YouVersion Logo
Search Icon

ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 43

43
يۈسۈپنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ بىنيامىننى مىسىرغا ئېلىپ بېرىشى
1كەنئاندىكى ئاچارچىلىق بارغانسېرى ئېغىرلاشتى. 2ياقۇپنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر مىسىردىن ئېلىپ كېلىنگەن ئاشلىقنى يەپ بولغاندىن كېيىن، ياقۇپ ئوغۇللىرىغا:
_ سىلەر يەنە مىسىرغا بېرىپ، بىرئاز ئاشلىق سېتىۋېلىڭلار، _ دېدى. 3يەھۇدا ئاتىسىغا:
_ بىراق ئۇ ئادەم بىزگە: «كىچىك ئىنىڭلارنى ئېلىپ كەلمىگۈچە، يۈزۈمگە قارىغۇچى بولماڭلار» دېگەنىدى. 4ئەگەر سىز كىچىك ئىنىمىزنى بىز بىلەن بىرگە ئەۋەتسىڭىز، بارىمىز، 5بولمىسا بارمايمىز. چۈنكى ئۇ كىشى بىزگە: «كىچىك ئىنىڭلانى ئېلىپ كەلمىگۈچە، يۈزۈمگە قارىغۇچى بولماڭلار» دېگەنىدى، _ دېدى. 6ياقۇپ ئۇلارغا:
_ سىلەر نېمىشقا مېنى بۇنداق قىينايسىلەر؟ نېمە ئۈچۈن ئۇ كىشىگە: «ئۆيدە يەنە بىر ئىنىمىز بار» دەپ ئېيتتىڭلار؟ _ دېدى. 7ئۇلار مۇنداق جاۋاب بەردى:
_ ئۇ كىشى بىزنى ۋە ئائىلىمىزنىڭ ئەھۋالىنى كوچىلاپ سۈرۈشتۈرۈپ: «ئاتاڭلار ھاياتمۇ؟ يەنە باشقا قېرىنداشلىرىڭلار بارمۇ؟» دەپ سورىدى. بىز ئۇنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرمىسەك بولمايتتى. بىز ئۇنىڭ: «كىچىك ئىنىڭلارنى ئېلىپ كېلىڭلار» دەيدىغانلىقىنى نەدىن بىلەتتۇق؟ 8يەھۇدا ئاتىسىغا:
_ بىنيامىننى ماڭا تاپشۇرۇڭ. بىز دەرھال يولغا چىقايلى. شۇنداق قىلىپ، بىز، سىز ۋە بالىلىرىمىز ئاچارچىلىقتىن ئامان قالايلى، ئۆلۈپ كەتمەيلى! 9كىچىك ئىنىمغا مەن كېپىل بولاي، پۈتۈن جاۋابكارلىقنى ئۈستۈمگە ئالاي. مەن ئۇنى ئامان-ئېسەن قايتۇرۇپ كېلىپ، ئۆز قولىڭىزغا تاپشۇرمىسام، ئۆمۈرۋايەت گۇناھكار بولۇپ ئۆتەي! 10ئەگەر بىز ۋاقىتنى كەينىگە سۈرمىگەن بولساق، بۇ چاغقىچە ئىككى قېتىم بېرىپ كېلەتتۇق، _ دېدى.
11ياقۇپ ئۇلارغا:
_ ئۇنداق بولسا، باش ۋەزىرگە مەلھەم، ھەسەل، دورا-دەرەك، مۇرمەككى، پىستە-بادام قاتارلىق ھەر خىل ئەڭ ياخشى يەرلىك مەھسۇلاتلارنى سوۋغا سۈپىتىدە ئالغاچ بېرىڭلار. 12يەنە بىر ھەسسە ئارتۇق پۇل ئالغاچ بېرىپ، ئالدىنقى قېتىم تاغارلىرىڭلارغا سېلىپ قويغان پۇللارنى قايتۇرۇپ بېرىڭلار. ئېھتىمال بۇ ئىشتا سەۋەنلىك كۆرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن. 13ئىنىڭلارنىمۇ ئۇ كىشىنىڭ يېنىغا تېزدىن ئېلىپ بېرىڭلار. 14ھەممىگە قادىر خۇدا ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بېرىپ، بىنيامىن بىلەن شىموننى سىلەرگە قوشۇپ قايتۇرغاي. ناۋادا تەقدىر بالىلىرىمنى مەندىن ئايرىۋەتسە، ئامالىم يوق! _ دېدى.
15شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تەييارلىغان سوۋغاتلىرىنى، بىر ھەسسە ئارتۇق پۇل ۋە بىنيامىننى ئېلىپ، يولغا چىقتى. ئۇلار مىسىرغا بارغاندىن كېيىن، يۈسۈپ بىلەن كۆرۈشتى. 16بىنيامىننىڭ ئۇلار بىلەن بىرگە كەلگەنلىكىنى كۆرگەن يۈسۈپ غوجىدارىغا:
_ بۇ كىشىلەرنى ئۆيۈمگە ئېلىپ بار. ئۇلار چۈشلۈك تاماقتا مەن بىلەن بىرگە بولىدۇ. سىلەر بىر مال سويۇپ، زىياپەت تەييارلاڭلار، _ دېدى.
17غوجىدار بۇيرۇققا بىنائەن ئۇلارنى يۈسۈپنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ باردى. 18ئۇلار غوجىدار تەرىپىدىن يۈسۈپنىڭ ئۆيىگە باشلاپ بېرىلغانلىقىدىن ئىنتايىن قورقۇشۇپ: «بىزنى چوقۇم ئالدىنقى قېتىمقى تاغارلىرىمىزدىكى پۇللار سەۋەبىدىن بۇ يەرگە ئېلىپ كەلدى. ئېھتىمال ئۇلار بىزگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، ئېشەكلىرىمىزنى تارتىۋېلىپ، بىزنى قۇل قىلىشى مۇمكىن!» دېيىشتى، 19ھەمدە ئۇلار يۈسۈپنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا بېرىش بىلەنلا غوجىدارغا:
20_ تەقسىر، ئالدىنقى قېتىم بىز بۇ يەرگە ئاشلىق ئالغىلى كەلگەنىدۇق. 21ئۆيگە قايتىش يولىمىزدا قونىدىغان يەرگە كېلىپ تاغارلارنى ئاچساق، پۇللىرىمىزنىڭ تاغارلىرىمىزدا ئۆز پېتى تۇرغانلىقىنى كۆردۇق. ھازىر بۇ پۇللارنى قايتۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن ئەكەلدۇق. 22بۇنىڭدىن باشقا بىز يەنە ئاشلىق سېتىۋالىدىغانغىمۇ پۇل ئەكەلدۇق. ئالدىنقى قېتىم تاغارلىرىمىزغا پۇللارنى كىم سېلىپ قويدىكىن بىلمىدۇق، _ دېيىشتى. 23غوجىدار ئۇلارغا:
_ قورقماڭلار، قورقماڭلار! پۇللىرىڭلارنى مەن تاپشۇرۇپ ئالغانىدىم. ئۇنى تاغارلىرىڭلارغا چوقۇم خۇدا، يەنى ئاتاڭلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا سېلىپ قويغان ئوخشايدۇ، _ دېدى ۋە شىموننى زىنداندىن ئېلىپ چىقتۇرۇپ، ئۇلارغا تاپشۇرۇپ بەردى.
24غوجىدار ئۇلارنى يۈسۈپنىڭ ئۆيىگە باشلاپ كىرىپ، پۇتلىرىنى يۇيۇشقا سۇ، ئېشەكلىرىگە يەم بەردى. 25ئۇلار سوۋغاتلارنى تەييارلاپ، چۈشتە يۈسۈپ كەلگەندە ئۇنىڭغا تەقدىم قىلىش ئۈچۈن كۈتۈپ تۇردى. چۈنكى ئۇلار يۈسۈپ بىلەن چۈشلۈك تاماقتا بىرگە بولىدىغانلىقىنى ئاڭلىغانىدى. 26يۈسۈپ ئۆيگە كەلگەندە، ئۇلار باشلىرىنى يەرگە تەگكۈچە ئېگىپ تەزىم قىلىپ، سوۋغاتلارنى تەقدىم قىلدى. 27يۈسۈپ ئۇلار بىلەن سالاملاشقاندىن كېيىن:
_ سىلەر ماڭا ياشىنىپ قالغان ئاتاڭلار توغرۇلۇق گەپ قىلغانىدىڭلار. ئۇ كىشىنىڭ ئەھۋالى قانداق، ھاياتمۇ؟ _ دەپ سورىدى. 28ئۇلار جاۋابەن:
_ بىز كەمىنىلىرىنىڭ ئاتىسى ھايات ۋە ياخشى تۇرۇۋاتىدۇ، _ دەپ، باشلىرىنى قايتا يەرگە تەگكۈچە ئېگىپ تەزىم قىلدى.
29يۈسۈپ بىر ئانىدىن بولغان ئىنىسى بىنيامىننى كۆرۈپ:
_ سىلەر ماڭا ئېيتقان ھېلىقى ئەڭ كىچىك ئىنىڭلار مۇشۇمۇ؟ ئەي ئوغلۇم، خۇدا ساڭا بەخت ئاتا قىلغاي، _ دېدى.
30يۈسۈپ ئۆز ئىنىسىنى كۆرۈش بىلەنلا ھېسسىياتىنى باسالماي، كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ئۈن سېلىپ يىغلىۋەتكىلى تاس قالدى. شۇڭا ئۇلارنىڭ يېنىدىن چىقىپ، ئۆز ھۇجرىسىغا كىرىپ بىرھازاغىچە كۆز يېشى قىلدى. 31ئاندىن ئۇ يۈزىنى يۇيۇپ، ھېسسىياتىنى بېسىپ، قايتىپ كىرىپ، خىزمەتكارلىرىغا تاماق ئەكىرىشكە بۇيرۇدى.
32يۈسۈپ ئۆزى يالغۇز بىر داستىخاندا، قېرىنداشلىرى ئايرىم بىر داستىخاندا ئولتۇردى. زىياپەتتە بىللە بولغان مىسىرلىقلار يەنە بىر داستىخاندا ئولتۇردى. چۈنكى مىسىرلىقلار ئىبرانىيلار بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرۇشنى تۆۋەن كۆرەتتى. 33يۈسۈپ قېرىنداشلىرىنى ئۆزىگە قارىتىپ، چوڭ-كىچىك تەرتىپى بويىچە ئولتۇرغۇزدى. بۇنى كۆرگەن ئاكا-ئۇكىلىرى ھاڭ-تاڭ بولغىنىدىن بىر-بىرىگە قارىشىپ قويۇشتى. 34تاماق ئۇلارغا يۈسۈپنىڭ داستىخىنىدىن بۆلۈپ بېرىلدى. بىنيامىنغا باشقىلاردىن بەش ھەسسە ئارتۇق بېرىلدى. ئۇلار يۈسۈپ بىلەن بىر سورۇندا يەپ-ئىچىپ، ئىنتايىن خۇشال بولۇشتى.

Highlight

Share

Copy

None

Want to have your highlights saved across all your devices? Sign up or sign in

Videos for ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 43