ئاندىن ئۇ خۇداغا قەسەم قىلىپ:
_ ئەگەر سەن ماڭا يار بولۇپ، سەپىرىمدە مېنى قوغداپ، يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك ئاتا قىلىپ، يۇرتۇمغا ئامان-ئېسەن قايتۇرۇپ ئاپارساڭ، ساڭا مەڭگۈ ئەگىشىمەن. مەن خاتىرە تاش تىكلەپ قويغان بۇ جاي ئىنسانلار ساڭا ئىبادەت قىلىدىغان مۇقەددەس جاي بولىدۇ. ماڭا بېغىشلىغانلىرىڭنىڭ ئوندىن بىرىنى ساڭا ئاتايمەن، _ دېدى.