ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 42
42
يۈسۈپنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ مىسىرغا ئاشلىق ئالغىلى بېرىشى
1ياقۇپ مىسىردا ئاشلىق بارلىقىنى ئاڭلاپ، ئوغۇللىرىغا:
_ سىلەر بىر-بىرىڭلارغا قارىشىپلا تۇرامسىلەر! نېمىشقا بىر چىقىش يولى تاپمايسىلەر؟ 2ئاڭلىشىمچە مىسىردا ئاشلىق بار ئىكەن. ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كەتمەيلى. ئۇ يەرگە بېرىپ، بىرئاز ئاشلىق سېتىۋېلىپ ئەكېلىڭلار، _ دېدى.
3شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپنىڭ ئون ئاكىسى مىسىرغا ئاشلىق سېتىۋالغىلى باردى. 4لېكىن ياقۇپ يۈسۈپنىڭ ئىنىسى بىنيامىننى ئۇلار بىلەن بىرگە ئەۋەتمىدى. چۈنكى ياقۇپ ئۇنىڭ بىرەر يامانلىققا ئۇچراپ قېلىشىدىن قورقاتتى.
5ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرى ۋە باشقىلار ئاشلىق سېتىۋالغىلى مىسىرغا بېرىشتى. چۈنكى كەنئاندىمۇ ئاچارچىلىق ئېغىر بولغانىدى. 6يۈسۈپ مىسىرنىڭ باش ۋەزىرى بولغاچقا، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەنلەرگە ئاشلىق سېتىپ بېرىشكە مەسئۇل ئىدى. شۇڭا يۈسۈپنىڭ ئاكىلىرى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، بېشى يەرگە تەگكۈچە ئېگىلىپ تەزىم قىلدى. 7يۈسۈپ ئاكىلىرىنى كۆرۈپلا تونۇپ قالدى، لېكىن تونۇماسلىققا سېلىپ، ئۇلاردىن جىددىي قىياپەتتە:
_ سىلەر قەيەردىن كەلدىڭلار؟ _ دەپ سورىدى.
_ بىز كەنئاندىن ئاشلىق سېتىۋالغىلى كەلدۇق، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى ئۇلار.
8يۈسۈپ ئاكىلىرىنى تونۇغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار يۈسۈپنى تونۇمىغانىدى. 9ئۇ ئاكىلىرى توغرىسىدا كىچىك ۋاقتىدا كۆرگەن چۈشلىرىنى ئېسىگە ئېلىپ، مەقسەتلىك ھالدا ئۇلارغا:
_ سىلەر ئايغاقچى، مەملىكىتىمىزنىڭ ئاجىز يەرلىرىنى چارلىغىلى كەلدىڭلار! _ دېدى. 10ئۇلار:
_ ياق جانابلىرى، بىز ئاشلىق سېتىۋالغىلى كەلدۇق. 11بىز ئاكا-ئۇكىلار راستچىل ئادەملەرمىز، بىز ھەرگىز ئايغاقچى ئەمەس! _ دەپ جاۋاب قايتۇرۇشتى. 12يۈسۈپ ئۇلارغا:
_ ياق، سىلەر مەملىكىتىمىزنىڭ ئاجىز يەرلىرىنى چارلىغىلى كەلدىڭلار! _ دەپ چىڭ تۇرۇۋالدى. 13ئۇلار:
_ ئى جانابلىرى، بىز ئەسلىدە بىر ئاتىدىن ئون ئىككى قېرىنداش ئىدۇق. ئاتىمىز كەنئاندا تۇرىدۇ. ئەڭ كىچىك ئىنىمىز ئۇنىڭ يېنىدا قالدى، يەنە بىر ئىنىمىز يوقاپ كەتتى! _ دېدى. 14يۈسۈپ يەنە چىڭ تۇرۇپ:
_ ياق، مەن ھازىر ئېيتقاندەك، سىلەر راستتىنلا ئايغاقچى. 15سىلەرنىڭ سەمىمىيىتىڭلارنى سىناش ئۈچۈن پىرئەۋننىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، كىچىك ئىنىڭلار بۇ يەرگە كەلمىگۈچە، سىلەرنى ھەرگىز قويۇۋەتمەيمەن. 16ئاراڭلاردىن بىرىڭلار بېرىپ، ئۇنى ئېلىپ كېلىڭلار. گېپىڭلار ئىسپاتلانمىغۇچە، قالغانلىرىڭلار بۇ يەردە زىنداندا ياتىسىلەر. ئىنىڭلارنى ئەكېلەلمىسەڭلار، ھەممىڭلار چوقۇم ئايغاقچى! _ دېدى.
17شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى ئۈچ كۈن زىندانغا قاماپ قويدى. 18ئۈچىنچى كۈنى يۈسۈپ ئۇلارغا:
_ مەن خۇداغا ئىخلاسمەن ئادەممەن. ئەگەر سىلەر مېنىڭ شەرتىمنى قوبۇل قىلساڭلار، بىر قوشۇق قېنىڭلاردىن كېچىمەن. 19ئۆزۈڭلارنىڭ سەمىمىي ئادەم ئىكەنلىكىڭلارنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن بىر ئادىمىڭلارنى زىنداندا قالدۇرۇپ، قالغانلىرىڭلار ئالغان ئاشلىقلارنى ئېلىپ، ئائىلەڭلەردىكى ئاچارچىلىقتا قالغانلارغا يەتكۈزۈپ بېرىڭلار. 20ئاندىن كىچىك ئىنىڭلارنى بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، سۆزۈڭلارنىڭ راستلىقى ئىسپاتلىنىپ، ئۆلۈمدىن ئامان قالىسىلەر! _ دېدى.
ئۇلار بۇ شەرتنى قوبۇل قىلىپ، 21ئۆزئارا: «بۇرۇن بىز بىر ئىنىمىزغا زىيانكەشلىك قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن، بۈگۈن بىز بۇ جازاغا دۇچار بولدۇق! ئەينى چاغدا بىز ئۇنىڭ ئازابىنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ، يالۋۇرۇشلىرىنى ئاڭلاپ تۇرۇپمۇ پىسەنت قىلمىغانىدۇق. ئەمدى بىز بۇ بالا-قازاغا يولۇقتۇق!» دېيىشتى. 22رۇبېن ئۇلارغا:
_ مەن سىلەرگە: «بۇ بالىغا تەگمەيلى» دېسەم، ئاڭلىمىغانىدىڭلار. ئەمدى ئۇنىڭ قان قىساسىنى تۆلەيدىغان بولدۇق! _ دېدى.
23يۈسۈپ ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى چۈشەندى. ئاكىلىرى بولسا بۇنى بىلمەيتتى، چۈنكى يۈسۈپ ئۇلار بىلەن تەرجىمان ئارقىلىق سۆزلەشكەنىدى.
24يۈسۈپ ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ، يىغلاپ تاشلىدى. ئاندىن قايتىپ كىرىپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى شىموننى تۇتقۇزۇپ، ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇنى باغلاتتى.
يۈسۈپنىڭ ئاكىلىرىنىڭ كەنئانغا قايتىشى
25يۈسۈپ خىزمەتكارلىرىغا ئاكىلىرىنىڭ تاغارلىرىغا ئاشلىق تولدۇرۇپ بېرىشنى، ئاشلىققا تۆلىگەن پۇللىرىنى تاغارلىرىغا سېلىپ قويۇشنى ۋە ئۇلارغا ئوزۇق-تۈلۈك تەييارلاپ بېرىشنى بۇيرۇدى. ھەممە تەييارلىق پۈتكەندىن كېيىن، 26ئۇلار ئالغان ئاشلىقلىرىنى ئېشەكلىرىگە ئارتىپ، يولىغا راۋان بولدى. 27ئۇلار قونالغۇغا بارغاندا، ئارىسىدىن بىرى ئېشىكىگە يەم بېرىش ئۈچۈن تاغىرىنى ئېچىپ، پۇلىنىڭ تاغاردا تۇرغانلىقىنى كۆردى ۋە 28قېرىنداشلىرىغا:
_ ئۇلار پۇلۇمنى قايتۇرۇپ بېرىپتۇ. مانا تاغارنىڭ ئىچىدە تۇرىدۇ! _ دېدى. ئۇلار قورقۇپ، تىترەشكەن ھالدا ئۆزئارا: «بۇ خۇدانىڭ بىزگە نېمە قىلغىنىدۇ؟» دېيىشتى.
29ئۇلار كەنئانغا قايتىپ كېلىپ، ئاتىسى ياقۇپنىڭ ئالدىغا كىرىپ، ئۆتكەن ئىشلارنى بىر-بىرلەپ سۆزلەپ بەردى. 30ئۇلار مۇنداق دېدى:
_ مىسىرنىڭ باش ۋەزىرى بىزگە قاتتىق گەپ قىلىپ: «سىلەر زېمىنىمىزنى چارلاشقا كەلگەن ئايغاقچىلار» دەپ، بىزنى ئەيىبلىدى. 31بىز ئۇنىڭغا: «بىز ئايغاقچى ئەمەسمىز، سەمىمىي ئادەملەرمىز. 32بىز بىر ئاتىدىن جەمئىي ئون ئىككى قېرىنداش ئىدۇق، بىر ئىنىمىز يوقاپ كەتتى. ئەڭ كىچىك ئىنىمىز كەنئاندا ئاتىمىزغا ھەمراھ بولۇپ قالدى» دېدۇق. 33بىراق ئۇ: «سىلەرنىڭ سەمىمىيىتىڭلارنى سىنايمەن. بىر ئادىمىڭلارنى زىندانغا قامايمەن. قالغانلىرىڭلار ئالغان ئاشلىقىڭلارنى ئېلىپ، ئاچارچىلىقتا قالغان ئائىلەڭلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىڭلار. 34ئاندىن كىچىك ئىنىڭلارنى مېنىڭ يېنىمغا ئېلىپ كېلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، سىلەرنىڭ ئايغاقچى ئەمەس، بەلكى سەمىمىي ئادەم ئىكەنلىكىڭلارغا ئىشىنىپ، قېرىندىشىڭلارنى قايتۇرۇپ بېرىمەن. بۇ يەردە تۇرۇپ قېلىپ، سودا قىلساڭلارمۇ بولىدۇ» دېدى.
35كېيىن ئۇلار ئاشلىقلىرىنى تۆككەندە، ئۆز پۇللىرىنىڭ تاغاردا ئىكەنلىكىنى كۆرۈشتى. ئاتا-بالىلار پۇل قاپچۇقلىرىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن قورقۇشتى. 36ياقۇپ ئۇلارغا:
_ سىلەر بىر-بىرلەپ مېنى ھەممە ئوغۇللىرىمدىن جۇدا قىلماقچىمۇسىلەر؟ يۈسۈپ يوق بولدى، شىمونمۇ يوق بولدى. ئەمدى بىنيامىننىمۇ ئېلىپ كەتمەكچى بولۇۋاتامسىلەر؟ بالا-قازانىڭ ھەممىسى مېنىڭ بېشىمغىلا كېلەمدۇ؟ _ دېدى. 37رۇبېن ئاتىسىغا ۋەدە بېرىپ:
_ ئەگەر مەن بىنيامىننى قايتۇرۇپ ئەكەلمىسەم، مېنىڭ ئىككى ئوغلۇمنى ئۆلتۈرۈۋېتىڭ. كىچىك ئىنىمىز بىنيامىننى ماڭا ئامانەت قىلىڭ. مەن ئۇنى چوقۇم قايتۇرۇپ ئەكېلىمەن، _ دېدى. 38لېكىن ياقۇپ ئۇلارغا:
_ بۇ ئوغلۇم سىلەر بىلەن بارمىسۇن! ئۇنىڭ بىر قورساقتىن بولغان ئاكىسى ئۆلۈپ كېتىپ، يالغۇز قالدى. مۇبادا ئۇ يولدا بىرەر پىشكەللىككە يولۇقۇپ قالسا، مەن قېرىغىنىمدا ھەسرەت چېكىپ ئۆلۈپ كېتىمەن، _ دېدى.
Currently Selected:
ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 42: HZUT
Highlight
Share
Copy
Want to have your highlights saved across all your devices? Sign up or sign in
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti