تاماقتىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا سىمۇن پېترۇستىن:
- يۇھاننا ئوغلى سىمۇن، سەن مېنى بۇلاردىنمۇ چوڭقۇر سۆيەمسەن؟ - دەپ سورىدى.
- شۇنداق رەببىم، مېنىڭ سىزنى سۆيىدىغانلىقىمنى سىز بىلىسىز! - دېدى پېترۇس.
ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا:
- ئۇنداقتا، قوزىلىرىمنى ئوتلات! - دېدى.
ئىككىنچى قېتىم يەنە ئۇنىڭدىن:
- يۇھاننا ئوغلى سىمۇن، مېنى سۆيەمسەن؟ - دەپ سورىدى.
پېترۇس يەنە:
- شۇنداق، رەببىم، مېنىڭ سىزنى سۆيىدىغانلىقىمنى بىلىسىز، - دېدى.
ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا:
- ئۇنداقتا، قويلىرىمنى باق، - دېدى.
ئۈچىنچى قېتىم يەنە:
- يۇھاننا ئوغلى سىمۇن، مېنى سۆيەمسەن؟ - دەپ سورىدى.
پېترۇس ھەزرىتى ئەيسانىڭ بۇ سوئالنى ئۈچ قېتىم سورىغانلىقىغا كۆڭلى بىر قىسما بولۇپ:
- رەببىم، سىز ھەممىنى بىلىسىز، سىزنى سۆيىدىغانلىقىمنىمۇ بىلىسىز، - دېدى.
ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا:
- ئۇنداقتا، قويلىرىمنى ئوتلات.