Logo YouVersion
Ikona Hľadať

ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 23

23
ئىبراھىمنىڭ سارەنى دەپنە قىلىشى
1سارە 127 ياش ئۆمۈر كۆردى. 2ئۇ كەنئاننىڭ قىريات-ئاربا، يەنى ھىبرون دېگەن جايىدا ئالەمدىن ئۆتتى. ئىبراھىم ئۇنىڭغا ھەسرەت بىلەن يىغا-زار قىلدى. 3ئىبراھىم ئايالىنىڭ مېيىتىنىڭ يېنىدىن چىقىپ، خىتلارنىڭ يېنىغا باردى ۋە ئۇلارغا:
4_ مەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ياشاۋاتقان ياقا يۇرتلۇق مۇساپىرمەن. ئايالىمنى دەپنە قىلىش ئۈچۈن ماڭا بىر پارچە يەر سېتىپ بەرسەڭلار، _ دېدى. 5‏-6ئۇلار ئىبراھىمغا:
_ جانابلىرى، قۇلاق سالسىلا! سىلى بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بىر ئادەم، ئاياللىرىنى ئەڭ ياخشى يەرلىكلىرىمىزدىن بىرىگە دەپنە قىلغايلا. ھېچقايسىمىز سىلىدىن قەبرىلىك يەر ئايىمايمىز، _ دېدى. 7ئىبراھىم ئۇلارغا تەزىم قىلىپ:
8_ ئەگەر سىلەر ئايالىمنى بۇ يەرگە دەپنە قىلىشىمغا رازى بولساڭلار، زوخارنىڭ ئوغلى ئەفروندىن 9ماكپېلا دېگەن يەردىكى ئۆڭكۈرىنى ماڭا سېتىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلساڭلار. ئۇ ئۆڭكۈر ئۇنىڭ ئېتىزىنىڭ چېتىدە. ئۇ سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا ئۆڭكۈرگە باھا قويۇپ بەرسە، ئۇ ئۆڭكۈرنى سېتىۋېلىپ ئائىلەمگە قەبرىستانلىق قىلاي دەيمەن، _ دېدى.
10شۇ چاغدا ئەفرون باشقا خىتلار بىلەن بىرگە شەھەر دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا ئولتۇراتتى. ئۇ كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا:
11_ جانابلىرى، قۇلاق سالغايلا، مەن ئېتىزىمنى ئۆڭكۈر بىلەن قوشۇپ سىلىگە بېرەي. كۆپچىلىك ئالدىدا ئۇنى سىلىگە سوۋغا قىلاي. ئاياللىرىنى ئۇ يەرگە دەپنە قىلغايلا، _ دېدى.
12لېكىن ئىبراھىم ئولتۇرغان ھەممە خىتلارغا تەزىم قىلىپ، 13ھەممە ئادەمگە ئاڭلىتىپ تۇرۇپ، ئەفرونغا:
_ سۆزۈمگە قۇلاق سېلىپ، پۇلۇمنى قوبۇل قىلىپ، ئايالىمنى ئۇ يەرگە دەپنە قىلىشقا رۇخسەت قىلغايلا، _ دېدى.
14ئەفرون جاۋاب قايتۇرۇپ:
15_ جانابلىرى، ئۇ يەر ئاران 400 كۈمۈش تەڭگىگە ئەرزىيدۇ. بۇ سىلى بىلەن مېنىڭ ئارامدا قانچىلىك بىر ئىش ئىدى. ئاياللىرىنى ئۇ يەرگە دەپنە قىلىۋەرگەيلا، _ دېدى.
16ئىبراھىم ئەفروننىڭ كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ئېيتقىنى بويىچە ئۇنىڭغا يەرلىكلەرنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە 400 كۈمۈش تەڭگە تۆلەپ بەردى.
17شۇنداق قىلىپ، ئەفرون مامرەنىڭ شەرقىي تەرىپىگە جايلاشقان ماكپېلادىكى ئۇ يەرنى ئىبراھىمنىڭ ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتكۈزۈپ بەردى. ئۇ يەر ئېتىز، ئۆڭكۈر ۋە ئېتىز قىرىدىكى دەل-دەرەخلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. 18شەھەر دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا توپلانغان خىتلارنىڭ ھەممىسى بۇ يەرنىڭ ئەمدى ئىبراھىمغا مەنسۇپ بولغانلىقىغا گۇۋاھ بولدى.
19شۇنداق قىلىپ، ئىبراھىم ئايالى سارەنى كەنئاننىڭ ماكپېلا دېگەن يېرىدىكى ئاشۇ ئۆڭكۈرگە دەپنە قىلدى.
20خىتلارغا مەنسۇپ بولغان بۇ ئېتىز ۋە ئېتىزلىقتىكى ئۆڭكۈر ئەمدى ئىبراھىمنىڭ قەبرىستانلىقى بولۇپ، ئۇنىڭ خۇسۇسىي مۈلكىگە ئايلانغانىدى.

Zvýraznenie

Zdieľať

Kopírovať

None

Chceš mať svoje zvýraznenia uložené vo všetkých zariadeniach? Zaregistruj sa alebo sa prihlás