ ئۈچۈن ئالىيلىرىنىڭ مەملىكەتنى ئىدارە قىلىشقا ئەقىل-پاراسەتلىك ۋە يىراقنى كۆرەر بىر كىشىنى قويۇشلىرىغا 34ھەم ئەمەلدارلارنى تاللاپ، باياشات بولغان يەتتە يىلدا پۈتۈن مىسىردىكى ئاشلىقنىڭ بەشتىن بىرىنى يىغىۋېلىشلىرىغا تەكلىپ بېرىمەن. 35ئۇلار ئالىيلىرىنىڭ نازارىتىدە مۇشۇ باياشات يىللاردا ئاشلىق توپلاپ، ھەرقايسى شەھەرلەردە ساقلىسۇن. 36شۇندىلا كەينى-كەينىدىن كېلىدىغان يەتتە قەھەتچىلىك يىلىدا بۇ زاپاس ساقلانغان ئاشلىق بىلەن پۈتۈن خەلقنى تەمىنلەپ، خەلقنى ئاچ قېلىپ ئۆلۈپ كېتىشتىن ساقلاپ قالالايلا.
يۈسۈپنىڭ مىسىرنى ئىدارە قىلىشى
37پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى يۈسۈپنىڭ بۇ تەكلىپىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىدى. 38شۇنىڭ بىلەن پىرئەۋن ئەمەلدارلىرىغا:
_ بىز بۇ ئىشنى باشقۇرۇشقا يۈسۈپتىنمۇ لايىق كىشىنى تاپالمايمىز. چۈنكى ئۇنىڭدا خۇدانىڭ روھى بار ئىكەن! _ دېدى. 39ئاندىن پىرئەۋن يۈسۈپكە:
_ خۇدا بۇ ئىشلارنى ساڭا ئۇقتۇرغانىكەن، سەن چوقۇم ھەممەيلەندىن ئەقىللىق ۋە يىراقنى كۆرەردۇرسەن. 40مەن سېنى مەملىكىتىمنى ئىدارە قىلىشقا تەيىنلەيمەن. پۈتۈن خەلقىم سېنىڭ ئەمرىڭگە بويسۇنىدۇ. مەملىكىتىمدە پەقەت مېنىڭ ھوقۇقۇملا سەندىن يۇقىرى بولىدۇ. 41ھازىردىن باشلاپ سېنى مىسىرنىڭ باش ۋەزىرلىكىگە تەيىنلىدىم، _ دېدى.
42شۇنىڭ بىلەن پىرئەۋن ئۆز بارمىقىدىكى مۆھۈرلۈك ئۈزۈكنى چىقىرىپ، يۈسۈپنىڭ قولىغا سالدى ۋە ئۇچىسىغا ئېسىل زىغىر رەختتىن تىكىلگەن تون كىيدۈرۈپ، بوينىغا ئالتۇن زەنجىر ئېسىپ قويدى. 43ئۇ يەنە يۈسۈپنى ئوردىنىڭ ۋەزىرلىك ھارۋىسىغا ئولتۇرغۇزدى. ھارۋىنىڭ ئالدىدا يول باشلاپ كېتىۋاتقان مۇھاپىزەتچىلەر يول بويىدىكى كىشىلەرنى ئۇنىڭغا تەزىم قىلىشقا بۇيرۇيدىغان بولدى.
شۇنداق قىلىپ، يۈسۈپ باش ۋەزىرلىككە تەيىنلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتنى ئىدارە قىلدى. 44پىرئەۋن يۈسۈپكە:
_ مەن بولسام پىرئەۋن. لېكىن مىسىردا سېنىڭ رۇخسىتىڭسىز ھەرقانداق ئادەمنىڭ مىدىر-سىدىر قىلىشىغا رۇخسەت يوق! _ دېدى.
45‏-46پىرئەۋن يۈسۈپكە مىسىرچە زافنات-پانېئاخ دەپ ئىسىم قويدى ۋە ئۇنىڭغا ئون دېگەن شەھەرنىڭ روھانىيسى پوتىفېرانىڭ قىزى ئاسىناتنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ بەردى.
يۈسۈپ مىسىرنىڭ پىرئەۋنىنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا باشلىغان ۋاقتىدا، ئوتتۇز ياشتا ئىدى. ئۇ پىرئەۋن ئوردىسىدىن چىقىپ، مىسىرنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى. 47باياشاتلىق بولغان يەتتە يىلدا دېھقانچىلىق مەھسۇلاتىدىن مول ھوسۇل ئېلىندى. 48يۈسۈپ شۇ يىللار جەريانىدا مىسىردا ئاشلىق توپلاپ، شەھەرلەردە ساقلىدى. ھەر شەھەرنىڭ ئەتراپىدىكى ئېتىزلاردىن يىغىۋېلىنغان ئاشلىقنى شۇ شەھەرلەرگە قويدى. 49يۈسۈپ دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك شۇنچە كۆپ ئاشلىق توپلىدىكى، ئۇنى ھېسابلاشتىن ۋاز كەچتى. چۈنكى ئاشلىقلار ھېسابلىغىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە كۆپ ئىدى.
50قەھەتچىلىك يىللىرى يېتىپ كېلىشتىن ئىلگىرى، يۈسۈپنىڭ ئايالى، يەنى ئون دېگەن شەھەرنىڭ روھانىيسى پوتىفېرانىڭ قىزى ئاسىنات ئۇنىڭغا ئىككى ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. 51يۈسۈپ: «خۇدا پۈتۈن دەردىمنى ۋە ئاتامنىڭ ئائىلىسىنى كۆڭلۈمدىن كۆتۈرۈۋەتتى» دەپ، تۇنجى ئوغلىغا ماناسسە [ئىبرانىي تىلىدىكى «ئۇنتۇلدۇرغان» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دەپ ئىسىم قويدى. 52ئىككىنچى ئوغلىغا «خۇدا مېنى ئازاب-ئوقۇبەتلىك يەردە پەرزەنتكە ئېرىشتۈردى» دەپ، ئەفرايىم [ئىبرانىي تىلىدىكى «ئىككى قېتىم مېۋىلەش» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دەپ ئىسىم قويدى.
53مىسىرلىقلار بەھرىمەن بولغان يەتتە باياشات يىل ئاياغلاشتى. 54يۈسۈپ ئالدىن ئېيتقاندەك، يەتتە قەھەتچىلىك يىلى ئارقا-ئارقىدىن كەلدى. ئەتراپتىكى ھەممە دۆلەتلەردىمۇ ئاچارچىلىق يۈز بەردى. لېكىن مىسىرنىڭ ھەممە يېرىدىن ئاشلىق تېپىلاتتى. 55ئاخىرى مىسىردىمۇ ئاچارچىلىق يۈز بەردى. خەلق پىرئەۋنگە يالۋۇرۇپ، ئاشلىق تەلەپ قىلدى. پىرئەۋن ئۇلارغا يۈسۈپنىڭ يېنىغا بېرىشنى ۋە ھەممە ئىشتا ئۇنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنۇشنى بۇيرۇدى.
56ئاچارچىلىق بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ، مىسىرنىڭ ھەممە يېرىنى قاپلاشقا باشلىدى. شۇڭا يۈسۈپ پۈتكۈل ئاشلىق ئامبارلىرىنى ئېچىپ، زاپاس ئاشلىقلارنى مىسىرلىقلارغا سېتىپ بەردى. 57ئەتراپتىكى دۆلەتلەردىكى كىشىلەرمۇ كېلىشىپ، يۈسۈپتىن ئاشلىق سېتىۋالدى. چۈنكى ھەممە يەردە ئاچارچىلىق يۈز بەرگەن بولۇپ، ئەھۋال ئىنتايىن ئېغىر ئىدى.

Highlight

Share

Copy

None

Want to have your highlights saved across all your devices? Sign up or sign in

Videos for ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 41